خىتاينىڭ مەبلەغ سېلىشتىكى سىياسىي شەرتلىرىنى ياۋروپا رەت قىلدى

بۈگۈنكى ئۇچۇرلاردىن قارىغاندا، خىتاي ياۋروپاغا مەبلەغ سېلىش ئۈچۈن ئوتتۇرىغا قويغان سىياسىي شەرتلەرنىڭ ھەممىسىنى ياۋروپا بىرلىكى كەسكىن رەت قىلغان.
مۇخبىرىمىز ۋەلى
2011.11.11
Pul-yuan-xitay-305.jpg ﺧﯩﺘﺎﻳﻨﯩﯔ ﻣﻪﻟﯘﻡ ﺑﺎﻧﻜﯩﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﭘﯘﻝ ﺳﺎﻧﺎﺵ ﻣﺎﺷﯩﻨﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺷﻰ.
AFP Photo

خىتاينىڭ شېنجېن ئالاھىدە رايونىدىكى «خىتاي مالىيە ئۇچۇر ئاگېنتلىقى» بۈگۈن ئېلان قىلغان خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاينىڭ ياۋروپاغا مەبلەغ سېلىش ئۈچۈن ئوتتۇرىغا قويغان سىياسىي شەرتلىرى، ھازىر ئۆزىنىڭ ياۋروپاغا مەبلەغ سېلىش پىلانىغا توسالغۇ بولغان. خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، ياۋروپا بىرلىكى ھازىر، بېيجىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ ياۋرو قوللىنىلىدىغان رايونلاردىكى قەرز كرىزىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ئوتتۇرىغا قويغان ئۈچ شەرتنىڭ ھەممىسىنى رەت قىلغان. خىتاي ئوتتۇرىغا قويغان ئۈچ شەرتنىڭ بىرىنچىسى، خىتاينىڭ خەلقئارا پۇل-مۇئامىلە تەشكىلاتىدا تېخىمۇ چوڭ تەسىر كۈچى بولۇش؛ ئىككىنچىسى، خىتاينىڭ دۇنيا سودا تەشكىلاتىدىكى بازار ئىگىلىكى ئورنىنى ئېتىراپ قىلىش؛ ئۈچىنچىسى، خىتايغا قويۇلغان قورال يۆتكەش چەكلىمىسىنى بىكار قىلىش دېگەندىن ئىبارەت ئىدى.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، ئەگەر بىرىنچى شەرت بويىچە بولسا، خەلقئارا پۇل-مۇئامىلە تەشكىلاتىدا قارار ماقۇللاشتا، خىتاينىڭ پىكىر ھوقۇقى چوڭ بولۇشى كېرەك بولۇپلا قالماي، ماۋزېدۇڭنىڭ رەسىمى بار خەلق پۇلى خۇددى ئامېرىكىنىڭ دوللىرى، ئەنگلىيىنىڭ پوندىستىرلىڭى، ياۋروپا بىرلىكىنىڭ ياۋروسى ۋە ياپونىيىنىڭ يېنىغا ئوخشاش خەلقئارا سودىدا بىۋاسىتە قوللىنىلىدىغان، بانكىلاردىن نەق پۇل ئېلىشتىمۇ بىۋاسىتە قوللىنىلىدىغان خەلقئارالىق پۇل قىلىنىشى كېرەك ئىدى. ياۋروپا بىرلىكى خىتاي ئوتتۇرىغا قويغان ئۈچ شەرتنىڭ ئىچىدىكى مۇشۇ ئەڭ يېنىك شەرتنىمۇ رەت قىلغان.

يېگىرمە دۆلەت گۇرۇھىنىڭ دۆلەت باشلىقلىرى ئالىي دەرىجىلىك ئۇچرىشىشى 11‏-ئاينىڭ 3‏- كۈنى فرانسىيىدە ئۆتكۈزۈلگەندە، خىتاي رەئىسى خۇ جىنتاۋ ئۆزىنى، بۇ يىغىنغا ياۋروپاغا مەبلەغ سالغۇچى دېگەن قىياپەت بىلەن قاتناشقان دۆلەت باشلىقى دەپ ئىپادىلەشكە تىرىشقان ئىدى. كوممۇنىست خىتاينىڭ ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىمۇ، ئەينى ۋاقىتتا خىتاينى، ياۋروپانى ئىقتىسادىي كرىزىستىن قۇتقۇزىدىغان دۆلەت دەپ تەشۋىق قىلغان ئىدى.

رويترس ئاگېنتلىقىنىڭ بايان قىلىشىچە، خەلقئارا پۇل -مۇئامىلە تەشكىلاتى ھازىر ياۋروپادىكى قەرز كرىزىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن جىددىي تەدبىر قوللىنىۋاتقاندا، خىتاي ياۋروپاغا مەبلەغ سېلىش ئۈچۈن ئېغىر سىياسىي شەرتلەرنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئەمما خىتاي ئوتتۇرىغا قويغان سىياسىي شەرتلەرنىڭ ھېچقايسىنى ياۋروپا بىرلىكى قوبۇل قىلمىغان. شۇنىڭ بىلەن ھازىر،خىتاي ئوتتۇرىغا قويغان سىياسىي شەرتلەر، خىتاينىڭ ئۆزىنىڭ ياۋروپاغا مەبلەغ سېلىشىغا توسالغۇ بولماقتا.

ياۋروپا رەھبەرلىرىنىڭ قارىشىچە، خىتاي ياۋروپاغا سالماقچى بولغان ھەر قانداق مەبلەغ، خەلقئارا پۇل-مۇئامىلە تەشكىلاتىدا مەسىلىلەرنى ھەل قىلىدىغان قارار ئالغاندا، خىتاينىڭ پىكىر ھوقۇقىنى ھەل قىلغۇچ رول ئوينايدىغان ھوقۇققا ئايلاندۇرۇپلا قالماي، بەلكى خىتاي پۇلىنىڭ بانكىلاردا بىۋاسىتە قوللىنىلىدىغان خەلقئارالىق پۇل ئورنىغا ئۆتكۈزۈلۈش سۈرئىتىنى تېزلىتىشى لازىم ئىكەن. ئەگەر بۇ پىلان بويىچە بولسا، خىتاينىڭ ئالدىدا ياۋروپا ئەللىرىنىڭ تەسىر كۈچى بولمايدۇ. ئامېرىكىنىڭمۇ تەسىر كۈچى تۆۋەنلەيدۇ. خىتاينىڭ بۇنداق مۇددىئاسى ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان سىياسىي شەرتلەرنى، ياۋروپا ئەللىرى ھەرگىز قوبۇل قىلمايدۇ.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.