غەرب مەتبۇئاتلىرى خىتاينى يېمەكلىكلەر بىخەتەرلىكى سىستېمىسىنى ياخشىلاشقا مەجبۇرلىماقتا


2007.05.25

خىتايدىن ئىمپورت قىلىنىۋاتقان يېمەكلىكلەردە، زەھەرلىك ماددىلار تەركىبى بار ئىكەنلىكى ئىسپاتلانغاندىن كېيىن، غەرب مەتبۇئاتلىرىدا نۇرغۇنلىغان تەنقىدىي ماقالىلەر ئېلان قىلىندى. ئىستېمالچىلار بولسا ئۆزلىرىنىڭ بۇ ھەقتىكى قاتتىق نارازىلىقىنى ئىپادىلىمەكتە.لېكىن بېيجىڭ ھۆكۈمىتى خىتايدىكى يېمەكلىكلەر بىخەتەرلىكى سىستېمىسىنى ياخشىلاشتا، تا ھازىرغىچە كىشىنى قايىل قىلالىغۇدەك ئۈنۈملۈك چارە تەدبىرلەرنى قوللانمىغان.

خىتايدىن ئامېرىكىغا ئىمپورت قىلىنىۋاتقان ھايۋاناتلار يېمەكلىكىدە زەھەرلىك ماددىلار تەركىبى بولغانلىقتىن ، يېقىندا مەزكۇر جايدىكى نۇرغۇنلىغان ئۆي ھايۋانلىرىنىڭ ئۆلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. ئامېرىكا مەتبۇئاتلىرىدا بېرىلىۋاتقان بۇ ھەقتىكى ئۇچۇرلار مەزكۇر جايدىكى خەلقنىڭ قاتتىق دىققىتىنى قوزغاش بىلەن بىر ۋاقىتتا، خىتاينىڭ يېمەكلىكلەر بىخەتەرلىك سىستېمىسىغا بولغان نارازىلىقى تېخىمۇ كۈچەيمەكتە.

ئامېرىكا ئاۋازى رادىئوسىنىڭ خەۋەرلەر تور بېتىدە بېيجىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ خىتايدىكى يېمەكلىكلەر بىخەتەرلىكى سىستېمىسىنى ياخشىلاش مەسىلىسىدە، تا ھازىرغىچە كىشىنى قايىل قىلالىغۇدەك ئۈنۈملۈك چارە تەدبىرلەرنى قوللانمايۋاتقانلىقى ھەمدە ئىستېمالچىلارنىڭ بۇ ھەقتىكى قاتتىق نارازىلىقلىرى ئوتتۇرىغا قويۇلماقتا.

ھازىرنىڭ ئۆزىدە شىمالىي ئامېرىكا رايونلىرىدىكى نەچچە يۈزلىگەن ئۆي ھايۋانلىرى خىتايدىن ئىمپورت قىلىنغان ھايۋاناتلار يېمەكلىكىدىن زەھەرلىنىپ ئۆلگەن. ئامېرىكا ۋە ياۋرۇپا بىرلىكى خىتاينىڭ يېمەكلىكلەر بىخەتەرلىكى سىستېمىسىدىن ئىنتايىن نارازى بولۇپ، بېيجىڭ ھۆكۈمىتىنى مەزكۇر سىستېمىنى ياخشىلاشقا چاقىرماقتا.

خىتاينىڭ يېمەك ‏-ئىچمەكلەرنى نازارەت قىلىش سىستېمىسى بەكمۇ ئارقىدا قالغان

يېقىندا دومىنىكا جۇمھۇريىتىگە خىتايدىن ئىمپورت قىلىنغان نەچچە مىڭلىغان چىش پاستىسىدا ئىنسان ھاياتىغا خەۋپ ئېلىپ كېلىدىغان خىمىيىۋىي ماددا بارلىقى بايقالغان. سەيشەنبە كۈنى دومىنىكا ھۆكۈمەت دائىرىلىرى دۇكانلاردىكى خىتايدىن ئىمپورت قىلىنغان بارلىق چىش پاستىلىرىنىڭ ھەممىسىنى يوق قىلىش بۇيرۇقىنى چۈشۈرگەن ھەمدە مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارنى بۇ ھەقتە مەخسۇس تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشقا چاقىرغان.

بېيجىڭ يېزا ئىگىلىك ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى خۇ شىياۋسۇڭ ئەپەندى غەرب مەتبۇئاتلىرىنىڭ بېسىمى تۈپەيلى، خىتاينىڭ يېمەكلىكلەر بىخەتەرلىك باشقۇرۇش ئورگانلىرى يېمەكلىك ئىشلەپچىقىرىشقا بولغان نازارەت قىلىش كۈچىنى ئىلگىرىكىگە قارىغاندا بىر قەدەر كۈچەيتىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. لېكىن ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتايدىكى يېمەكلىك ئىشلەپچىقىرىشىنى نازارەت قىلىش سىستېمىسى يەنىلا ئارقىدا قالغانلىقتىن ، ئۈنۈمنىڭ ياخشى بولۇشى مۇمكىن بولمىغان.

ئۇنىڭ ئۈستىگە، خىتايدىكى يەرلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ مەزكۇر مەسىلىگە بولغان ئىنكاسى بەكمۇ ئاستا بولۇپ، نازارەت قىلىش مۇھىتى يوق دىيەرلىك ھالەتتە قالغان. بۇنداق ئەھۋال ئاستىدا، ھەرقايسى ناھىيە ۋە يېزىلاردىكى چوڭ -كىچىك يېمەك -ئىچمەك زاۋۇتلىرىدا ئىشلەپچىقىرىلغان يېمەكلىكلەرگە كاپالەتلىك قىلىش ھەرگىزمۇ مۇمكىن ئەمەس ئىكەن.

تاشقى دۇنيا خىتاينىڭ يېمەكلىكلەر بىخەتەرلىكى مەسىلىسىدە قوللانماقچى بولۇۋاتقان چارە -تەدبىرلىرىگە گۇمان بىلەن قارىماقتا

دەسلەپتە ،خىتايدىن ئىمپورت قىلىنغان زەھەرلىك يېمەكلىكلەر تۈپەيلى كېلىپ چىققان ھادىسىلەر يېڭى ئاشكارىلانغان مەزگىلىدە، خىتاي دائىرىلىرى تاشقى دۇنياغا " بۇ پەقەت بىر قىسىم قانۇنسىز قۇرۇلغان زاۋۇتلار تەرىپىدىن ئىشلەپچىقىرىلغان يېمەكلىكلەر بولۇپ، مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلار بۇ ھەقتە بىر يۈرۈش چارە - تەدبىرلەرنى قوللانماقتا" دەپ بىلدۈرگەن.

غەرب دۆلەتلىرىنىڭ بۇ ھەقتىكى نارازىلىقىنىڭ كۈچىيىشى ۋە شۇنداقلا غەرب مەتبۇئاتلىرىنڭ قاتتىق تەنقىدى تۈپەيلىدىن، سەيشەنبە كۈنى خىتاي ھۆكۈمىتى بىخەتەر يېمەكلىك مەسىلىسىدە، نازارەت قىلىش ئۆلچىمىنى ئۆرلىتىش، تۈزۈمگە خىلاپلىق قىلغۇچىلارغا جەرىمانە قويۇش قاتارلىق قاتتىق ۋاستىلارنى قوللانماقچى بولۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن. لېكىن مۇتەخەسسىسلەر، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ خىل چارە -تەدبىرلەرنى قوللىنىش ئارقىلىق، خىتايدىكى يېمەكلىكلەر بىخەتەرلىكى مەسىلىسىنى ھەل قىلالىشىغا گۇمان بىلەن قارىماقتا.

چۈنكى، خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ ھەقتىكى ئۇچۇرلارنى تا ھازىرغىچە ئىزچىل ھالدا قاتتىق كونترول قىلىپ كەلگەن. مەسىلەن، يېقىندا خىتاي ھۆكۈمىتى بىر ياقتىن ئامېرىكا يېمەكلىكلەر تەكشۈرۈش ئۆمىكىنىڭ خىتايغا بېرىپ تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشىغا ماقۇل بولغان بولۇپ، يەنە بىر تەرەپتىن خىتايغا بارغان تەكشۈرۈش ئۆمىگىدىكىلەرنىڭ مەزكۇر جايدىكى مۇناسىۋەتلىك شىركەت خادىملىرى بىلەن بىۋاستە سۈزلىشىش ياكى كۆرۈشۈشىگە رۇخسەت قىلمىغان.

يېقىندا، خىتاي كۈندىلىك گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان بىر ماقالىدە، خىتاينىڭ يېمەكلىكلەر بىخەتەرلىك باشقۇرۇش ئورگانلىرىنىڭ مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلمىشلىرى قاتتىق تەنقىدلەنگەن ھەمدە خەلقئارا جەمئىيەتنى بۇ خىل ئەھۋالغا يېقىندىن كۆڭۈل بۆلۈشكە چاقىرغان.

مۇتەخەسسىسلەر يېمەكلىكلەر بىخەتەرلىكى مەسىلىسىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنى مەتبۇئاتنى ئېچىۋېتىشكە چاقىرماقتا

خوڭكۇڭ پەن ‏- تېخنىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ خىتاي خەلقئارا مۇناسىۋەت مەركىزىنىڭ مۇدىرى دېيۋىد ئەپەندى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ چەتئەللەرگە ئېكىسپورت قىلىنغان ساختا ۋە زەھەرلىك يېمەكلىكلەر ھەققىدىكى ئۇچۇرلارنى توسۇۋاتقانلىقى ھەققىدە توختىلىپ، " بېيجىڭ ھۆكۈمىتى خەۋەر تەكشۈرۈش تۈزۈمىنى يوق قىلىپ، ئۇچۇر يوللىرىنى پۈتۈنلەي ئېچىۋېتىشى كېرەك، ئاممىدىن ھەقىقەتنى يوشۇرماي، ھەممىنى ئەھۋالنىڭ ھەممىسىنى ئاشكارىلىشى كېرەك. شۇنداق قىلغاندىلا ساختا ۋە زەھەرلىك يېمەكلىكلەرنىڭ ئېكىسپورت قىلىنىشىنى توسۇپ قالغىلى بولىدۇ" دەپ بىلدۈردى.

نيۇيورك ۋاقىت گېزىتىدە بېرىلگەن بۇ ھەقتىكى مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، گەرچە خىتايدىن ئىمپورت قىلىنغان زەھەرلىك يېمەكلىكلەر ھەققىدىكى خەۋەرلەر ئامېرىكىدا زور غۇلغۇلا قوزغىغان بولسىمۇ، خىتايدا، كۆپ ساندىكى كىشىلەر تا ھازىرغىچە بۇنىڭدىن تولۇق خەۋەردار بولمىغان. چۈنكى خىتاي تەشۋىقات مىنىستىرلىقى بىر مەزگىل بۇ ھەقتە خەلققە ھېچقانداق مەلۇمات بەرمەسلىك ھەققىدە بۇيرۇق قىلغان.

بۇ ھەپتە ئامېرىكىدا ئۆتكۈزۈلگەن خىتاي ‏- ئامېرىكا ئىقتىسادى ئىستراتېگىيە دېئالوگىدا، ئامېرىكا يېزا ئىگىلىك مىنىستېرلىقىنىڭ باشلىقى جونې ئەپەندى خىتايدىكى يېمەكلىكلەر بىخەتەرلىكى مەسىلىسىنى يەنە بىر قېتىم ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ۋە ئامېرىكا ئىستىمالچىلىرىنىڭ مەزكۇر مەسىلىدە ئىنتايىن زور ئەندىشىدە قېلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.(مېھرىبان)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.