0:00 / 0:00
"قەشقەر ئەدەبىياتى" ژورنىلىنىڭ 2004-يىللىق 5- سانىدا يازغۇچى نۇرمۇھەممەت ياسىننىڭ "ياۋا كەپتەر" ناملىق ئەسىرى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، خىتاي ھۆكۈمىتى ئاپتورنى شۇ ئەسىرى مۇناسىۋىتى بىلەن 10 يىللىق قاماققا ئالغان ئىدى.
شۇنىڭدىن كېيىن نۇرمۇھەممەت ياسىن ئۆركىشىنىڭ "ياۋا كەپتەر" ناملىق ئەسىرى ئېنگلىزچە، خىتايچە ۋە تۈركچىگە تەرجىمە قىلىنىپ، تارقىتىلدى. "ياۋا كەپتەر" نىڭ ئۇيغۇرچە نۇسقىسى يېقىندا قىرغىزىستان ئۇيغۇر ئىتتىپاقىنىڭ “ئىتتىپاق” گېزىتىدە ئېلان قىلغاندىن كېيىن، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئۇيغۇرلار بۇ ھەقتە مۇھاكىمە قىلىشقان باشلىدى.
بۇ ھەقتىكى تەپسىلى مەلۇماتلارنى، قازاقىستاندىكى ئىختىيارى مۇخبىرىمىز ئابدۇللادىن ئاڭلاڭ.