3 - ئۆكتەبىر كۈنى ياۋرۇپا ئىتتىپاقى رەھبەرلىرى قاتتىق تالاش-تارتىشلاردىن كېيىن، تۈركىيە بىلەن بۇ دۆلەتنىڭ ياۋرۇپا ئىتتىپاقىغا كىرىشى توغرىسىدا سۆھبەت باشلاشنى قوبۇل قىلدى. ئەلۋەتتە، ياۋرۇپا ئىتتىپاقىنىڭ بۇ قارارى، نەچچە ئون يىلدىن بىرى ياۋرۇپا ئىتتىپاقىغا كىرىش ئۈچۈن تەلپۈنۈۋاتقان تۈركىيە رەھبەرلىرى ئۈچۈن مۇھىم بىر غەلىبە ھېسابلىنىدۇ. لېكىن، تۈركىيە ياۋرۇپا ئىتتىپاقىغا تولۇق ئەزا بولۇپ كىرىش ئۈچۈن، تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئابدۇللا گۈل ئېيتقاندەك، تېخى نۇرغۇنلىغان توسالغۇلاردىن ئۆتۈش كېرەك.
ئۇزۇن مۇساپە
تۈركىيە، 1963 يىلىدىن بىرى ياۋرۇپا ئىتتىپاقىغا كىرىش ئۈچۈن كۈرەش ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ. 1963 - يىلى تۈركىيە بىلەن ئەينى ۋاقتتىكى ياۋرۇپا ئىقتىسادىي ئورتاق گەۋدىسى ئوتتۇرىسىدا ئىمزالانغان ھەمكارلىق كېلىشىمىدە، تۈركىيىنىڭ ياۋرۇپا ئورتاق گەۋدىسىگە تولۇق ئەزا بولالايدىغانلىقى تەكىتلەنگەن. ئەمما تۈركىيىنىڭ بۇ ئارزۇسى بۈگۈنگىچە ئەمەلگە ئاشمىدى.
ياۋرۇپا ئىتتىپاقى ھەتتا تەربىيىدىن ئوتتۇز يىل كېيىن ئەزالىققا ئىلتىماس قىلغان، شەرقىي ياۋرۇپا دۆلەتلىرىنىڭ ياۋرۇپا ئىتتىپاقىغا كىرىشىنى قوبۇل قىلىپ، بۇ دۆلەتلەرنى ئۆز سېپىگە ئالدى. تۈركىيە بىلەن بولسا، ئەمدى تېخى ئەزالىق ئۈچۈن سۆھبەت باشلاش قارارى ئالدى. بۇ مۇزاكىرىلەرنىڭ قانچە يىل داۋاملىشىدىغانلىقى، بۇ جەرياندا قانداق توسالغۇلارنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىدىغانلىقى تېخى مەلۇم ئەمەس.
تۈركىيىدىكى نۇرغۇن كىشىلەر، ياۋرۇپا ئىتتىپاقىنىڭ ھېچقاچان تۈركىيىنى تولۇق ئەزالىققا قوبۇل قىلمايدىغانلىقىنى، تۈركىيىنىڭ ياۋرۇپادىن ئۇزاقلىشىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈنلا، ئەزالىق سۆھبتىنى باشلاشنى قوبۇل قىلغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە. ئۇلارنىڭ ئېيتىشىچە، ياۋرۇپا ئىتتىپاقى رەھبەرلىرى ئۆزىمۇ ئەزالىق سۆھبەتلىرىنىڭ ئۇزۇن يىللار داۋاملىشىدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە. ھەتتا ئۇلار ئەگەر تۈركىيە بەزى شەرتلەرنى ئورۇندىمىسا، ئەزالىق سۆھبتىنى توختىتىدىغانلىقىنى ئوچۇق - ئاشكارا بايان قىلماقتا. شۇنىڭ ئۈچۈن، ياۋرۇپا ئىتتىپاقى تۈركىيىنى يەنە ئۇزۇن يىللار يا ئەزالىققا قوبۇل قىلماي ۋە يا پۈتۈنلەي ئەزالىق تەلىپىنى رەت قىلماي ئاۋارە قىلىشى مۇمكىن ئىكەن. بۇ كۆز قاراشتىكىلەرنىڭ سۆزلىرىنى ئىسپاتلايدىغان بەزى بىشارەتلەر ئاللىقاچان ئوتتۇرىغا چىقىشقا باشلىدى.
ياۋروپا پۇقرالىرىنڭ رولى مۇھىم
ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ياۋرۇپا ئىتتىپاقى رەھبەرلىرى، گەرچە تۈركىيە بىلەن سۆھبەت باشلاش قارارى ئىلىنغان بولسىمۇ، ئەمما بۇ دۆلەتنىڭ ياۋرۇپا ئىتتىپاقىغا تولۇق ئەزا بولۇشى نۇرغۇنلىغان شەرتلەرگە باغلىق دېگەن. ياۋرۇپا كومىتېتىنىڭ رە ئىسى جوزى مانىۋال باروسو، تۈركىيە ياۋرۇپا پۇقرالىرىنىڭ كۆڭلىنى ئېلىشى كېرەك. چۈنكى ئەڭ ئاخىرىدا تۈركىيىنىڭ ياۋرۇپا ئىتتىپاقىغا ئېلىنىپ - ئىلىنمايدىغانلىقى توغرىسىدا قارار بېرىدىغان ياۋرۇپا پۇقرالىرىدۇر، دېگەن.
فرانسىيە پرېزىدېنتى جاڭ شىراك، سەيشەنبە كۈنى، ياۋرۇپا ئىتتىپاقىغا تولۇق ئەزا بولۇپ كىرىش ئۈچۈن، تۈركىيە چوڭ بىر مەدەنىيەت ئىنقىلابى ئىلىپ بېرىشى كېرەك دېگەن. دېمەك، ھازىردىنلا ياۋرۇپا ئىتتىپاقىنىڭ بەزى ئەزالىرى تۈركىينىڭ ياۋرۇپا ئىتتىپاقىغا كىرىشىنىڭ قېيىن ئىكەنلىكىنى ئىپادىلىمەكتە.
ئىجابىي قاراش
تۈركىينىڭ ئەزالىقىغا قارشى چىقىۋاتقانلار، تۈركىيىنىڭ بىر مۇسۇلمان دۆلەت ئىكەنلىكىنى، خىرىستيان بولغان ياۋرۇپا مەدەنىيىتىگە ماسلىشالمايدىغانلىقىنى، شۇنداقلا 70 مىليون نوپۇسقا ئىگە بولغان تۈركىيىنىڭ ياۋرۇپا ئىتتىپاقىغا ئېغىر بىر ئىقتىسادىي يۈك بولىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.
ئەمما، تۈركىيىنىڭ ياۋرۇپا ئىتتىپاقىغا كىرىشىنى قوللاۋاتقان ئەنگىلىيە باش مىنستىرى تونى بىلىيەر قاتارلىق رەھبەرلەر، تۈركىيىنىڭ ياۋرۇپا ئىتتىپاقىغا كىرىشىنىڭ ھەم ياۋرۇپا ئىتتىپاقى ھەم تۈركىيە ئۈچۈن ئىنتايىن پايدىلىق ئىكەنلىكىنى بىلدۈرمەكتە. ئۇلارنىڭ ئېيتىشىچە، تۈركىيىنىڭ ياۋرۇپا ئىتتىپاقىغا كىرىشى ئىسلام دۇنياسى بىلەن خرىستىئانلار ئالىمىنى بىر- بىرىگە يېقىنلاشتۇرۇپ، ئىككى دىن ئوتتۇرىسىدا بىر توقۇنۇش چىقىرىش ئۈچۈن تىرىشىۋاتقان ئاز ساندىكى رادىكال كىشىلەرنىڭ ھەرىكىتىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. شۇنداقلا تۈركىيە ياۋرۇپا ئىتتىپاقىنىڭ ئاسىيا ۋە ئوتتۇرا شەرق، ئوتتۇرا ئاسىيا ھەمدە كافكازىيىگە سوزۇلغان قولى بولىدۇ. بۇنىڭدىن سىرت يەنە، ياش نوپۇسقا ئىگە بولغان تۈركىيە، نوپۇسىنىڭ كۆپ قىسىمى ياشانغان ياۋرۇپا ئۈچۈن كېرەكلىك ياش ئىش كۈچىنى يارىتىپ بىرەلەيدىكەن. (قانات)