ئۇيغۇر ئېلىدە يەر ماجرالىرى كۆپەيمەكتە


2005.12.22

خىتايدا يەر ماجىرالىرىنىڭ بارغانسېرى ئەۋج ئېلىشى ۋە شۇ سەۋەبتىن كېلىپ چىققان خەلق نارازىلىقلىرىنىڭ كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ، ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى ئۇيغۇر بۆلۈمىنىڭ ھەقسىز لېنىيىسىگە بۇ ھەقتە كېلىدىغان ئىنكاسلارمۇ جىقىيىشقا باشلىدى.

رادىئومىزغا كەلگەن بۇ ئىنكاسلارغا قارىغاندا، ئۇيغۇر ئېلىدە ھازىر ھۆكۈمەتنىڭ تۈرلۈك قۇرۇلۇشلىرى سەۋەبىدىن ئۆي-زېمىنلىرىدىن كۆچۈرۈشكە مەجبۇر بولغان خەلقلەرنىڭ ھۆكۈمەتنىڭ ئۇلارغا بەرگەن تۆلەم پۇللىرىدىن رازى بولماسلىق ئەھۋالى بىر قەدەر ئومۇميۈزلۈك مەۋجۇت بولغان. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن بىزنىڭ زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبىي رايونىدىكى ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بىر ئۇيغۇر كىشى، ئۆزىنىڭ ھۆكۈمەت بىلەن ئۇزۇن يىل يەر داۋاسىنى قىلىپ كەلگەنلىكىنى ئېيتتى. ئۇنىڭ بىزگە دەپ بېرىشىچە، ئۇ ھۆكۈمەتنىڭ تۆلەم پۇلىغا رازى بولماي ئۆيدىن كۆچكىلى ئۇنىمىغاندا، ھۆكۈمەت ئۇنىڭ ئۆيىنى 3 قېتىم چاققان ھەمدە ئۆيىنىڭ توك ۋە سۇ تەمىناتىنى كېسىۋەتكەن.

بۇ ھەقتىكى مەلۇماتلارنى مۇخبىرىمىز پەرىدەنىڭ مەخسۇس پروگراممىسىدىن ئاڭلاڭ.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.