تۈركىيىدىكى ئۇيغۇرلار خوشال خورام ھالدا ھېيىت ئۆتكۈزمەكتە


2007.01.01

پۈتۈن دۇنيا مۇسۇلمانلىرىنىڭ ئۇلۇغ ئايەم كۈنى بولغان قۇربان ھېيت يېتىپ كەلدى. ئايەم ئەھلى قۇربانلىرىنى سويۇشۇپ، ئۇرۇق- تۇغقان، قولۇم -قوشنىلىرىنى زىيارەت قىلىشماقتا. ئاداۋىتى بارلار ھېيىت خاسىيىتى بىلەن ئاداۋەتلىرىنى ئۇنۇتۇشىپ دوستلۇق قوللىرىنى بىر بىرىگە ئۇزاتماقتا. ئانا ۋەتىنىدىن ئۇزاق يەردە - تۈركىيىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىسى بويىچە قۇربان ھېيىتلىرىنى ئۆتكۈزۈشمەكتە.

بىز تۈركىيىدىكى ئۇيغۇرلار زىچ ئولتۇراقلاشقان شەھەرلەردىن ئىستانبۇل، قەيسىرى ۋە ئەنقەرەدىكى ئۇيغۇرلارغا تېلېفون قىلىپ ھېيتنى قانداق ئۆتكۈزۈۋاتقانلىقىنى سورىدۇق. ئۇلار ھېيت جەريانىدا تەشكىلات مەركەزلىرىگە توپلىشىپ ئوپچە ھالدا دۇئا-تىلاۋەت قىلغانلىقىنى، دۇئاسىدا ئۇيغۇرلارنىڭ بالدۇرراق ئەركىنلىكىگە ئېرىشىشىنى ئاللاھدىن تىلىگەنلىكىنى ئېيتىشتى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.