ياۋروپا پارلامېنتى 5 ‏- ئىيۇل قانلىق ۋەقەسى توغرىسىدا ئىجابىي قارار قوبۇل قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن

7 - ئاينىڭ 22 - كۈنى ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك رەھبەرلىرى 5 - ئىيۇل قانلىق قىرغىنچىلىقى توغرىسىدا مەلۇمات ئىگىلەش مەقسىتىدە، د ئۇ ق نىڭ 6 كىشىلىك بىر ۋەكىللەر ئۆمىكىنى بېلگىيە پايتەختى بريوسسېلدىكى ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ مەركىزىدە قوبۇل قىلىپ، شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئەمەلىي ۋەزىيىتى ھەققىدە سۆھبەتلەشكەن.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﻪﻛﺮﻩﻡ
2009.07.23
Dolqun-eysa-305 ﺩ ﺋﯘ ﻕ ﻧﯩﯔ ﺑﺎﺵ ﺳﯧﻜﺮﯦﺘﺎﺭﻯ ﺩﻭﻟﻘﯘﻥ ﺋﻪﻳﺴﺎ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﯨﻤﻨﯩﯔ ﮔﯧﺮﻣﺎﻧﯩﻴﯩﺪﯨﻜﻰ ﻧﺎﻣﺎﻳﯩﺸﻼﺭﺩﯨﻦ ﺑﯩﺮﯨﺪﻩ ﺳﯚﺯ ﻗﯩﻠﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺷﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮﻯ.
RFA Photo

د ئۇ ق ۋەكىللىرى بۇ قېتىمقى ئۇچرىشىشتا، شەرقىي تۈركىستاندا يۈز بەرگەن ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالىنى پارلامېنت رەھبەرلىرىگە چۈشەندۈرگەن ۋە قولغا كەلتۈرگەن ئۇچۇرلارنى تەقدىم قىلغان.

ئۇيغۇر خەلقى ۋە د ئۇ ق نىڭ ياۋروپا پارلامېنتىدىن كۈتىدىغان ئۈمىد - ئىستەكلىرىنى بايان قىلىپ، شەرقىي تۈركىستانغا تەرەپسىز بىر ۋەكىللەر ئۆمىكى ئەۋەتىشنى تەلەپ قىلغان.

ياۋروپا پارلامېنتى ۋەكىللىرى نۆۋەتتىكى شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئومۇمى ۋەزىيىتىگە جىددىي دىققەت قىلىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ، بۇ قېتىمقى قانلىق ۋەقە توغرىسىدا ئىجابىي قارار قوبۇل قىلىدىغانلىقى توغرىسىدا ۋەدە بەرگەن.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.