2007 - يىلى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش تۇيغۇسى تېخىمۇ يۇقىرى ئۆرلەيدىغان يىل
2007.01.02
2007 - يىلى يېتىپ كېلىش بىلەن تەڭ خىتاي رەئىسى خۇجىنتاۋ يېڭى يىل نۇتىقى ئېلان قىلىپ 'بىر جوڭگو' دېگەن سىياسەتنى قايتىدىن تەكىتلىدى، بۇ جەھەتتە مۇرەسسە قىلىنمايدىغانلىقىنى جاكارلىدى. بۇ چاغدا، تەيۋەن پرېزىدېنتى چېن شۇيبيەنمۇ يېڭى يىل نۇتىقى ئېلان قىلىپ 'تەيۋەن جوڭگونىڭ بىر قىسمى ئەمەس' لىكىنى تېخىمۇ كۈچلۈك جاكارلىدى. ب ب س نىڭ خەۋەر ئانالىزىدا بايان قىلىنىشىچە، چېن شۇيبيەننىڭ يېڭى يىل نۇتىقى بۇنىڭدىن كېيىن خىتاينىڭ غەزىپىنى تېخىمۇ ئۆرلىتىشى مۇمكىن. 2007 - يىلى كىرىش بىلەن تەڭ، خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون رەئىسى ئىسمائىل تېلىۋالدىمۇ يېڭى يىل نۇتىقى ئېلان قىلىپ، بۇ يېڭى يىلدا ئۇيغۇر مۇستەقىلچىلىرىغا تېخىمۇ قاتتىق زەربە بېرىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەندە، ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ يېتەكچىسى رابىيە خانىممۇ ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى ئارقىلىق بايانات ئېلان قىلىپ، ئۇيغۇرلارنى ئۆزىنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن تېخىمۇ ئۈنۈملۈك كۈرەش قىلىشقا چاقىردى. كىشىلەر بۇنىڭدىن 2007 - يىلىدا خىتاينىڭ باشقا مىللەتلەرگە قاراتقان سىياسىتى قانداق بولىدىغانلىقىنى ۋە خىتايدا كىشىلىك ھوقۇقىدىن مەھرۇم قىلىنغان مىللەتلەرنىڭ خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتىگە قارىتىلغان قارشىلىق ھەرىكەتلىرى قانداق بولىدىغانلىقىنى پەرەز قىلماقتا.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، كانادا ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى مەھەممەت ئەپەندىنىڭ تەھلىل قىلىشىچە، 2007 - يىلىدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ باشقا مىللەتلەرگە قاراتقان سىياسىتىدە، مەسىلەن، خىتاي - تەيۋەن مۇناسىۋەتلىرىدە، بۇرۇندىن ساقلىنىپ كېلىۋاتقان زىددىيەتلەر تېخىمۇ كېڭىيىدۇ. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان سىياسىتىمۇ تېخىمۇ جىددىيلىشىدۇ. بۇ جەرياندا ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش تۇيغۇسى تېخىمۇ يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرىلىدۇ.
خۇجىنتاۋ يېڭى يىل نۇتىقىدا، ئۆتكەن يىلدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ سىياسەتلىرىدە ناھايىتى زور غەلىبە قازىنىلغانلىىقى، ئەمدى 2007 - يىلىدا بۇ غەلىبىنى تېخىمۇ كېڭەيتىدىغانلىقى بايان قىلىنغان ئىدى. مەھەممەت توختى ئەپەندى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆتكەن يىللاردىكى باشقا مىللەتلەرگە قاراتقان سىياسىتىنىڭ نەتىجىسىنى تەھلىل قىلدى. ئۇنىڭ قارىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆتكەن يىللاردا تەيۋەنگە قاراتقان سىياسىتى تەيۋەن خەلقىنىڭ مۇستەقىللىق تۇيغۇسىنى ۋە ئىرادىسىنى تېخىمۇ ئۆرلەتتى. ئەمدى 2007 - يىلىدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ، خۇددى ئىسمائىل تېلىۋالدى جاكارلىغاندەك، ئۇيغۇرلارنىڭ مۇستەقىللىق ھەرىكەتلىرىنى تېخىمۇ قاتتىق باستۇرۇدىغان سىياسىتىمۇ، ئۇيغۇر خەلقنىڭ ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش، ئۆزىنىڭ كەلگۈسى ئىستىقبالىنى ئۆزى يارىتىشتەك مۇستەقىللىق تۇيغۇسىنى تېخىمۇ يۇقىرى ئۆرلىتىدۇ.
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- رابىيە قادىر خانىم يېڭى يىل مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆتكەن يىل ۋە يېڭى بىر يىل ھەققىدە توختالدى
- تۈركىيىدىكى ئۇيغۇرلار خوشال خورام ھالدا ھېيىت ئۆتكۈزمەكتە
- قۇربان ھېيت ۋە يېڭى يىل مۇناسىۋىتى بىلەن رابىيە قادىر خانىمنى زىيارەت
- 2007 - يىلى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن قانداق بىر يىل بولار ؟
- 2006 - يىلى دۇنيادا يۈز بەرگەن ئاساسلىق توقۇنۇش ھادىسلىرى ئۈستىدە ئەسلىمە
- ئۆزبېكىستاننىڭ مۇستەقىل بولغاندىن كېيىنكى جەمئىيەت ۋەزىيىتى(2)