'يېڭىساردا دېھقان بولماق تەس' (2)

ھېكىم سىيىت تەييارلىغان شىكايەت فىلىمىدە بايان قىلىنىشىچە، يېڭىسار ناھىيىلىك ھۆكۈمەت دېھقانلارغا ئۆزى خالىمىغان، ئەقلىدىن ئۆتمىگەن تېرىقچىلىق پىلانىنى مەجبۇرىي تاڭغاندىن باشقا، مەجبۇرىي ھالدا بانكىدىن قەرز ئالدۇرغان.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺷﯚﻫﺮﻩﺕ ﻫﻮﺷﯘﺭ
2009.01.09
Dixan-awazi-yengisar-305 'ﻳﯧﯖﯩﺴﺎﺭﺩﺍ ﺩﯦﻬﻘﺎﻥ ﺑﻮﻟﻤﺎﻕ ﺗﻪﺱ' ﺳﯩﻦ - ﺋﺎﻟﻐﯘﺳﯩﺪﯨﻦ ﺋﯧﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﺑﯘ ﺳﯜﺭﻩﺗﺘﻪ، ﻳﯧﯖﯩﺴﺎﺭﻟﯩﻖ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺩﯦﻬﻘﺎﻧﻠﯩﺮﻯ ﺋﯚﺯﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺷﯩﻜﺎﻳﻪﺗﻨﺎﻣﯩﺴﯩﻨﻰ ﺋﻮﻗﯘﯞﺍﺗﻘﺎﻥ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺵ.
ﺋﻮﻗﯘﺭﻣﻪﻧﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﻪﯞﻩﺗﻜﻪﻥ 'ﻳﯧﯖﯩﺴﺎﺭﺩﺍ ﺩﯦﻬﻘﺎﻥ ﺑﻮﻟﻤﺎﻕ ﺗﻪﺱ' ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ ﺳﯩﻦ - ﺋﺎﻟﻐﯘﺩﯨﻦ ﺋﯧﻠﯩﻨﺪﻯ.

دېھقانلار قەرز ئالغان پۇللىرىنى ئۆزلىرى خەجلەش ھوقۇقىغا ئىگە بولمىغان؛ ئۇلار قەرز ئالغان پۇلنىڭ ھەممىنى ياكى بىر قىسمىنى كەنت مەسئۇللىرىغا تاپشۇرغان. كەنت مەسئۇللىرى بۇ پۇل ھېسابىغا تېرىقچىلىق ماتېرىياللىرىنى تەمىنلىگەن.

يەنى پارنىكقا كېرەكلىك پلاستىك، خىمىيىۋى دورا، ئۇرۇقلۇق قاتارلىق ماتېرىياللىرىنى ئۆزلىرى تاللاپ ۋە باھا تالىشىپ سېتىۋېلىش ھوقۇقىدىن مەھرۇم قالدۇرۇلغان.

ناھىيە دېھقانلىرىغا مەجبۇرىي سېتىلغان پلاستىك، خىمىيىۋى دورا، پارنىك يوتقىنى قاتارلىق نەچچە مىليون يۈەنلىك مەھسۇلاتنىڭ خىتاينىڭ ئىچكى ئۆلكىلىرىدە ئىشلەپچىقىرىلغانلىقى ئېنىق!

بۇ يەردە پارتكوم سېكرېتارى يى شياۋ لياڭنىڭ ئويلاۋاتقىنى يېڭىسار دېھقانلىرىنىڭ مەنپەئەتىمۇ ياكى خىتاي فابرىكىچىلارنىڭ مەنپەئەتىمۇ؟ ئەگەر يېڭىسار دېھقانلىرىنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن بولسا، نېمە ئۈچۈن بىر قېتىم چوڭ زىيانغا ئۇچرىغان جاڭدۇ تېرىش پىلانى يېڭىسار دېھقانلىرىغا تەكرار تېڭىلىدۇ؟ نۆۋەتتە مانا بۇ سوئالنىڭ جاۋابى مەجھۇل.

دېھقانلارنىڭ تۆۋەندىكى پەريادلىرى مەيلى ناھىيە، مەيلى ۋىلايەت، مەيلى ئاپتونوم رايون ، مەيلى مەركىزى ھۆكۈمەتنىڭ دىققىتىنى تارتمىغان.

2000 يۈەن قەرزگە بوغۇلغان بىر مېيىپ دېھقان، قەرزنى قايتۇرۇش ئۈچۈن مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ئىككى قىزىنى مەكتەپتىن چىقىرىۋېلىشقا ۋە بۇ ئىككى قىزى ياقا يۇرتلاردا پاختا تېرىتىشقا مەجبۇر بولغان.

بۇ چاغدا يەنە ، كەنت كادىرلىرى كەنتنىڭ مائارىپ خىزمىتىنىڭ باھالىنىشىغا سەلبىي تەسىر كۆرسىتىدۇ دەپ قاراپ مەزكۇر دېھقاننى قىزىنى تېپىشقا مەجبۇرلىغان. دېھقان سوراق ۋە تۇتقۇن قىلىنىشتىن قورقۇپ، 24 كۈن ئۆيىگە قايتالمىغان، تالادا قونغان.

ئۇيغۇر دېھقانلىرى مانا مۇشۇنداق دەرتلەر بىلەن پەرياد چېكىۋاتقان كۈنلەردە، ئۈرۈمچىدە خەلق قۇرۇلتىيى ۋە سىياسىي كېڭەشتىن ئىبارەت ئىككى يىغىن ئېچىلماقتا.

نۇر بەكرى يىغىندا، مۇقىملىقنى تەكىتلىمەكتە ۋە ھەر دەرىجىلىك ئورگانلارنى  ئۈچ خىل كۈچلەرگە زەربە بېرىشكە چاقىرماقتا.

ئۇيغۇر دېھقانلىرىغا زىيان سېلىۋاتقان "ئۈچ خىل كۈچ" مۇ ياكى چىرىك ئەمەلدارلارمۇ؟ مانا بۇ سوئالنى قويۇش خەلق ۋەكىللىرىنىڭ نېمە ئۈچۈن ئېسىگە كەلمەيدۇ؟ رەئىس نۇر بەكرىنىڭ يى شياۋلياڭغا ئوخشاش خەلقنى زىيانغا ئۇچراتقان پارتكوم سېكرىتارلىرىدىن ھېساب سورىغىدەك ھوقۇقى يوقمۇ ياكى جاسارىتى يوقمۇ؟

مانا بۇ، يېڭىسار دېھقانلىرىنىڭ شىكايىتى تور بەتلەردە ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، فىلىمنى كۆرگۈچىلەر ئوتتۇرىغا قويۇۋاتقان سوئاللاردۇر.


پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.