0:00 / 0:00
قازاقىستاننىڭ ئالمۇتا شەھىرىدە، قازاقىستان يازغۇچىلىرىنىڭ 13- قۇرۇلتىيى بولۇپ ئۆتتى. بۇ قېتىمقى قۇرۇلتايدا، 12- قۇرۇلتايدىن بېرى قانداق ئۇتۇقلار قولغا كەلگەنلىكى، قانداق كەمچىلىكلەر يۈز بەرگەنلىكى، ئەدەبىيات ساھەسىنىڭ بۈگۈنكى ئەھۋالى، يازغۇچى - شائىرلار ئەسەرلىرىنىڭ قانداق باھالىنىۋاتقانلىقى قاتارلىق مەسىلىلەر، مۇھاكىمە قىلىنغان.
قازاقىستاندىكى ئىختىيارى مۇخبىرىمىز ئابدۇللا، بۇ ھەقتە قازاقىستان يازغۇچىلار ئىتتىپاقى ئۇيغۇر ئەدەبىي كېڭىشىنىڭ رەئىسى ۋە ئاتاقلىق يازغۇچى ئەخمەتجان ھاشىروپ بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى.
يۇقۇردىكى ئۇلىنىشتىن، ئىختىيارى مۇخبىرىمىز ئابدۇللانىڭ بۇ سۆھبىتىنىڭ جەريانى ۋە سۆھبەتنىڭ مەزمۇنى توغرىسىدىكى تەپسىلى مەلۇماتى ئاڭلايسىز.