"ياۋا كەپتەر" ناملىق ھېكايە كىتاب بولۇپ نەشىر قىلىندى
2008.02.13

ياش ئۇيغۇر يازغۇچىسى نۇرمەمەت ياسىن 2004-يىلى يازغان `ياۋا كەپتەر` ناملىق ھېكايە قەشقەر ئەدەبىياتىنىڭ 5-سانىدا نەشىر قىلىنغاندىن كېيىن، يازغۇچى خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن بۆلگۈنچىلىك بىلەن ئەيىبلىنىپ 9 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان ئىدى.
بۇ ھېكايە ھازىرغىچە كۆپ تىللارغا تەرجىمە قىلىنغان بولسىمۇ، تېخىغىچە كىتاب ھالىدا نەشىر قىلىنمىغان ئىدى. يېقىندا، قەيسەرىدە تۇرۇشلۇق تەتقىقاتچى يازغۇچى مەھمەت ئېمىن باتۇر بۇ ھېكايىنى ئۇيغۇرچىدىن تۈركچىگە تەرجىمە قىلىپ، 3 تىلدا، بىر كىتاب شەكلىدە نەشىر قىلدۇردى.
كىتابنىڭ كىرىش سۆز قىسمىدا، ئۇيغۇرلارنىڭ قىسقىچە تارىخى، ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتى ھەققىدە مەلۇمات بەرگەندىن كېيىن "كاۋا كەپتەر" ناملىق ھېكايە ھەققىدە قىسقىچە مەلۇمات بېرىلگەن، شۇنداقلا نۇرمەمەت ياسىننىڭ ھاياتىمۇ ئاڭلىتىلغان. كېيىن ھېكايىنىڭ ئۇيغۇرچىسى، تۈركچە ۋە ئىنگىلىزچە تەرجىمىسىگە يەر بېرىلگەن. كىتاب 67 بەتتىن تەركىپ تاپقان بولۇپ، كىتاب ھەقسىز تارقىتىلىۋاتقان ئىكەن. ئەگەر بۇ كىتابنى ئېلىشنى خالىغانلار www.hurgokbayrak.com ئادرىسىگە كىرىپ، كىتابنى تەييارلىغان مەھمەت ئېمىن باتۇر ئەپەندى بىلەن ئالاقە باغلىسا بولىدۇ.
بىز بۇ كىتاب ھەققىدە تەپسىلى مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن بۇ كىتابنى تەييارلىغان مەھمەت ئېمىن باتۇر ئەپەندى بىلەن تېلېفون زىيارىتى ئېلىپ باردۇق.
يۇقىرىدىكى ئۇلىنىشتىن، مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىمنىڭ مەزكۇر زىيارىتىنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىز.
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- "تۈركىستان ئەدەبىياتىدىن پارچىلار" ناملىق ئەسەر توغرىسىدا
- سەئۇدى ئەرەبىستان ھۆكۈمەت مەتبەئەسىدە بېسىلغان تۇنجى ئۇيغۇرچە كىتاب
- مەھمۇت قەشقىرى يىلى ۋە 1000 ئالتۇن مۇكاپات
- تاجىكىستانلىق ئالىم شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى ھەققىدە كىتاب يازدى
- ئوسمان باتۇر رومانى تۈركىيىدە نەشىر قىلىندى
- شائىرە --- زەينۇرە خانىم بىلەن " شېھىدلەر ئۆلمەس" ناملىق شېئىرى ھەققىدە سۆھبەت
- ئابدۇل ئەزىز چىڭگىزخان داموللامنىڭ "تۈركىستان ئاسىيانىڭ قەلبى" ناملىق ئەسىرى ھەققىدە
- رۇسىيىدە يېڭى نەشىر قىلىنغان شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ھەققىدىكى كىتابلار
- ۋاڭ لىشيۇڭ ئەپەندى "مىنىڭ غەربىي دىيارىم، سىنىڭ شەرقىي تۈركىستانىڭ" ناملىق كىتابى ھەققىدە ئىزھات بەردى
- ئۇيغۇر مەسىلىسى ياپونىيە مەتبۇئاتلىرىدا
- شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ھەققىدە غەرب دۇنياسىدا مەيدانغا كەلگەن ئەسەرلەر
- سېنىڭ شەرقىي تۈركىستانىڭ - مېنىڭ غەربىي دىيارىم
- ئالماتادا نەشر قىلىنغان " ئۇيغۇر زېمىنىدا " ناملىق كىتابتا نېمىلەر بايان قىلىنغان؟ (3)
- ئالماتادا نەشر قىلىنغان " ئۇيغۇر زېمىنىدا " ناملىق كىتابتا نېمىلەر بايان قىلىنغان؟ (2)
- تۈرك دۇنياسى شېئىر كۈنلىرىدە ئۇيغۇر مەسىلىسى









