ئۇچتۇرپاندا قاتتىق يەر تەۋرىدى


2005.02.15

ئۇچتۇرپان ناھىيىسىدە سەيشەنبە كۈنى ئەتىگەن سائەت 5 يېرىملار ئەتراپىدا 6.2 بال يەر تەۋرەش ئاپىتى يۈز بەردى. ئاپەتتە ھازىرغىچە ئادەم ئۆلۈش ۋە يارىلىنىش ئەھۋاللىرىنىڭ كۆرۈلمىگەنلىكى بىلدۈرۈلمەكتە.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ زۇۋانى بولغان شىنخۇئا ئاگېنتلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ قېتىمقى يەر تەۋرەشنىڭ مەركىزى ئۇچتۇرپاننىڭ يېڭى ئاۋات يېزىسىغا توغرا كېلىدىكەن. يېزىلىق پارتكوم سېكرىتارى خۇاڭ، دەسلەپكى ئېنىقلاشلارغا قارىغاندا، يېڭى ئاۋات يېزىسى تەۋەلىكىدە 30 ئائىلىكنىڭ 50 ئېغىزدەك ئۆيى ئۆرۈلۈپ، قىسمەن ئۆيلەرنىڭ چاك كەتكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

ئەگەشمە يەر تەۋرەشلەر يەنە يۈز بېرىشى مۇمكىن

بىز بۇ قېتىمقى يەر تەۋرەش ھەققىدە تەپسىلى مەلۇمات ئىگىلەش ئۈچۈن، ئاقسۇ ۋىلايەتلىك يەر تەۋرەش ئىدارىسى بىلەن ئالاقىلاشتۇق. زىيارىتىمىزنى قۇبۇل قىلغان لى فامىلىلىك بىر خادىم، سەيشەنبە كۈنى ئەتىگەن يەرلىك ۋاقىت سائەت بەش يېرىمدا 6.2 بال قاتتىق يەر تەۋرىگەندىن بۇيان، ھازىرغىچە 90 نەچچە قېتىم ئەگەشمە يەر تەۋرىگەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، مۇنداق دېدى:

ھازىرغىچە 90 نەچچە قېتىم ئەگەشمە يەر تەۋرەش يۈز بېرىپ بولدى..... بىراق بەش بال ئەتراپىدىكى ئەگەشمە يەر تەۋرەشلەر يەنە يۈز بېرىشى مۇمكىن.... ھازىر دەسلەپكى ئېنىقلاشلاردا بىۋاستە ئىقتىسادىي زىياننىڭ 30 مىليون خەلق پۇلى ئەتراپىدا ئىكەنلىكى مۆلچەرلەندى.

"ھازىرغىچە 90 نەچچە قېتىم ئەگەشمە يەر تەۋرەش يۈز بېرىپ بولدى. ئەڭ كۈچلۈكى بۈگۈن چۈشتىن كىيىن يۈز بەرگەن 5.1 بال يەر تەۋرەش. ئەگەشمە يەر تەۋرەشلەر يەنە يۈز بېرىشى مۇمكىن. بىزنىڭ قىياس قىلىشىمىزچە ئەڭ كۈچلۈك بولغاندىمۇ بۈگۈن ئەتىگەن يۈز بەرگەن 6.1 بال يەر تەۋرەشتىن ئېشىپ كەتمەيدۇ. بىراق بەش بال ئەتراپىدىكى ئەگەشمە يەر تەۋرەشلەر يەنە يۈز بېرىشى مۇمكىن".

ئاپەتتە خېلى جىق زىيان كۆرۈلدى

لى فامىلىلىك مەزكۇر خادىم، ھازىرغىچە يەر تەۋرەشتە ئۆلۈم- يىتىم ھادىسىلىرىنىڭ كۆرۈلمىگەنلىكىنى، قۇتقۇزۇش خىزمەتلىرىنىڭ جىددى داۋام قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ يەنە مۇنداق دېدى:

"ئاپەتتە خېلى جىق زىيان كۆرۈلدى. ئۆرۈلۈپ چۈشكەن ئۆيلەر نەچچە ئون ئېغىز ئەتراپىدا، ئانچە كۆپ ئەمەس. ئاساسلىقى چەت يېزىلاردىكى دېھقان - چارۋىچىلارنىڭ ئۆيلىرى ئۆرۈلدى. بۇ ئۆيلەر كېسەكتىن ئاددىيلا سېلىنغاچقا، ئاسانلا ئۆرۈلۈپ چۈشكەن. شەھەرگە يېقىن رايونلاردىكى ئۆيلەر يەر تەۋرەشكە بەرداشلىق بېرەلەيدىغان قىلىپ سېلىنغاچقا، ئانچە چوڭ مەسىلىلەر كۆرۈلمىدى. بىراق چەك كەتكەن ئۆيلەرنىڭ سانى خېلى بار، بۇنى داۋاملىق تەكشۈرىۋاتىدۇ. ھازىر دەسلەپكى ئېنىقلاشلاردا بىۋاستە ئىقتىسادىي زىياننىڭ 30 مىليون خەلق پۇلى ئەتراپىدا ئىكەنلىكى مۆلچەرلەندى".

ئۇ، ئۇچتۇرپان ناھىيىسىدىن سىرت، ئاقسۇ شەھىرى ۋە كەلپىن، ئاۋات، ئونسۇ، باي ناھىيىلىرىدىكى كىشىلەرنىڭمۇ يەر تەۋرەشنى كۈچلۈك ھىس قىلغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ يەنە تەۋرەش مەركىزىگە ئەڭ يېقىن بولغان يېڭى ئاۋات يېزىسىنىڭ ئاپەتكە ھەممىدىن قاتتىق ئۇچرىغانلىقىنى كۆرسەتتى.

بۇ مۇناسىۋەت بىلەن بىز، يېڭى ئاۋات يېزىسىدىكى ئەھۋاللارنى ئىگىلەش ئۈچۈن، يېزىلىق ھۆكۈمەت بىلەن ئالاقىلاشتۇق . بىراق، يېزىلىق ھۆكۈمەتنىڭ ئالاقىدار ئەمەلدارى، بۇ ھەقتە مەلۇمات بېرىشنى رەت قىلدى.

سىرتتا يېتىشقا مەجبۇر بولىۋاتىمىز

ھۆكۈمەت تېخى بۇ يەرگە ھال سورىغىلى كېلىپ بولالمىدى..... بىرەرسى تېخى كېلىپ نېمە بولدى دەپ بولالمىدى

يېڭى ئاۋات يېزىسىنىڭ مەلۇم كەنتىدىكى بىر دېھقان كىشى، يەر تەۋرەشتە ئۆز كەنتىدە ھېچقانداق ئۆلۈم- يېتىم ۋەقەلىرىنىڭ يۈز بەرمىگەنلىكىنى، بىراق ئۆزلىرىنىڭ نۆۋەتتە تەشۋىش ئىچىدە ئۆيلىرىگە كىرەلمەي سىرتتا يېتىشقا مەجبۇر بولىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ يەر تەشرەشنىڭ كېچە سائەت بەش يېرىمدا يۈز بەرگەنلىكىنى، كېچە بولغاچقا كىشىلەرنىڭ تەشۋىشلىنىپ، بالىلارنىڭ قورقۇپ چىرقىرىشىپ كەتكەنلىكىنى، كېچىنى تالادا تۈنەپ ئۆتكۈزگەنلىكىنى، قار ياغقان بولغاچقا سوغۇقتا قالغانلىقىنى بىلدۈردى.

خىتاي مەركىزى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ ئەڭ يېڭى خەۋىرىدە، ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق خەلق ئىشلىرى نازارىتىنىڭ ئاپەتكە ئۇچرىغان رايونغا 100 دەك قىشلىق چېدىر ئەۋەتىپ بەرگەنلىكىنى، بىرمۇ كىشىنىڭ تالادا قالمىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

بىراق يېڭى ئاۋات يېزىسىدىكى بۇ كىشى، ئۇلارنىڭ كەنتىگە تېخى ھېچقانداق ياردەمنىڭ يىتىپ كەلمىگەنلىكىنى كۆرسەتتى.

يېڭى ئاۋات يېزىسىدىكى 40 ياشلار ئەتراپىدىكى يەنە بىر دېھقان كىشى بولسا، نۆۋەتتە ئۇلارنىڭ كەنتىدە قار يېغىۋاتقانلىقىنى، كەنتلىك ھۆكۈمەت يەنە يەر تەۋرەش ئېھتىماللىقى بارلىقى ھەققىدە ئۇقتۇرغانلىقى ئۈچۈن، نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ سوغۇققا قارىماستىن، كېچىنى سىرتتا ئۆتكۈزىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

يەرلىك ھۆكۈمەت دائىرىلىرى ۋە ئاھالىلەردىن ئىگىلىشىمىزگە قارىغاندا، يېڭى ئاۋات يېزىسىدىن سىرت، ئۇچتۇرپان ناھىيىسىنىڭ ئىماملىرىم يېزىسى ۋە يامانسۇ يېزىلىرىمۇ ئاپەتنىڭ تەسىرىگە بىر قەدەر ئېغىر ئۇچرىغان. يامانسۇ يېزىسىدا 280 دەك ئائىلىلىكنىڭ ئۆيىگە چاك كەتكەن.

ئىككى يىل ئاۋۋال، ئوخشاشلا فېۋرال ئېيىدا قەشقەرنىڭ مارالبېشى ۋە پەيزىۋات ناھىيىلىرىدە 6.8 بال يەر تەۋرەپ، ئاز دېگەندە 260 دىن ئارتۇق ئادەمنىڭ ئۆلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئىدى. بۇ قېتىم يەر تەۋرەش يۈز بەرگەن ئۇچتۇرپان ناھىيىسىدە 180 مىڭ ئاھالە بار بولۇپ، ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى ئۇيغۇرلار. (ئارزۇ)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.