
ياش ئۇيغۇر يازغۇچىسى نۇرمەمەت ياسىن 2004-يىلى يازغان `ياۋا كەپتەر` ناملىق ھېكايە قەشقەر ئەدەبىياتىنىڭ 5-سانىدا نەشىر قىلىنغاندىن كېيىن، يازغۇچى خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن بۆلگۈنچىلىك بىلەن ئەيىبلىنىپ 9 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان ئىدى.
بۇ ھېكايە ھازىرغىچە كۆپ تىللارغا تەرجىمە قىلىنغان بولسىمۇ، تېخىغىچە كىتاب ھالىدا نەشىر قىلىنمىغان ئىدى. يېقىندا، قەيسەرىدە تۇرۇشلۇق تەتقىقاتچى يازغۇچى مەھمەت ئېمىن باتۇر بۇ ھېكايىنى ئۇيغۇرچىدىن تۈركچىگە تەرجىمە قىلىپ، 3 تىلدا، بىر كىتاب شەكلىدە نەشىر قىلدۇردى.
كىتابنىڭ كىرىش سۆز قىسمىدا، ئۇيغۇرلارنىڭ قىسقىچە تارىخى، ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتى ھەققىدە مەلۇمات بەرگەندىن كېيىن "كاۋا كەپتەر" ناملىق ھېكايە ھەققىدە قىسقىچە مەلۇمات بېرىلگەن، شۇنداقلا نۇرمەمەت ياسىننىڭ ھاياتىمۇ ئاڭلىتىلغان. كېيىن ھېكايىنىڭ ئۇيغۇرچىسى، تۈركچە ۋە ئىنگىلىزچە تەرجىمىسىگە يەر بېرىلگەن. كىتاب 67 بەتتىن تەركىپ تاپقان بولۇپ، كىتاب ھەقسىز تارقىتىلىۋاتقان ئىكەن. ئەگەر بۇ كىتابنى ئېلىشنى خالىغانلار www.hurgokbayrak.com ئادرىسىگە كىرىپ، كىتابنى تەييارلىغان مەھمەت ئېمىن باتۇر ئەپەندى بىلەن ئالاقە باغلىسا بولىدۇ.
بىز بۇ كىتاب ھەققىدە تەپسىلى مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن بۇ كىتابنى تەييارلىغان مەھمەت ئېمىن باتۇر ئەپەندى بىلەن تېلېفون زىيارىتى ئېلىپ باردۇق.
يۇقىرىدىكى ئۇلىنىشتىن، مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىمنىڭ مەزكۇر زىيارىتىنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىز.