خىتاي ئۇيغۇرلارنى ئامېرىكىغا قارشى قوللانماقچى


2006.07.25

7 - ئاينىڭ 23 - كۈنى، ميۇنخېندىكى بىر توپ ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ خەلقئارا ۋەزىيەت ۋە دىنىي مەسىلىلەر ھەققىدە ئېلىپ بارغان ئىختىيارى سۆھبەت سورۇنىدا، كىشىنى ئەجەپلەندۈرىدىغان غەلىتە بىر تېما ئوتتۇرىغا چىقتى.

دىنىي پائالىيىتى چەكلەنمىگەن يېڭى مەزھەپ

مەلۇم بولدىكى، يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان، خىتاي ھۆكۈمىتى مەخسۇس تەربىيىلىگەن ئۇيغۇر دىنىي شەخىسلىرى ئارقىلىق، بىر دىن ۋە بىر مەزھەپتىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىغا دىنىي ئىختىلاپ سېلىشقا ئۇرۇنۇپلا قالماستىن، ئۇيغۇرلارنى ئامېرىكىغا قارشى قوللىنىش ئۈچۈن ئىدېئولوگىيىلىك ئاساس ھازىرلاشقا باشلىغان. سۆھبەت ئەھلىنىڭ ۋەتەندىكى ئۇيغۇر دىنىي زاتلاردىن بىۋاستە ئىگىلىگەن ئەھۋاللارغا قارىغاندا، يېقىنقى بىر قانچە يىلدىن بۇيان خىتاي ھۆكۈمىتى مەخسۇس مەبلەغ ئاجرىتىپ، بىر قىسمى ئالىي مەكتەپ مەلۇماتىغا ئىگە بولغان، يەنە بىر قىسمى دىن ساھەسىدە يېتىلگەن بىر بۆلەك ئۇيغۇرلارنى ئۆزبېكىستاندا "ھىزبۇللا تەلىماتى" بويىچە تەربىيىلىگەن.

ۋەتەنگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن "ھىزبۇللاھچىلار" دەپ ئاتالغان بۇ ئۇيغۇر ياشلىرى نۆۋەتتە، ئۇيغۇر دىيارىنىڭ ھەر قايسى يۇرتلىرىدا ئاشكارە دىنىي تەرغىبات بىلەن شۇغۇللىنىشقا باشلىغان. ھەتتا ئۈرۈمچىدىكى ئالىي مەكتەپلەردىمۇ ھېلىغىچە ئەركىن - ئازادە پائالىيەتلىرىنى داۋام قىلغان.

خىتاينىڭ ۋاسىتىلىك دىنىي تەربىيىسىنى قوبۇل قىلىپ، "ھىزبۇللاھچىلار" دەپ نام ئالغان بۇ ياشلارنىڭ تەرغىباتلىرى ئۇيغۇر دىيارىدىكى دىنىي زاتلارنى قاتتىق چۆچۈتۈشكە باشلىغان. خىتاينىڭ دىنىي زۇلۇملىرى ئەۋجىگە چىققان، نۇرغۇنلىغان دىنىي زاتلار قولغا ئېلىنغان ۋە نورمال دىنىي پائالىيەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىشمۇ قەتئى چەكلىنىۋاتقان ئۇيغۇر دىيارىدا، بۈگۈنكى كۈندە بۇنداق يېڭى بىر دىنىي مەزھەپنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئۆز تەلىماتلىرىنى بىمالال بازارغا سېلىشى، ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ساراسىمە پەيدا قىلغان.

يېقىندا، ۋەتەندىكى بىر دىنىي زات، بۇ سۆھبەت سورۇنىدىكى بىر كىشىگە تېلېفۇن قىلىپ، خىتاينىڭ "ھىزبۇللاھچىلار" دىن پايدىلىنىپ، ئۇيغۇرلارنى مەزھەپلەرگە بۆلۈۋاتقانلىقىنى ۋە ئەزەلدىن ئامېرىكىغا مايىل ياشاپ كەلگەن ئۇيغۇرلاردا ئامېرىكىغا قارشى ئىدىيە پەيدا قىلىشقا ئۇرۇنىۋاتقانلىقىنى دۇنيا جامائىتىگە بىلدۈرۈپ قويۇشنى ئىلتىماس قىلغان ھەمدە ۋەتەندىكى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئەڭ مۇھىم خەۋەر مەنبەگە ئايلىنىپ قالغان ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى ئارقىلىق، بۇ خىل تەپرىقىچىلارنى داۋاملىق ئەيىبلەشنى ئۆتۈنگەن. سۆھبەت ئەھلىنىڭ ئىگىلىگەن مەلۇماتلىرىدىن قارىغاندا، بۇ ئاتالمىش "ھىزبۇللاھچىلار" نىڭ تەلىماتلىرىنىڭ تۈپ ئىدىيىسى ئامېرىكىغا قارشى تۇرۇشتىن ئىبارەت بولۇپ، ئامېرىكا ئاغدۇرۇش ۋە ئاخىرقى ھېسابتا يەر شارىدا "ئىسلام خەلىپىلىكى" قۇرۇش ئىكەن.

ئۇيغۇرلارنىڭ خىتايدىن باشقا دۈشمىنى يوق

خىتاينىڭ ھىماتى ئاستىدا ئۇيغۇر دىيارىغا تارىلىۋاتقان بۇ خىل ئىدىيىۋى ئېقىمدىن ئەندىشىلەن`گەن بۇ سورۇندىكى سۆھبەت ئەھلى، ھاياتلىق ھەققى ئۈچۈن جان تالىشىۋاتقان، مۇستەقىللىق ئارزۇسىدا كۆرەش قىلىۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ بۈگۈن ھېچقانداق مەزھەپكە ئېھتىياجى يوقلىقىنى، ئارتۇق بىر دۈشمەنگىمۇ ئېھتىياجى يوقلىقىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ خىتايدىن باشقا دۈشمىنى يوقلىقىنى، ئۆزىنىڭ مۇستەقىل شەرقىي تۈركىستان دۆلىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرمەي تۇرۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ھەرقانداق غەيرى ئىدىيىۋى ئېقىمغا ئەگىشىشىنىڭ ئەجەللىك خاتالىق بولىدىغانلىقىنى بىردەك تەستىقلىدى.

مەزكۇر مەسىلە ھەققىدە د ئۇ ق مەدەنىيەت - مائارىپ بۆلۈمىنىڭ مەسئۇلى "خىتاينىڭ يېڭى بىر دىنىي مەزھەپ پەيدا قىلىشتىكى غەرىزى، يالغۇز ئامېرىكىنىڭ ھىمايىسىگە ئىنتىلىۋاتقان ئۇيغۇرلارنى ئامېرىكىغا دۈشمەن قىلىشلا ئەمەس، بەلكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ئېغىر دىنىي ئىختىلاپ پەيدا قىلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى مىللىي مۇستەقىللىق كۈرىشىنىڭ ئورنىغا ئىچكى نىزانى دەسسىتىشتىن ئىبارەت" دەپ كۆرسەتتى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.