پولشادا 3 - ئاينىڭ 15 - كۈنىدىن ئېتىبارەن ئىجرا قىلىنىشقا باشلىغان يېڭى قانۇنىنىڭ ماددىلىرىغا ئاساسلانغاندا، ھازىر پولشادا 700 مىڭ ئادەم ئۆزلىرىنىڭ سابىق كوممۇنىست پارتىيە ئورگىنىنىڭ مەخپىي ساقچىلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى چۈشەندۈرۈشكە توغرا كەلمەكتە.
گېرمانىيىدە چىقىدىغان 'فرانكپورت گېزىتى' پولشادا ئىجرا قىلىنىۋاتقان بۇ يېڭى قانۇننى، پولشا ھازىر سابىق كوممۇنىست پارتىيىنىڭ جاسۇسلۇق تورلىرىنى ئېنىقلاش جەھەتتە گېرمانىيىگە يېتىشىۋېلىش ئۈچۈن تېز قەدەم بېسىۋاتىدۇ، دەپ بايان قىلغان.
سابىق كوممۇنىست پارتىيە ئورگىنىنىڭ مەخپىي ساقچى تورىنى ئېنىقلاشنىڭ زۆرۈرلىكى
پولشادىكى كونسېرىۋاتىپلار ھۆكۈمىتىنىڭ رەھبىرى كازىنىسكىنىڭ قارىشىچە، --- دەپ بايان قىلىنىدۇ ئامېرىكىدا چىقىدىغان 'كۆزىتىش ژۇرنىلى'نىڭ بۈگۈنكى سانىدا بايان قىلىنىشىچە، --- پولشادا سابىق كوممۇنىست پارتىيە ئورگىنىنىڭ مەخپىي ساقچى تورلىرىنى ئېنىقلاش ئىشى چېخقا قارىغاندا 6 يىل كېچىكتى.
بۇرۇنقى كوممۇنىستلار، چىرىك ئەمەلدارلار ۋە مەخپىي ساقچىلىرىغا كۆز -قولاق بولغان كىشىلەر يېقىنقى يىللاردىمۇ، يەنىلا پولشادا بىر خىل 'كۈلرەڭ تور' شەكىللەندۈرۈپ، پولشا جەمئىيىتىنى قالايمىقان قىلىپ كەلمەكتە. ئەمدى پولشا جەمئىيىتىدە، مۇقىمسىزلىق پەيدا قىلغۇچى ئامىل بولۇپ قالغان بۇ تورنى، يەنى سابىق كوممۇنىست پارتىيە ئورگىنىنىڭ مەخپىي ساقچىلىرى بىلەن ئالاقە قىلغان مۇرەككەپ تورلارنى ئاشكارىلاش زۆرۈر بولۇپ تۇرماقتا.
يېڭى قانۇندىكى ئىككى تۈرلۈك بەلگىلىمە
پولشادا ھازىر ئىجرا قىلىنىۋاتقان سابىق كوممۇنىست پارتىيە ئورگىنىنىڭ جاسۇسلۇق سېستىمىسىنى ئۈزۈل-كېسىل ئېنىقلاش ھەققىدىكى يېڭى قانۇننى، كىشىلەر قىسقارتىپ "ئېنىقلاش قانۇنى" ياكى "تازىلاش قانۇنى" دەپ ئاتىماقتا. بۇ قانۇننىڭ بەلگىلىمىسىگە ئاساسلانغاندا، بىرىنچىدىن، دۆلەتنىڭ پارلامنىت ئەزالىرى ، دۆلەت ۋە يەرلىك ھۆكۈمەت خىزمەتچىلىرى، ئادۋوكاتلار، مەكتەپ باشلىقلىرى، مەكتەپ لېكتورلرى، مۇخبىرلار، ئىقتىسادىي يېتەكچىلەر چۇقۇم ئۆزلىرىنىڭ سابىق كوممۇنىست پارتىيە بىلەن مۇرەككەپ مۇناسىۋەت تورى بولغان ياكى بولمىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈشى كېرەك.
ئىككىنچىدىن، پولشا دۆلەت تەتقىقات ئىدارىسى ئىشەنچلىك ئارخىپلاردىكى مۇناسىۋەتلىك خاتىرىلەرنى، يەنى مەخپىي تور خىزمەتچىلىرى ۋە توردىكى كىشىلەرگە دائىر خاتىرىلەرنى جەمئىيەتكە ئاشكارىلىشى كېرەك. قانۇنى رەسمىيەت جەھەتتە ئۆزىنى مەلۇم قىلىپ، مەسىلىنى چۈشەندۈرۈشنى رەت قىلغۇچىلار ياكى ئۆزىنى يوشۇرغۇچىلار خىزمەت ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلىنىدۇ ۋە 10 يىلغىچە شۇ ۋەزىپىگە قويۇلمايدۇ. ھازىر مۆلچەرلىنىشىچە، پولشادا مۇشۇ قانۇنغا چېتىلىدىغان ئادەم سانى 700 مىڭغا يېتىدىكەن.
1989 - يىلى گېرمانىيىدە كاپىتالىزم لاگىرى بىلەن سوتسىئالىزىم لاگىرىنى ئايرىتىپ تۇرغان 'بېرلىن تېمى' يېقىتىلىشتىن يېرىم يىل بۇرۇن، پولشادا 'ئىتتىپاق' دەپ ئاتالغان ئىشچىلار تەشكىلاتىنىڭ رەھبىرى لېچ ۋالېسا ئەپەندى بۇ دۆلەتتە بىھۇدە قان تۆكۈلۆشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، سابىق كوممۇنىست پارتىيە رەھبەرلىرى بىلەن سۆھبەتلەشكەندە، تەختتىن چۈشكەن سابىق كوممۇنىست پارتىيىنى بۇنىڭدىن كېيىن سۈرۈشتە قىلماسلىققا، كوممۇنىست پارتىيە بولسا پۈتۈن مەخپىي ساقچى دېلولىرىنى جەمئىيەتكە ئاشكارىلاشقا كېلىشكەن ئىدى. گەرچە شۇنىڭدىن بۇيان سابىق كوممۇنىست پارتىيە پولشادا سۈرۈشتە قىلىنمىغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇلار مەخپىي ساقچى تورلىرىنى تېخىچە جەمئىيەتكە ئاشكارا قىلمىغان.
شۇڭلاشقا پولشادا سابىق كوممۇنىست پارتىيە ئورگىنىنىڭ مەخپىي ساقچى تورلىرىنى ئېنىقلايدىغان بىر يېڭى قانۇن ماقۇللىنىپ 3 - ئاينىڭ 15 - كۈنىدىن ئېتىبارەن ئىجرا قىلىنىشقا باشلىغان. (ۋەلى)