ھۆكۈمەتنىڭ دېھقانلارنىڭ يېرىنى مەجبۇرىي تارتىۋىلىشى نەتىجىسىدە بىر خىتاي دېھقان ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالغان
2005.07.26
21 - ئىيۇل پەيشەنبە كۈنى، لياۋنىڭ ئۆلكىسى ۋافاڭدىئەندىكى شىنچېڭ سانائەت رايونىدا يۈرگۈزۈلگەن، ھۆكۈمەت مەمۇرىي قانۇنىنى ئىجرا قىلىش ئەترىتىنىڭ ئاھالىلارنىڭ يېرىنى مەجبۇرى تارتىۋىلىش ھەرىكىتى جەريانىدا، 61 ياشلىق جو فاجى ئۆز ئۆيىنىڭ ئالدىغا تىكىلگەن ئۈزۈم تېكى ئاستىدا ئۆزىنى پارتلىتىپ ئۆلۈۋالغان.
25 - ئىيۇل كۈنى بىز، شىنچېڭ كەنتى سانائەت رايونىنى ئىدارە قىلىش ئورگىنىغا تېلېفون ئۇردۇق . مەزكۇر ئورۇندىكى خادىم ، ھۆكۈمەتنىڭ بۇ ھەرىكەتنى مەجبۇرىي يوسۇندا ئېلىپ بارمىغانلىقىنى ئېيتىپ " بۇ ئىش ھېچقاچان مەجبۇرىي ئېلىپ بېرىلمىدى، جۇ فاجى ئۆزىنىڭ ئۈزۈم تېكى ئاستىدا ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالدى، ئۇ نېمىشقا ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالدى ، بۇ نامەلۇم ، شۇڭا ھازىر جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسى ۋەقەنى تەكشۈرىۋاتىدۇ، ۋەقە يۈز بەرگەندە ئەتراپتا ھېچقانداق ئادەم يوق ئىدى" دېدى.
بىراق، جۇ فاجىنىڭ كىلىنى ليۇ شۇجېن بىزگە ۋەقە جەريانىنى ئېنىق ئېيتىپ " ئەتتىگەندە بىز ئۈزۈملۈكتە ئىشلەۋاتاتتۇق، تۇيۇقسىز دادام بىزنىڭ يېنىمىزغا كېلىپ، بۈگۈن يەرلىرىمىزنى بىزدىن تارتىۋالىدىكەن، دېدى. ئۇزۇن ئۆتمەيلا ھۆكۈمەت مەمۇرىي قانۇنىي باشقۇرۇش ئەترىتىدىكىلەر كېلىپ، دادامنى ئۇرۇپ كەتتى"
ليۇ شۇجېن، بىزنىڭ " قېينىئاتىڭىزنى ئۇلار ئۇرغاندا ئەتراپتا گۇۋاھچىلار بارمىدى ؟ دىگەن سۇئالىمىزغا جاۋاپ بېرىپ: " ئەلۋەتتە ، ئەتراپتا بىزنىڭ كەنتتىكى نۇرغۇن ئادەم بار ئىدى، ھەتتا ئۇلار دادىمىزنىڭ مەيدىسىگە قاتتىق دەسسىدى ، بۇ سەۋەپتىن ئۇنىڭ كىيىملىرى يىرتىلىپ كېتىپتۇ، تاياق يىگەن دادام ئۆيگە قايتىپ كىرىپ، ئاندىن كېيىن يەنە چىقىپ كەتتى، " گۇم" قىلغان بىر ئاۋازدىن كېيىن قېيىن ئانام ئۆيدىن يۈگرەپ سىرتقا چىقىپ قارىسا، مەمۇرىي باشقۇرۇش ئەترىتىنىڭ ئادەملىرى ھەممىسى يۈگرىگەن پېتى قېچىپ كېتىپتۇ، قېينى ئانام ھۇشىدىن كەتتى، ئەگەر سىز نەق مەيدانغا كېلىپ كۆرسىڭىز ناھايىتى ئېچىنىشلىق مەنزىرىنى كۆرىسىز، قېينى ئاتامنىڭ قوللىرى ئۈزۈلۈپ كېتىپتۇ"
ۋافاڭدىئەن مەمۇرىي باشقۇرۇش ئەترىتىنىڭ بىر مەسئۇلى بۇ ھەقتە توختۇلۇپ، ھەرىكەتنىڭ ھېچقاچان مەجبۇرىي ئېلىپ بېرىلمىغانلىقىنى ۋە ئادەم ئۇرۇش ۋەقەسى يۈز بەرمىگەنلىكىنى ئېيتىپ مۇنداق دىدى: " كىمنى ئۇرۇپتۇق، كىم سىلەرگە شۇنداق دەيدۇ؟ بىز ئۇنىڭ ھېچنەرسىسىگە چېقىلمىدۇق، ھېچنەرسىسىنى ئۆرىۋەتمىدۇق ، بۇ ئىش ھېچقاچان مەجبۇرىي ئېلىپ بېرىلمىدى"
لېكىن، كەنتتىكى يەنە بىر ئادەم بىزگە، ھۆكۈمەتنىڭ يەرلەرنى تارتىۋىلىش جەريانىدا، داۋاملىق قارا جەمئىيەت كۈچلىرىنى ئىشقا سالىدىغانلىقىنى، ئۇلارنىڭ كەنتتىكىلەرنى قاتتىق ئۇرغانلىقىنى ئاشكارىلىدى. بۇ كىشى يەنە، ئۆتكەن يىلى قىشتا كەنت ئاھالىسى ئەھۋالنى ئەرز قىلىش ئۈچۈن بېيجىڭغا بارماقچى بولغاندا، پويىز ئىستانسىسىدا زوراۋانلىق بىلەن توسقۇنلۇققا ئۇچرىغانلىقىنى، ھەتتا قانۇن ئورگانلىرىنىڭ كىيىمىنى كىيگەن ھۆكۈمەت خادىملىرىنىڭ بىر قىسىم كەنت ئاھالىسىنىڭ پۇت - قوللىرىنى گۇرجەك، جوتۇ بىلەن ئۇرۇپ سۇندۇرىۋەتكەندىن كېيىن كەنتكە قايتۇرۇپ ئېلىپ كەلگەنلىكىنى ئاشكارىلىدى.
جۇ فاجېنىڭ كىلىنى، ليۇ شۇجېنىڭ ئېيتىشىچە ، ئۇلارنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر تىككەن ئۈزۈم تەكلىرىگە 4 يىلدىن ئاشقان بولۇپ، ئەسلىدە ھۆكۈمەت ھەر بىر تۈپ ئۈزۈم تېكىگە 100 يۈئەن تۆلەم تۆلەشنى بېكىتكەن بولسىمۇ، بىراق مەمۇرىي قانۇن ئىجرا قىلىش ئەترىتى ھەر بىر تەككە ئاران 20 يۈئەن پۇل بېرىپ، 80 يۈئەن پۇلنى بەرمىگەن ، بۇنىڭ بىلەن جۇ فاجې مەمۇرىي قانۇن ئىجرا قىلىش ئەترىتىگە بېرىپ ، ئۆزىنىڭ رازى بولمىغانلىقىنى ئېيتقان . ليۇ شۇجېنىڭ بىلدۈرۈشىچە ، ئەسلىدە ھۆكۈمەت ئۇلارغا 310 مىڭ يۈئەن تۆلەم تۆلىشى كېرەك بولسىمۇ ، ئەمما ئاران 140 مىڭ يۈئەن بەرگەن.
كەنتتىكى يەنە بىر نەپەر ئايال بىزنىڭ زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، كەنتتىكىلەرنىڭ ئىنتايىن قورقۇپ كەتكەنلىكىنى، ئەگەر كىم يەرلىرىنى بېرىشكە قوشۇلمىسا ، ھۆكۈمەتنىڭ دەرھال قارا جەمئىيەت گۇرۇھىنى ئىشقا سېلىپ كەنتتىكىلەرنى ئەدەپلەيدىغانلىقىنى، كىم قارشى چىقسا، شۇنىڭ پۇت - قولى سۇنۇپ ، بىر قانچە ئاي ئازاپ تارتىدىغانلىقىنى ئېيتتى.
خىتايدا ، خەلقنىڭ يېرىنى مەجبۇرىي تارتىۋىلىش قىلمىشى بارغانسىرى كۆپىيىپ،بۇنىڭ نەتىجىسىدە قارشىلىق ھەرىكەتلىرىمۇ ئەۋج ئالماقتا .(ئەقىدە)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- خىتاي دېھقانلار يەر - زېمىن داۋاسىدا ھۆكۈمەتنى يەڭدى
- ئولىمپىك قۇرۇلۇشىدا يېرىدىن ئايرىلغان دېھقانلار نامايىش قىلغانلىقى ئۈچۈن تۇتقۇن قىلىندى
- خىتاينىڭ يەر- مۈلۈك قانۇنلىرى ئۇيغۇر ئېلىدە خەلق مەنپەئەتىنى قوغدىيالمايدۇ
- نىلقىدىكى دېھقانلار بىلەن ھۆكۈمەت ئوتتۇرىسىدىكى ماجرا
- غۇلجىدا قەدىمىي ئۇيغۇر مەھەللىلىرى ئورنىغا خىتاي كوچىلىرى بەرپا قىلىنماقتا