رابىيە قادىر خانىم يېڭى يىلنى تەبرىكلىدى

ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم 2012-يىلىنىڭ ئاخىرلىشىپ، 2013-يىلىنى كۈتۈۋېلىش مۇناسىۋىتى بىلەن پۈتۈن ئۇيغۇر خەلقىنى يېڭى يىل بىلەن تەبرىكلىدى ھەمدە ئۆزىنىڭ يېڭى بىر يىلدىكى ئۈمىد-ئارزۇلىرىنى ئىپادە قىلدى.
مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار
2012.12.31
rabiye-xanim-picnic-305.jpg ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن ۋاشىنگتون ئەتراپىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ دالا سەيلىسى. 2011-يىلى 23-ئاپرېل، ۋاشىنگتون.
RFA

ئۇ، سۆزىدە 2012-يىلىدا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ خەلقئارا سەھنىلەردە زور نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەنلىكىنى تەكىتلىدى شۇنىڭدەك يەنە ئۆز خەلقىنىڭ كۈتكەن ئارزۇ -ئارمانلىرىنىڭ ئەمەلگە ئېشىشىغا بولغان تىلەكداشلىقى ۋە ئۇيغۇر خەلقىنىڭ كىشىلىك ھوقۇقلىرى ھەم ئەركىنلىكى يولىدىكى خەلقئارالىق پائالىيەتلەرنى تېخىمۇ كۈچەيتىپ، ئىتتىپاقلىقنى ئاشۇرۇپ، يېڭى مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈمىدىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.