ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇرلار يېڭى يىلنى تەبرىكلىدى


2008.01.01

ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇرلار تۈنۈگۈن يەنى 31 ‏- دېكابىر كۈنى كەچتە، ئامېرىكىنىڭ ۋىرجىنىيە ئىشتاتىنىڭ ئالېكساندىرىيە شەھىرىدە يېڭى يىلنى تەبرىكلەپ پائالىيەت ئۆتكۈزدى. پائالىيەتكە، ئامېرىكىنىڭ ھەرقايسى شىتاتلىرىدىن بولۇپ، 200 دىن ئارتۇق كىشى قاتناشتى. پائالىيەتنى ئامېرىكا ئۇيغۇر جەمئىيىتى ئۇيۇشتۇردى.

ھەر قېتىملىق يېڭى يىلنى كۈتۈۋېلىش پائالىيىتى چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئۆز ‏- ئارا ئۇچرىشىش ۋە ھال سورۇشۇش پۇرسىتى بولۇپ قالماي، بىر يىللىق سىياسىي ۋە مىللىي پائالىيەتلىرىدىن خۇلاسە چىقىرىش، يېڭى بىر يىللىق خىزمەتلەر ئۈچۈن كۈچ ۋە ئىلھام ئېلىش پۇرسىتىدۇر. بۇ قېتىمقى پائالىيەتتە سۆز قىلغان، ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ يولباشچىسى رابىيە قادىر خانىم، ئالدى بىلەن ۋەتەن ئىچىدە، ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ بۈگۈنكى تەرەققىياتىغا ئۇل سالغان شېھىتلەرنى ئەسلەپ ئۆتتى، شېھىد ۋە مەھبۇس ئائىلىلىرىگە ھۆرمەت بىلدۈردى. ئارقىدىن، ئۆتكەن بىر يىل ئىچىدە، مىللىي ھەرىكەتتە ئىشلەنگەن خىزمەتلەرنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرىنى تىلغا ئالدى.

پائالىيەتتە، پائالىيەتكە قاتناشقان بالىلار، ياشلار ۋە ئانىلار ئۆزلىرى تەييارلىغان سەنئەت نومۇرلىرىنى كۆرسەتتى. ياشلار تەييارلىغان سەنئەت نومۇرىدا، شەرقى تۈركىستان مۇستەقىللىق كۈرىشى يولىدا، قولغا ئېلىنغان بىر مەھبۇسنىڭ، جازا مەيدانىدىكى جەسۇر ۋە مەردانە قىياپىتى سەھنىلەشتۈرۈلۈپ، تاماشىبىنلارنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشتى.

بۇ نومۇردا رول ئالغان ياش شەپقەت شاۋكەت، خىتاي تۈرمىسىدە دادىسىنىڭ 10 يىل، چوڭ دادىسىنىڭ 20 يىل ياتقانلىقىنى، ئۇلارنىڭ ئېغىزىدىن شەرقى تۈركىستان ئىنقىلاب تارىخى ۋە تۈرمە ھېكايىلىرىنى ئاڭلاپ چوڭ بولغانلىقىنى، شۇڭا ئۆزىنىڭ مەھبۇسلارنىڭ روھىي دۇنياسىنى چۈشىنىدىغانلىقىنى، غايىسىنىڭمۇ ۋەتەن - مىللەت خىزمىتىگە ياراملىق ئىنسان بولۇپ يېتىشىپ چىقىش ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

يېڭى يىل كېچىلىكىگە قاتناشقان ئابدۇللا ئەپەندى، يېڭى يىل كېچىلىكى تەسىراتى ھەققىدە توختىلىپ ئۆتتى.

رابىيە قادىر خانىم يېڭى يىل كېچىلىكىدىكى سۆزىدە، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ، 2008 ‏- يىلى، تېخىمۇ جاپالىق خىزمەت ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ ئۆتتى. (شۆھرەت ھوشۇر)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.