تۈركىيىدە شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى رەسمىي قۇرۇلدى
2006.05.24
24 – ماي كۈنى تۈركىيىنىڭ ئىستانبۇل شەھىرىدە شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى رەسمىي قۇرۇلدى. ئىستانبۇلدىكى بۇ جەمئىيەتتە ئۆتكۈزۈلگەن ئېچىلىش مۇراسىمغا، قەيسىرى ۋە ئەنقەرەدىن كەلگەن ئۇيغۇرلار، ئىستانبۇلدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇر قازاقلار، ئىستانبۇلدىكى ھەرقايسى سىياسى پارتىيىلەرنىڭ مەسئۇللىرى، ئاممىۋىي تەشكىلاتلارنىڭ مەسئۇللىرى، ئۇنىۋېرسىتېت ئوقۇتقۇچىلىرىدىن بولۇپ 200 گە يېقىن كىشى قاتناشقان.
بۇ ھەقتىكى تەپسىلى مەلۇماتلارنى، تۈركىيىدىكى ئىختىيارى مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىمدىن ئاڭلاڭ.
©
2006 Radio Free Asia