ياۋروپا پارلامېنتى ئىنسان ھەقلىرى دوكلاتىدا ئۇيغۇر مەسىلىسىگە ئورۇن بېرىلدى

ياۋروپا پارلامېنتى 2010-يىلى 12-ئاينىڭ 16-كۈنى مەخسۇس يىغىن چاقىرىپ يەر شارى خاراكتېرلىك ئىنسان ھەقلىرىنى كۆزىتىش ھەققىدە بىر قارار ماقۇللىغان ئىكەن.
ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم
2011.05.24
memet-toxti-erkin-tarim-305.jpg دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ياۋروپا پارلامېنتىدىكى ۋەكىلى مەمەت توختى ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز بىلەن سۆھبەتتە. 2011-يىلى ماي
RFA/Erkin Tarim

بۇ قارارنىڭ روھى بويىچە ياۋروپا ئىنسان ھەقلىرى كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، لىتۋا پارلامېنتىنىڭ ئەزاسى لائىما ئاندرىكىيەنە خانىم تەرىپىدىن قەلەمگە ئېلىنغان ئىنسان ھەقلىرىگە ئائىت بۇ دوكلات ئۆتكەن ھەپتە ئېلان قىلىنغان.

ئۇيغۇر مەسىلىسى تۇنجى قېتىم بۇ دوكلاتقا شەرقىي تۈركىستان نامى بىلەن كىرگۈزۈلگەن بولۇپ، دوكلاتتا ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي مەدەنىي ھەق-ھوقۇقلىرىنىڭ دەپسەندە قىلىنىۋاتقانلىقى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قەستەن شەرقىي تۈركىستانغا خىتايلارنى يۆتكەپ، ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى يوق قىلىۋېتىشكە ئۇرۇنۇۋاتقانلىقى تەكىتلەنگەن.

مەزكۇر دوكلات ياۋروپا بىرلىكىگە ئەزا دۆلەتلەرنىڭ پارلامېنتلىرى ھۆكۈمەتلىرى ۋە ئاممىۋى تەشكىلاتلىرىغا ئەۋەتىلىدىغان بولۇپ، ياۋروپا پارلامېنتى بۇ دۆلەتلەرنىڭ خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىدە بۇ مەسىلىنى كۈنتەرتىپكە ئېلىپ كېلىشىنى تەۋسىيە قىلىدىكەن. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ياۋروپا پارلامېنتىدىكى ۋەكىلى مەمەت توختى بۇ دوكلاتتا ئۇيغۇرلار ھەققىدە نېمىلەر دېيىلگەنلىكى ۋە بۇ دوكلاتنىڭ ئۇيغۇر داۋاسىغا بولغان تەسىرى ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇمات بەردى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.