ئامېرىكا ئۇيغۇرلىرى يېڭى يىلنى كۈتۈۋالدى
2006.01.02
يېڭى يىل ھارپىسى كۈنى ئامېرىكىنىڭ پايتەختى ۋاشىنگتونغا جەم بولغان ئۇيغۇرلار تەنتەنە بىلەن 2006 - يىلنى كۈتۈۋالدى.
ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسى ئۇيۇشتۇرغان مەزكۇر پائالىيەتتە، نيۇيورك، كالىفورنىيە، بوستون، ئوخايو قاتارلىق بىر قانچە شىتاتلاردىن كەلگەن 200 گە يېقىن ئۇيغۇر قاتناشتى، مۇراسىم رىياسەتچىسى پۈتۈن مېھمانلارنىڭ مۇراسىمغا قەدەم تەشرىپ قىلغانلىقىغا ئالاھىدە رەخمەت بىلدۈرۈش بىلەن بىرگە، سۆزىنى "بۈگۈنكى بۇ قۇتلۇق كۈن بىز ئۈچۈن قوش بايرام بولدى، بىز يېڭى يىلنى مەنىۋىي ئانىمىز رابىيە قادىر خانىم بىلەن بىرگە قۇتلاۋاتىمىز، شۇڭا بۇ بىز ئۈچۈن تولىمۇ ئەھمىيەتلىك بىر كۈن بولدى" دېدى.
مەشھۇر كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى رابىيە قادىر خانىم تەكلىپكە بىنائەن سۆزگە چىقىپ، ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر دەۋاسىنى تېخىمۇ جانلاندۇرىدىغانلىقى، ئۇيغۇر خەلقى ئۈچۈن داۋاملىق پائالىيەت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈش بىلەن بىرگە، ئۆزىنىڭ پائالىيەتلىرىگە مەنىۋى ۋە ئىقتىسادىي جەھەتلەردىن ياردەم بېرىۋاتقان ئۇيغۇرلارغا رەخمەت ئېيتتى.
بۇ قېتىمقى يېڭى يىل مۇراسىمىغا، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باش تەپتىشى، شۋېتسىيە ئۇيغۇر كومىتېتىنىڭ رەئىسى، مەشھۇر مۇزىكانت ناخشىچى كۆرەش كۆسەن ئەپەندىمۇ تەكلىپ بىلەن قاتناشقان بولۇپ، ئۇنىڭ ناخشا ۋە دېكلاماتسىيىلىرى يىغىلىشنىڭ كەيپىياتىنى تېخىمۇ يۇقىرى كۆتۈردى.
يېڭى يىل مۇراسىمىدا يەنە، يۇرت چوڭلىرى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىتتىپاقلىقى، ئۇيغۇر داۋاسىنى تېخىمۇ يۈكسەلدۈرۈش ئۈچۈن يەنە قانداق پائالىيەتلەرنى ئېلىپ بېرىش ھەققىدە پىلان، تەكلىبلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- دۇنيا كىشىلىك ھوقۇق كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن رابىيە قادىر خانىمنى زىيارەت
- ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرى كوفى ئانناننى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدە خىتايغا بېسىم ئىشلىتىشكە چاقىردى
- گېرمانىيىدىكى ئەينەك ژورنىلى رابىيە قادىر ھەققىدە ماقالە ئېلان قىلدى
- رابىيە قادىر خانىم كالىفورنىيىدىكى زىيارىتىنى غەلىبىلىك ئاخىرلاشتۇردى
- رابىيە قادىر خانىم كالىفورنىيىدە ئۇيغۇر دەۋاسىنى ئاڭلاتماقتا
- دالاي لاما ۋاشىنگتوندا يەر شارى تىنچلىقى ۋە مېھرى - شەپقەت ھەققىدە نۇتۇق سۆزلىدى