ئىستانبۇلدا ئۇيغۇرلارنىڭ يازلىق تەتىل كۇرسى مۇكاپاتلاش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى

0:00 / 0:00
Marasim-1-200.jpg
ئىستانبۇلدا ئۇيغۇرلارنىڭ يازلىق تەتىل كۇرسى مۇكاپاتلاش مۇراسىمىغا قاتناشقان ئاتا-ئانىلار. Photo RFA/Erkin Tarim, Ankara Turkey

ئىستانبۇلدا 2007-يىلى يازلىق تەتىل ئانا تىل كۇرسى ۋە قۇرئان ئوقۇش كۇرسى ئاياغلاشقانلىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئوقۇش پۈتتۈرۈش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى. مۇراسىمدا 11 ئوقۇغۇچى ئالتۇن مۇكاپات بىلەن مۇكاپاتلاندى. بۇ 11 ئوقۇغۇچىنىڭ بىرى بىرىنچى بولۇپ باھالانغان بولۇپ، بىرىنچى دەرىجىگە ئېرىشكەن ئوقۇغۇچى ئەفىفە ئابدۇسالام 1500 كوي خەلق پۇلى قىممىتىدىكى بىر جۇمھۇرىيەت ئالتۇنى بىلەن مۇكاپاتلاندى. ئىككىنچى بولۇپ باھالانغان 6 ئوقۇغۇچى يېرىم ئالتۇن، 3- بولۇپ باھالانغان 4 ئوقۇغۇچى چارەك ئالتۇن بىلەن مۇكاپاتلاندى.

شەرقى تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى تەشكىللىگەن بۇ يازلىق كۇرس 6-ئاينىڭ 20-كۈنىدىن 8-ئاينىڭ 23-كۈنىگىچە داۋام قىلغان. كۇرسقا قاتناشقان ئوقۇغۇچىلار ئۇيغۇر تىلىدا ئوقۇش، يېزىش ۋە سۆزلەش، قۇرئان كېرىمنىڭ ئاخىرقى كىچىك سۈرىلىرىنى يادلاش ۋە ئوقۇش، ئەدەپ - ئەخلاق، تەلىم- تەربىيە جەھەتتىن باھالاپ چىقىلغان.

بىز 8-ئاينىڭ 26-كۈنى زەيتۇنبۇرنۇ رايونلۇق ھۆكۈمەت بىناسىنىڭ زالىدا ئۆتكۈزۈلگەن مۇكاپاتلاش مۇراسىمىدىن تەپسىلىي خەۋەر ئېلىش ئۈچۈن مۇناسىۋەتلىك كىشىلەر بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق. (ئەركىن تارىم)