ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسى خىتاي يېمەكلىكلىرىنىڭ بىخەتەرلىك مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلدى


2007.07.19

ئاخىرقى كۈنلەردە خىتاي - ئامېرىكا سودا مۇناسىۋىتىدىكى ئەقلىي مۈلۈك ھوقۇقى، خىتاي پۇلىنىڭ قىممىتى ۋە سودا قىزىل رەقىمى قاتارلىق ئەنئەنىۋىي ئىختىلاپلارغا يەنە بىر يېڭى ئىختىلاپ قوشۇلدى. ئۇ بولسىمۇ ئامېرىكىغا ئېكسپورت قىلىنىدىغان خىتاي تاۋارلىرىنىڭ بىخەتەرلىك مەسىلىسىدۇر. ئامېرىكا خىتاينىڭ توقۇلما ۋە تۇرمۇش بۇيۇملىرىنى ئېكسپورت قىلىدىغان ئەڭ چوڭ بازىرى بولۇپلا قالماي، يەنە يېمەكلىك ئېكسپورت قىلىدىغان مۇھىم بازىرى. شۇڭا ئېكسپورت تاۋارلىرىنىڭ لاياقەتلىك مەسىلىسى ۋە يېمەكلىكلەرنىڭ بىخەتەرلىكى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ھەم بۇش ھۆكۈمىتىنى ھەرىكەتكە كەلتۈرمەكتە. ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ كېڭەش پالاتاسى چارشەنبە كۈنى خىتاي تاۋارلىرىنىڭ بىخەتەرلىك مەسىلىسى ھەققىدە ئىسپات بېرىش يىغىنى چاقىرىپ، بۇش ھۆكۈمىتىدىكى مۇناسىۋەتلىك ئەمەلدارلار ۋە مۇتەخەسسىسلەرنىڭ پىكىرىنى ئالدى.

تاۋار ماركىسىغا مەھسۇلاتنىڭ قەيەردە ئىشلەپچىقىرىلغانلىقى يېزىلىشى كېرەك

خىتاينىڭ ئامېرىكىغا ئېكسپورت قىلغان تاۋارلار ۋە يېمەكلىكلەردە بىخەتەرلىك ۋە سالامەتلىككە پايدىسىز ئېلېمېنتلارنىڭ مەۋجۇت ئىكەنلىكى ھەققىدىكى ئەندىشىلەر ئاخىرقى كۈنلەردە بۇش ھۆكۈمىتى ۋە ئامېرىكا كېڭەش ھەم ئاۋام پالاتالىرىنىڭ دىققىتىنى قوزغايدىغان مەسىلە بولۇپلا قالماي، جىددىي تەدبىر قوللىنىش زۆرۈرىيىتى ھېس قىلىۋاتقان مەسىلىگە ئايلاندى. ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى چارشەنبە كۈنى يېمەكلىكلەر ماركىسىغا دائىر بىر قانۇن لايىھىسىنى ئاۋازغا قويۇپ، ئىمپورت قىلىنغان يېمەكلىكلەر ۋە يېمەكلىك خام ئەشيالىرىنىڭ تاۋار ماركىسىغا مەھسۇلاتنىڭ قەيەردە ئىشلەپچىقىرىلغانلىقىنى يېزىش تەلەپ قىلىندى.

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ ئاۋام پالاتا ئەزاسى روزا دېلاۋرو مەزكۇر قانۇن لايىھىسىنى ئوتتۇرىغا قويغۇچى زاتلارنىڭ بىرى. ئۇنىڭ ئەسكەرتىشىچە، خىتاي ئېكسپورت قىلغان تاۋارلار كىشىلەر سالامەتلىكىگە تەھدىت ئېلىپ كېلىۋاتقان ئەھۋال ئاستىدا، يېمەكلىك ۋە يېمەكلىك خام ئەشيالىرىنىڭ ئىشلەپچىقىرىلغان ئورنىنى بىلىش بارغانسېرى مۇھىم مەسىلە بولۇپ قالماقتا. ئاۋام پالاتاسىنىڭ مەزكۇر قانۇن لايىھىسىدە خىتاي ئاشكارا تىلغا ئېلىنمىغان بولسىمۇ، لېكىن بۇ قانۇن لايىھىسى يېمەكلىكلەرنىڭ بىخەتەرلىك مەسىلىسىدە خىتاي - ئامېرىكا ئارىسىدا كەسكىن سۈركىلىش كېلىپ چىققان مەزگىلدە ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

ئامېرىكا ئاۋام پالاتا ئەزاسى Frank Wolf ئالدىنقى كۈنى دۆلەت مەجلىسىنىڭ ئومۇمى يىغىنىدىكى مۇنازىرىدە خىتاينى ئامېرىكىغا سۈپەتسىز مەھسۇلاتلارنى ئېكسپورت قىلىش بىلەن ئەيىبلەپ، بەزى مەھسۇلاتلارغا خىمىيىلىك ماددىلار ئارىلاشتۇرۇلغانلىقىنى تەكىتلىگەن. ئۇ، "خىتاي ئامېرىكىغا ئۈزلۈكسىز تۈردە لاياقەتسىز ۋە يالغان ماركا چاپلانغان يېمەكلىكلەرنى، بولۇپمۇ خىمىيىلىك ماددىلار ئارىلاشقان مېۋىلەر، باكتىرىيىلىك بېلىقلار، خىمىيىلىك ماددىلار بىلەن ئۆستۈرۈلگەن ئىشەك مەدىكى ۋە راك كېسىلى پەيدا قىلغۇچى خىمىيىلىك ماددىلاردا قۇرۇتقان ئالما قېقىنى ئېكسپورت قىلىۋاتىدۇ " دەپ كۆرسەتتى.

ئامېرىكا يېمەكلىكلەر - دورا باشقۇرۇش ئىدارىسى خىتايدىن ئىمپورت قىلىنغان يېمەكلىكلەرنى تەكشۈرۈشكە جىددىي قارىمىدى

ئامېرىكا يېمەكلىكلەر ۋە دورا باشقۇرۇش ئىدارىسى 7 - ئاينىڭ 10 - كۈنى خىتايلار ئېكسپورت قىلغان 5 تۈرلۈك دېڭىز مەھسۇلاتىدا زەھەرلىك ئېلېمېنتلار بايقالغانلىقىنى جاكارلاپ، بۇ مەھسۇلاتلارنىڭ تۇتۇپ قېلىنغانلىقىنى ۋە كۆلدە باققان سۇ مەھسۇلاتلىرىنى ئىمپورت قىلىش چەكلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئامېرىكىغا ئىمپورت قىلىنغان سۈپىتىدە مەسىلە بار مەھسۇلاتلارنىڭ تۈرى خېلى كۆپ بولۇپ، بۇ ئاپتوموبىل بالۇنى، كۈندىلىك بۇيۇملار، ئويۇنچۇقلار، چىش پاستىسى ۋە ھايۋاناتلار يېمەكلىكى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە خىتاي ئېكسپورت قىلغان ھايۋانلار يېمەكلىكى ئامېرىكىدا ئۆي ھايۋانلىرىنىڭ ئۆلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىنىڭ ئېنېرگىيە ۋە سودا كومىتېتى ئالدىنقى كۈنى چاقىرغان بۇ ھەقتىكى يەنە بىر ئىسپات بېرىش يىغىنىدا، ئامېرىكا يېمەكلىكلەر تەمىناتىنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە يېمەكلىكلەر - دورا باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ ئىمپورت يېمەكلىكلەرنى تەكشۈرۈش ئەھۋالىنى سۈرۈشتۈرگەن. يىغىندا ئامېرىكا يېمەكلىكلەر - دورا باشقۇرۇش ئىدارىسى خىتايدىن ئىمپورت قىلىنغان يېمەكلىكلەرنى تەكشۈرۈشكە جىددىي قارىمىدى، دەپ تەنقىدلەندى.

جۇمھۇرىيەتچى ئاۋام پالاتا ئەزاسى Marsha Blackburn،" بىز ئۆزىمىزنىڭ ئاجىزلىقىمىزنى بىلىمىز. ئۇ بولسىمۇ بىزنىڭ چەتئەلدە ئىشلەپچىقىرىلغان مەھسۇلاتلارنىڭ بىزگە سالىدىغان زىيىنىدىن ساقلىنىشقا ئاجىزلىق قىلىۋاتقانلىقىمىزدۇر" دەيدۇ.

شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئاۋام پالاتاسى سىرتىدا ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسىنىڭ سودا، ئىلىم - پەن ۋە ترانسپورت كومىتېتى چارشەنبە كۈنى ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ سەھىيە ۋە ئاممىۋىي سالامەتلىك ئورگانلىرىدىكى ئەمەلدارلارنى، ئىستىمالچىلار ھوقۇقىنى قوغدىغۇچى ئورگانلار ھەم تەتقىقات ئورۇنلىرىنىڭ خادىملىرىنى دۆلەت مەجلىسىدە ئىسپات بېرىشكە چاقىرىپ، ئىمپورت مەھسۇلاتلىرى بولۇپمۇ خىتايدىن ئىمپورت قىلىنغان يېمەكلىك ۋە كۈندىلىك تۇرمۇش بۇيۇملىرىنىڭ بىخەتەرلىكى، ئامېرىكا پۇقرالىرىنىڭ سالامەتلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلدى.

يىغىندا كېڭەش پالاتا ئەزاسى Sherrod Brown نىڭ ئەسكەرتىشىچە، ئۇ، يېمەك - ئىچمەك تەمىناتىنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن "ئىمپورت يېمەكلىكلىرىنىڭ بىخەتەرلىك قانۇن لايىھىسى" تەييارلىغان بولۇپ، مەزكۇر قانۇن ئامېرىكا يېمەكلىكلەر - دورا باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ ھوقۇقى ۋە ئىقتىدارىنى كۈچەيتىشكە قارىتىلغان.

بالىلار مەھسۇلاتلىرىنىڭ بىخەتەرلىك قانۇن لايىھىسى ئوتتۇرىغا قويۇلدى

يىغىندا كېڭەش پالاتا ئەزاسى Bill Nelson، خىتايدىن ئىمپورت قىلىنغان بالىلار ئويۇنچۇقلىرىنىڭ بىخەتەرلىك مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇ مۇنداق دەيدۇ، " شۇنىسى ناھايىتى ئېنىقكى، خىتاي ئويۇنچۇق كارخانىلىرىنىڭ ئۆزلىرى چاپلىۋالغان ماركىلار بالىلارنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلالمايدۇ. مەن بۈگۈن 'بالىلار مەھسۇلاتلىرىنىڭ بىخەتەرلىك قانۇن لايىھىسى'نى ئوتتۇرىغا قويماقچى.

بۇ قانۇن بۇيىچە بالىلار ئويۇنچۇقىنىڭ بىخەتەرلىكىگە خىتاي ھۆكۈمىتى قارار قىلماسلىقى كېرەك. ئويۇنچۇقلارنىڭ بىخەتەر ياكى ئەمەسلىكى تەرەپسىز خۇسۇسىي بىر ئورگان تەرىپىدىن بېكىتىلىشى لازىم "دەپ كۆرسەتتى. ئامېرىكا كېڭەش ۋە ئاۋام پالاتالىرىدا يېقىنقى 2 - 3 كۈندىن بېرى خىتاي مەھسۇلاتلىرىنىڭ بىخەتەرلىك مەسىلىسى كەڭ - كۆلەمدە مۇنازىرە قىلىنماقتا.

دۆلەت مەجلىسىنىڭ ئالدىنقى كۈنكى مۇنازىرىسىدە ئاۋام پالاتا ئەزاسى Frank Wolf، خىتاينى زەھەرلىك ماددا ئارىلاشقان چىش پاستىلىرىنى ئوتتۇرا ئامېرىكا ۋە ئاسىيا - تىنچ ئوكيان رايونىدىكى دۆلەتلەرگە ئېكسپورت قىلىش بىلەن ئەيىبلەپ، "ئەڭ قورقۇنچلۇقى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆز پۇقرالىرىغا زىيانكەشلىك قىلىپلا قالماي، پاناما، دومىنىكا جۇمھۇرىيىتى ۋە ئاۋستىرالىيىلىك بالىلارنى زەھەرلىك ماددا ئارىلاشقان چىش پاستىسىدا زەھەرلىگەنلىكى" دەپ كۆرسەتتى.

ئامېرىكا پرېزىدېنت ئىشخانىسى ئىمپورت مەھسۇلاتلىرىنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش خىزمەت گۇرۇپپىسى قۇرماقچى

ئامېرىكىنىڭ - 4 ئىيۇلدىكى دۆلەت بايرىمىنى تەبرىكلەش پائالىيىتىدە ئېتىلغان سالىيوتلارنىڭ خىتايدا ئىشلەپچىقىرىلغانلىقىنى تەكىتلىگەن Frank Wolf، "مېنىڭ يۇرتۇم ۋىرجىنىيىنىڭ ۋىيەنا قاتارلىق شەھەرلىرىدىكى 4 - ئىيۇلنى تەبرىكلەش پائالىيەتلىرىدە، خىتايدا ئىشلەپچىقىرىلغان سۈپەتسىز سالىيوتلار سەۋەبىدىن ئارىسىدا بالىلار بولۇپ 11 ئادەم يارىلاندى" دەيدۇ.

ئامېرىكا كېڭەش ۋە ئاۋام پالاتالىرىنىڭ بېسىمى ئاخىرى بۇش ھۆكۈمىتىنى ئېكسپورت مەھسۇلاتلىرىنىڭ بىخەتەرلىك مەسىلىسىدە تەدبىر ئېلىشقا مەجبۇر قىلدى. ئامېرىكا پرېزىدېنت ئىشخانىسى ئاقساراي، چارشەنبە كۈنى ئامېرىكىغا ئىمپورت قىلىنىدىغان مەھسۇلاتلارنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش خىزمەت گۇرۇپپىسى قۇرماقچى بولۇۋاتقانلىقىنى جاكارلاپ، بۇ گۇرۇپپىغا ئامېرىكا سەھىيە مىنىستىرى لېۋىتنىڭ نازارەتچىلىك قىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

ئاقساراينىڭ باياناتچىسى توني سنوۋ بۇ ھەقتىكى باياناتىدا، "ھۆكۈمەت ئامېرىكا خەلقى يەيدىغان ۋە ئىشلىتىدىغان ئىمپورت مەھسۇلاتلىرىنىڭ بىخەتەرلىكىگە دىققەت قىلماقتا شۇنداقلا بىز، بۇ جەھەتتىكى ساقلىنىۋاتقان كونكرېت مەسىلىلەرنى ھەل قىلماقچىمىز " دەپ كۆرسەتتى. لېكىن توني سنوۋ، بۇ تەدبىرنىڭ خىتايغا قارىتىلغانلىقىنى رەت قىلىپ، "بۇ خىزمىتىمىزنىڭ نورمال بىر قىسىمى. بىز دۇنيادىكى 150 دۆلەتتىن يېمەكلىك مەھسۇلاتلىرىنى سېتىۋالىمىز. بۇلارنى كۈزىتىش بىز ئۈچۈن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە، " دەيدۇ.

خىتاي ئامېرىكىنىڭ دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ سودا شېرىكى بولۇپ، ئىمپورت مەھسۇلاتلىرىنىڭ بىخەتەرلىك مەسىلىسىدىكى ئىختىلاپلار ئىككى دۆلەتنىڭ سودا ھەجىمى 350 مىليارد دوللاردىن ئاشىدىغان سودا مۇناسىۋىتىگە تەھدىت سالماقتا. خىتاي دۆلەتلىك ئۆلچەم ۋە سۈپەت تەكشۈرۈش ئىدارىسىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك بىر ئەمەلدارى، يېقىندا ئامېرىكا مەتبۇئاتلىرىنى خىتاينىڭ ئېكسپورت مەھسۇلاتلىرىدا كۆرۈلگەن ئايرىم مەسىلىلەرنى پرىنسىپقا كۆتۈرۈپ خەۋەر قىلىش بىلەن ئەيىبلىگەن. (ئەركىن)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.