ياسۇكۇنى قەبرىستانلىقى ياپون مىللەتچىلىكىنىڭ بەلگىسىمۇ ياكى تارىخمۇ؟

0:00 / 0:00

ب ب س نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئىككىنجى دۇنيا ئۇرۇشى ئاياغلاشقانلىقىنىڭ خاتىرە كۈنى بولغان 8 ‏- ئاينىڭ 15 ‏- كۈنى خىتاي ۋە كورىيە ئۈچۈن ئېيتقاندا تېخىمۇ كۆپ ئەھمىيەتكە بىر كۈن. بۇ دۆلەتلەر مۇشۇ كۈندە ياپونىيىنىڭ مۇستەملىكىچىلىكتن قۇتۇلۇپ ئۆز دۆلىتىنىڭ مۇستەقىللىقىنى ئەسلىگە كەلتۈرگەن ئىدى.

ياسۇكۇنى قەبرىستانلىقىنى زىيارەت قىلىڭشقا قارشىلىقلار

بۇيىل ئىككىنجى دۇنيا ئۇرۇشى ئاياغلاشقانلىقىنىڭ خاتىرە كۈنى بولغان مۇشۇ كۈننىڭ ھارپىسىدا خىتاي، كورىيە، تەيۋەن ۋە خوڭكوڭلۇقلاردا يەنە، ياپونىيىنىڭ باش مىنىستىرى جۇنىشىرو كويزۇمى ئەپەندىنى "ياسۇكۇنى قەبرىستانلىقىنى زىيارەت قىلىدۇ " دەپ نارازىلىق بىلدۈرىدىغان ھەرىكەتلەر يۈز بەردى. جەنۇبىي كورىيىنىڭ تاشقى ئىشلار تارماقلىرى كويزۇمىنى ئالدىن ئاگاھلاندۇردى، تەيۋەندىكى گومىنداڭ پارتىيىسىمۇ كويزۇمىغا ئالدىن ئالا نارازىلىق بىلدۈردى. خوڭكوڭلىقلار ياپونغا قارشى ھېسىيات ئىپادىلەش ئۈچۈن شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيالىقلاردىن پايدىلىنىپ سەنكاكۇ ئارىلىغا بېرىشقا تەييارلاندى. ئەمما ئۆزىنىڭ يەرلىك ئەنئەنىۋىي كىيىملىرى كېيىپ ھەرىكەت قىلغان تەيۋەنلىكلەرنى بىر قىسىم كورىيىلىكلەر قوللىغان ئىدى، شۇڭلاشقا تەيۋەننىڭ ۋە جەنۇبى كورىيىنىڭ ئۇچۇر تارماقلىرى بۇ مەسىلىگە كەلگەندە بىر ئاز تېڭىرقاپ قالدى. خىتاي ھۆكۈمىتى بولسا "شىنخۇا ئاگېنتلىقى" ئارقىلىق "جۇنىشىرو كويزۇمى ياسۇكۇنى قەبرىستانلىقىنى زىيارەت قىلىدۇ" دەپ خەۋەر تارقىتىپ، بۇ ئارقىلىق ياپونغا قارشى خىتاي مىللەتچىلىكىنى قوزغاشقا تىرىشتى.

ياپونىيىدىكى راي سىناش

ياپونلارنىڭ خىتايغا بولغان رايىنى سىناشنى 1988 ‏- يىلىدىن باشلاپ داۋاملاشتۇرۇپ كېلىۋاتقان "ئاساشى شىنبۇن" گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، يېقىنقى بىر نەچچە كۈن ئىچىدە 1867 نەپەر ياپون پۇقراسى دائىرىسىدە ئېلىپ بېرىلغان راي سىناشنىڭ نەتىجىسىگە قارىغاندا، 65% ئادەم خىتايلارغا ئىشىنىشكە بولمايدۇ، دەپ قارايدىكەن؛ 29% ئادەم خىتايلارغا ئىشىنىشكە بولىدۇ دەپ قارايدىكەن؛ 5% ئادەم ھازىرچە ئېنىق بىرنېمە دېيىش قېيىن دەپ قارايدىكەن. 66% ئادەم ھازىر ياپون-خىتاي مۇناسىۋىتى بەك ناچار ، دەپ قارايدىكەن؛ 50% ئادەمدە خىتاينىڭ قالدۇرغان تەسىرى ياخشى ئەمەس ئىكەن؛ 27 % ئادەم ھازىرقى ياپون-خىتاي مۇناسىۋىتى يامان ئەمەس، ئەمما جۇنىشىرو كويزۇمىنىڭ ياسۇكۇنى قەبرىستانلىقىنى زىيارەت قىلىشى خىتاي، تەيۋەن، خوڭكوڭلاردا ياپونغا قارشى بىرلىكسەپ تۈزۈلۈشىگە سەۋەبچى بولماسلىقى كېرەك دەپ قارايدىكەن.

فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ 8 ‏- ئاينىڭ 14 ‏- كۈنى توكيودىن خەۋەر قىلىشىچە، ياپونىيىنىڭ باش مىنىستىرى جۇنىشىرو كويزۇمىنىڭ ھەر يىلى ياسۇكۇنى قەبرىستانلىقىنى زىيارەت قىلىپ تۇرۇشى ئەتراپتىكى خوشنا دۆلەتلەرنىڭ جىددىي قارشىلىقىنى قوزغاپ كەلمەكتە. 8 ‏- ئاينىڭ 15 ‏- كۈنى ئىككىنجى دۇنيا ئۇرۇشىدا ياپونىيە تەسلىم بولغان كۈن. بۇ خاتىرە كۈننىڭ ھارپىسىدا يەنە خىتاي، كورىيە، تەيۋەن، خوڭكوڭلاردا جۇنىشىرو كويزۇمىنى "ياسۇكۇنى قەبرىستانلىقىنى زىيارەت قىلىپ، ئۇنىڭدىكى ئۇرۇش جىنايەتچىلىرىنىڭ روھىنى چاقىرىدۇ" دەپ جىددىي قارشىلىق ئىپادىلەيدىغان ھەرىكەتلەر يۈز بەردى.

ياپونىيىلىكلەر "ياسۇكۇنى قەبرىستانلىقى" نى ھېچقاچان "ئۇرۇش جىنايەتچىلىرى قەبرىستانلىقى" دەپ قارىغان ئەمەس

خەۋەردە بايان قىلىنىشىچە، ياپونىيىنىڭ توكيو شەھىرىدىكى ياسۇكۇنى قەبرىستانلىقى، ئەمەلىيەتتە ياپون مىللەتچىلىكىنىڭ بەلگىسى ئەمەس، بەلكى بۇ بىر تارىخ. ياسۇكۇنى قەبرىستانلىقى 1869 ‏- يىلى بىنا قىلىنغان. شۇنىڭدىن باشلاپ ئۇ ياپونىيىدە بىرخىل دىنىي تۈس ئالغان ھالدا مەۋجۇت. ياپونىيىنىڭ باش مىنىستىرلىرى ياسۇكۇنى قەبرىستانلىقىنى ئامېرىكىنىڭ ئاساسىي قانۇنىغا 1947 ‏- يىلى قوشۇلغان مۇناسىۋەتلىك ماددىلارغا ئاساسەن زىيارەت قىلىپ كېلىۋاتىدۇ. ھازىرغا قەدەر بۇ قەبرىستانلىقنى زىيارەت قىلغان ياپونىيە باش مىنىستىرلىرىنىڭ سانى 12 نەپەر گە يەتتى.

خەۋەردە بايان قىلىنىشىچە، ياپونىيىنىڭ توكيو شەھىرىدىكى "ياسۇكۇنى قەبرىستانلىقى" نى ياپونلار ھېچقاچان "ئۇرۇش جىنايەتچىلىرى قەبرىستانلىقى" دېگەن مەنىدە چۈشەنمەيدۇ، بەلكى ئۇنى "قەھرىمانلارنىڭ روھى تىنچ تۇرىدىغان جاي" دەپ چۈشىنىدۇ. ياپونچە "ياسۇكۇنى جىنجا" دېگەن سۆزنىڭ لۇغەت مەنىسىمۇ پەقەت ياپونىيە ئۈچۈن ئۇرۇش قىلغان جەڭچىلەرنىڭ روھى تۇرىۋاتقان تىنچ جاي دېگەندىن ئىبارەت. 2004 ‏- يىلى 10 ‏- ئايدا تىزىملاپ چىققان سانغا ئاساسلانغاندا، بۇ قەبرىستانلىققا دەپنە قىلىنغان جەڭچى سانى 2 مىليون 466 مىڭ 532. بۇنىڭ ھەممىسى ياپون ئەمەس، بۇنىڭ ئىچىدە ياپونىيە ئۈچۈن ئۇرۇش قىلىپ ھاياتىدىن ئايرىلغان 28 مىڭ تەيۋەنلىك ۋە 21 مىڭ كورىيىلىك بار. يەنە شۇنىسىمۇ ئېنىقكى، بۇ قەبرىستانلىقتىكى ئەرۋاھلارنىڭ ھەممىسى ۋەتەن قەھرىمانلىرى ئەمەس. 2 ‏- دۇنيا ئۇرۇشى سوت مەھكىمىسىنىڭ 1978 ‏- يىلى ھۆكۈم چىقىرىشىچە، بۇنىڭ ئىچىدە 1068 نەپەر ئۇرۇش جىنايەتچىسى بار. بۇنىڭ 14ى خۇددى ئامېرىكىنىڭ ھۇنۇنۇلۇدىكى پېرل خاربور پورتىغا ئۇشتۇمتۇت ھۇجۇم قىلغان گېنېرال خېدىكى توجو دەك 1 ‏- دەرىجىلىك ئۇرۇش جىنايەتچىسى. ئەمما ئومۇمى سانغا قارىغىنىمىزدا، ئۇنىڭ مۇتلەق كۆپ سانلىقى پۈتۈنلەي ۋەتەن قەھرىمانلىرى، ئۇرۇش جىنايەتچىلىرىنىڭ سانى ناھايىتى ئاز. ياپونىيىنىڭ باش مىنىستىرى جۇنىشىرو كويزۇمى ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇ ياسۇكۇنى قەبرىستانلىقىغا ئۇرۇش جىنايەتچىلىرىنى يوقلاش ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى ياپونىيە ئۈچۈن ھاياتىنى قۇربان قىلغان قەھرىمانلارنىڭ روھىغا دۇئا قىلىش ئۈچۈن بارىدۇ. (ۋەلى)