خۇ جىنتاۋنىڭ ئافرىقا زىيارىتى ۋە ئافرىقىدىكى "يېڭى مۇستەملىكىچىلىك" سىياسىتى

0:00 / 0:00
xitay-afriqa-200.jpg
خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋ 2006 – يىلى 26 – ئاپرىل كۈنى نىگېرىيە پرېزىدېنتى Olusegun Obasanjo بىلەن كۆرۈشمەكتە. خىتاينىڭ ئېنېرگىيىگە بولغان ئېھتىياجى ئۈچۈن خۇ جىنتاۋ ئافرىقىدىكى نېفىت ئىشلەپچىقىرىدىغان ئەڭ چوڭ دۆلەت نوگىرىيىگە بارغان ئىدى. AFP

خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋ - 30 يانۋاردىن 10 - فېۋرالغىچە ئافرىقىدىكى 8 دۆلەتتە ئېلىپ بارىدىغان رەسمىي زىيارىتى، خىتاينىڭ ئافرىقا سىياسىتى خەلقئارا جەمئىيەتتە گۇمان قوزغاۋاتقان شۇنداقلا ئافرىقا ئەللىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى " ئىستراتېگىيىلىك شېرىكلىك" مۇناسىۋەت، دەپ ئېلان قىلغان خىتاي، ئافرىقىدا "يېڭى مۇستەملىكىچىلىك" سىياسەت يۈرگۈزمەكتە، دەپ ئەيىبلىنىۋاتقان بىر مەزگىلگە توغرا كەلدى.

غەرب ئەللىرىنىڭ ئەيىبلىشى ۋە خىتاينىڭ ئىنكاسى

ئافرىقا ئەللىرىدىكى كىشىلىك ھوقۇقى دەپسەندىچىلىكى خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇقى تەشكىلاتلىرىنىڭ خىتاي - ئافرىقا مۇناسىۋەتلىرىدە دىققىتىنى قوزغاۋاتقان مەسىلىلەرنىڭ بىرىدۇر. كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ۋە غەرب ئەللىرى خىتاينى ئافرىقىنىڭ كان ۋە نېفىت بايلىقىنى كۆزدە تۇتۇپ، بۇ قىتئەدىكى كىشىلىك ھوقۇقى زىيانكەشلىكىگە كۆز يۇمىۋاتىدۇ، دەپ ئەيىبلىمەكتە.

خۇ جىنتاۋنىڭ 30 يانۋار كۈنى باشلىنىدىغان بۇ قېتىمقى سەپىرىدە ئافرىقىدىكى كامىرون، سۇدان، نامىبىيە، زامبىيە، لىبېرىيە، جەنۇبىي ئافرىقا، موزامبېك ۋە سېيشىللارنى زىيارەت پىلانى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ دىققىتى خىتاينىڭ دارفۇر مەسىلىسىدىكى سىياسىتى، ئافرىقىدا توقۇنۇش بولىۋاتقان دۆلەتلەردىكى تەرەپلەرنى قورال - ياراقلار بىلەن تەمىنلەش، خىتاي شىركەتلىرىنىڭ ئافرىقا دۆلەتلىرىدىكى ئىشچىلار ھوقۇقىنى دەپسەندە قىلىش ھەرىكىتى قاتارلىق مەسىلىلەرگە بۇرالدى. لېكىن بېيجىڭ ھۆكۈمىتى خىتاي-ئافرىقا مۇناسىۋەتلىرىنىڭ " تەڭ، باراۋەرلىك" ۋە "ئۆز ئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش" ئاساسىدا ئېلىپ بېرىلىۋاتقانلىقىنى، غەرب ئەللىرى ۋە كىشىلىك ھوقۇقى تەشكىلاتلىرىنىڭ ئەيىبلىشىنى بولسا " دۇرۇس نىيەتلىك ئەمەس، " دەپ رەت قىلماقتا.

خىتاينىڭ ياردەمچى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى جەي جۈن، چارشەنبە كۈنى بېيجىڭدا مۇخبىرلارغا خۇ جىنتاۋنىڭ ئافرىقا زىيارىتىدىكى ئاساسى كۈنتەرتىپى سودا - ئىقتىسادى مەسىلىلەرگە چېتىلىدىغانلىقىنى، بولۇپمۇ ئافرىقا ئەللىرىگە "ياردەم بېرىش، مەبلەغ سېلىش، قۇتقۇزۇش ۋە قەرزىنى كۆتۈرۈۋېتىش" كە چېتىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. جەي جۈن، خۇ جىنتاۋنىڭ سۇدان زىيارىتىدە خەلقئارا جەمئىيەت ئالاھىدە دىققەت قىلىۋاتقان مەسىلىلەرنىڭ بىرى دارفۇردىكى ئىرقىي توقۇنۇش مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلىدىغان ياكى قىلمايدىغانلىقىنى سورىغان بىر مۇخبىرغا، خۇ جىنتاۋنىڭ سۇدان پرېزىدېنتى ئەل - باشىر بىلەن بۇ مەسىلە ئۈستىدە پىكىر ئالماشتۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

خىتاي مەنپەئەت ئۈچۈن كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىگە كۆز يۇماقتا

فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ ئەسكەرتىشىچە، خىتاي ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىگە دائىمى ئەزا دۆلەت، شۇڭا سۇدان ھۆكۈمىتى بىلەن دارفۇر مەسىلىدىكى سۆھبەتلەردە مۇھىم رول ئوينىيالايدۇ. لېكىن خەلقئارا جەمئىيەت خىتاينى دارفۇر مەسىلىسىدە سۇدانغا يېتەرلىك بېسىم ئىشلەتمەيلا قالماي، بەلكى سۇدان ھۆكۈمىتى بىلەن نېفىت سودىسى ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ، دەپ ئەيىبلىمەكتە.

خەۋەرلەرگە قارىغاندا خەلقئارا جەمئىيەت خۇ جىنتاۋنىڭ ئافرىقا زىيارىتىنى، بولۇپمۇ ئۇنىڭ دارفۇر مەسىلىسىدە سۇدان ھۆكۈمىتىگە بېسىم ئىشلىتىدىغان ياكى ئىشلەيمەيدىغانلىقىنى كۈزەتمەكتە ئىكەن. 2003 -يىلى پارتلىغان سۇداننىڭ دارفۇر رايونىدىكى ئىرقىي توقۇنۇشتا ھازىرغا قەدەر 180 مىڭ ئادەم ئۆلدى، 2 مىليون ئادەم ئۆي ماكانسىز قالدى.

خىتاي خەلقئارانىڭ ئۆزىدىكى مەسىلىلەرگە ئارىلىشىشىدىن ئەنسىرەيدۇ

غەرب مەتبۇئاتلىرىنىڭ ئانالىز قىلىشىچە، خىتاينىڭ ئافرىقىغا يۈرۈش قىلىش سىياسىتى نېفىت قاتارلىق ئىستراتېگىيىلىك بايلىقلارغا ئېرىشىش بولۇپ، ئۇ يەردىكى كىشىلىك ھوقۇقى ۋە ئىچكى توقۇنۇشلارغا كۆڭۈل بۆلمەيدۇ. بەزى ئانالىزچىلار خىتاينىڭبۇ خىل سىياسىتىنى "يېڭى مۇستەملىكىچىلىك" دەپ ئەيىبلىمەكتە.

ئامېرىكىدىكى خىتاي ئانالىزچى ليۇ شاۋبو ئەپەندى خىتاينىڭ ئافرىقا سىياسىتىنى تەنقىد قىلغۇچىلارنىڭ بىرىدۇر. ئۇ، "خۇ جىنتاۋنىڭ ئافرىقىدا يولغا قويۇۋاتقان دىپلوماتىيىسى بۇ يەردىكى مۇستەبىتلەر بىلەن باردى - كەلدى قىلىشتۇر. ئەگەر بۇ يولغا مېڭىۋەرسە، كۈنلەرنىڭ بىرىدە مۇستەبىتلەر ھامىنى يىقىلىدۇ. ئاندىن كېيىن بۇ يەرگە سالغان سانسىز مەبلىغى بىر تىيىنگە ئايلىنىشى مۇمكىن.

خۇ جىنتاۋ ئويلىشىۋاتقان يەنە بىر مەسىلە ئۇ ئامېرىكا بىلەن ياۋروپانى چەكلىمەكچى. ئافرىقا بولسا بىر ئۇرۇش مەيدانى، غەرب دىپلوماتىيە ۋە سىياسى جۇغراپىيىسىنىڭ ئاساسى بەلۋىغى، لېكىن جوڭگو بۇ يەردە غەربكە قارشى نېمىگە تايانماقچى ؟ " دەيدۇ. لېكىن بەزى ئانالىزچىلار، خىتاينىڭ دارفۇر مەسىلىسىدە سۇدان ھۆكۈمىتىگە يېتەرلىك بېسىم ئىشلەتمەسلىكتىكى سەۋەبلەرنىڭ بىرى ئۆزىدىكى مىللىي مەسىلىلەر، دەپ قارىماقتا. ئۇلارنىڭ ئەسكەرتىشىچە، ب د ت دارفۇر مەسىلىسىنى بىر تەرەپ قىلىش ئۇسۇلى كەلگۈسىدە ئۆزىدىكى مىللىي مەسىلىلەرگە، بولۇپمۇ تىبەت ۋە ئۇيغۇر مەسىلىسىگە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئارلىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئۈلگە يارىتىدۇ، دەپ ئەنسىرىگەن بولۇشى مۇمكىن.

خىتاي ئافرىقىغا يېقىنلىشىشىدىكى سەۋەبلەر

لېكىن ئامېرىكا غەرب- شەرق ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى ياڭ لىيۇي، خىتاينىڭ ئافرىقا سىياسىتىدە نېفىت، تەيۋەن قاتارلىق مەسىلىلەرنى كۆزدە تۇتىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ، "جوڭگونىڭ ئافرىقا بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىدە ئەڭ مۇھىمى ئېنېرگىيە مەسىلىسى. ئىككىنچى، جوڭگو يېڭى باش كۆتۈرىۋاتقان دۆلەت، ئۇ ئافرىقىدىكى دۆلەتلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋەتكە سەل قارىمايدۇ. ئۈچۈنچى، بۇ يەردە تەيۋەن ئامىلى مەۋجۇت. تەيۋەننىڭ 24 دۆلەت بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋتى بار. بۇنىڭ بەشى ئافرىقىدا. جوڭگو بۇ دۆلەتلەرنىڭ تەيۋەن بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋىتىنى ئۈزۈشىنى ئۈمىد قىلىدۇ. تۆتىنچى. جوڭگو ئافرىقا ۋە لاتىن ئامېرىكىسىدىكى دۆلەتلەرنى بىرلەشتۈرمەكچى ۋە دۇنيادىكى 4 - كۈچ بولۇپ ئوتتۇرىغا چىقماقچى"، دەپ كۆرسەتتى.

خىتاي بىلەن ئافرىقىنىڭ 2005- يىلدىكى سودا ھەجىمى 40 مىليارد دوللارغا يېتىپ، ئالدىنقى يىلغا قارىغاندا 35 % ئاشقان. خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتىنىڭ ئەسكەرتىشىچە، سۇدان خىتايغا ئېكسپورت قىلغان توۋارلارنىڭ 99 % نېفىتنى ئاساس قىلماقتا شۇنداقلا ئانگولا خىتايغا ئېكسپىئورت قىلىدىغان بىردىن -بىر توۋار نېفىتتۇر. بۇ ئارىدا ئانالىزچىلار، ئافرىقىنى نوقۇل خام ئەشيا مەنبەئەسى قىلىش ئافرىقا ئەللىرىنىڭ تېخىمۇ نامراتلىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، دەپ ئاگاھلاندۇرماقتا. (ئەركىن)