ئۇچتۇرپاندىكى ئاپەتكە ئۇچرىغان خەلقلەر قىيىنچىلىققا ئۇچرىماقتا

0:00 / 0:00

15 - فىۋرال كۈنى ئەتىگەن سائەت بەش يېرىملاردا ئۇچتۇرپان ناھىيىسىدە قاتتىق يەر تەۋرىگەن ئىدى. يەر تەۋرەشتە ھېچقانداق ئادەم زىيان- زەخمەتكە ئۇچرىمىغان. بىراق يېڭى ئاۋات ، ئىماملىرىم ۋە يامانسۇ يېزىسىدىكى نۇرغۇن ئاھالىلەر ئوخشاش بولمىغان دەرىجىدە ئاپەتنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان بولۇپ، بەزى ئائىلىلىكلەرنىڭ ئۆيى ئۆرۈلۈپ چۈشكەن. بەزىلىرىنىڭ ئۆيىگە بولسا چاك كەتكەن.

يەر تەۋرەش ئاپىتى يۈز بەرگەندىن كىيىن، خىتاي مەتبۇئاتلىرى بەس- بەستە خەۋەر بېرىپ، ئاپەتكە ئۇچرىغان رايۇنلاردىكى خەلقلەرنىڭ تۇرمۇشى ۋە ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش ئەھۋاللىرىنى تونۇشتۇرغان.

خىتاي مەتبۇئاتلىرىدا

ئاپەتكە ئۇچرىغان خەلق بارلا يەردە ھۆكۈمەت كادىرلىرى ئۇلار بىلەن بىللە.

"شىنخۇئا تور بېتى" چارشەنبە كۈنى بەرگەن خەۋىرىدە، "مۇخبىرىمىز يېڭى ئاۋات يېزىسىدا خەلقلەرنىڭ تۇرمۇشلىرىنىڭ ئىلگىرىكىدەكلا نورمال داۋام ئىتىۋاتقانلىقىنى كۆردى. چارۋىچىلار يەنىلا ئاپتاپتا قويلىرىنى بوداۋېتىپتۇ. ياشانغانلار بولسا يول بويلىرىدا پاراڭلىشىۋېتىپتۇ. ئۇلارنىڭ تۇرمۇشى نورمال كېتىۋېتىپتۇ"، دېيىلگەن.

خەۋەردە يەنە، ئۇچتۇرپان ناھىيىلىك ھەر قايسى تارماقلار ۋە يېڭى ئاۋات يېزىسىدىكى خىزمەتچى خادىملارنىڭ نەق مەيداندىكى قۇتقۇزۇش ئىشلىرىغا قاتنىشىۋاتقانلىقىنى، يەر تەۋرەشتە ئۆرۈلۈپ چۈشكەن ۋە ياكى چاك كەتكەن ئۆيلەردىكى ئاھالىلەرنىڭ خۇلۇم- خوشنىلارنىڭ ئۆيلىرىگە ۋە قىشلىق چېدىرلارغا يۆتكەلگەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، ئاپەت رايونىدا بىرمۇ كىشى سىرتتا قالىدىغان ۋە ياكى خەتەرلىك چاك كەتكەن ئۆيلەردە تۈنەيدىغان ئەھۋاللار كۆرۈلمىگەنلىكىنى مەلۇم قىلدى.

خىتاي دائىرىلىرى: ئاپەتكە ئۇچرىغانلار تەل تۆكۈس ئورۇنلاشتۇرۇلدى

بىز خەلقنىڭ ئاپەتكە ئۇچراش ئەھۋالى ۋە ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش ئىشلىرى ھەققىدە تېخىمۇ ئىلگىرلىگەن ھالدا مەلۇمات ئىگىلەش ئۈچۈن، ئۇچتۇرپان ناھىيىلىك پارتكوم ئىشخانىسىغا تېلېفون قىلغىنىمىزدا، بىر مەسئۇل خادىم نۆۋەتتە قۇتقۇزۇش ئىشلىرىنىڭ جىددى داۋام قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، نۆۋەتتە ئۇچتۇرپان ناھىيىلىك پارتكوم ۋە ھۆكۈمەت دائىرىلىرى ئاپەتكە ئۇچرىغان بارلىق خەلقلەرنى تەل تۆكۈس ئورۇنلاشتۇرۇپ بولغان. ئۇ سۆزىدە، ئاپەتكە ئۇچرىغان خەلق بارلا يەردە ھۆكۈمەت كادىرلىرىنىڭ، ئۇلار بىلەن بىللە بولىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ يەنە، ئاپەتكە ئۇچرىغان خەلقنىڭ ئىسسىنىش، يىمەك- ئىچمەك ۋە تۇرالغۇ جاي مەسىلىسىنىڭ پۈتۈنلەي ھەل بولغانلىقىنى كۆرسەتتى.

ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئاقسۇ ۋىلايەتلىك خەلق ئىشلىرى ئىدارىسى ئەۋەتكەن چېدىر، ئۇن، گۈرۈچ ، كۆمۈرگە ئوخشاش ياردەم بويۇملىرى ئاپەتكە ئۇچرىغان خەلققە يەتكۈزۈلگەن. بىراق، ئۇ قانچىلىك ياردەم بويۇملىرىنىڭ تارقىتىلغانلىقى ھەققىدە تېخى ئېنىق مەلۇماتنىڭ يوقلىقىنى ئىيتتى.

ئۆزىمىزنىڭ كىگىزلىرىمىزنى ئاچىقىپ، سۆگەتنىڭ بادىرلىرى بىلەن چېدىر ياساپ، دەككە – دۈككىدە، يۈرىكىمىز پوپ-پوك ھالدا ئۇخلىماي ئۆتۈۋاتىمىز.

ياردەم تېخى كەلمىدى

ئۇنداقتا، ئۇچتۇرپان ناھىيىسىدىكى ئاپەتكە ئۇچرىغان خەلقلەر ھەقىقەتەن كېرەكلىك ياردەملەرگە ئېرىشىپ، تۇرمۇشلىرىنى ئورۇنلاشتۇرىۋالدىمۇ؟

بىز بۇ ھەقتە مەلۇمات ئىگىلەش ئۈچۈن يەر تەۋرەش ئاپىتىنىڭ ئەڭ ئېغىر زەربىسىگە ئۇچرىغان يېڭى ئاۋات يېزىسىدىكى كىشىلەرگە تېلىفون قىلدۇق. زىيارىتىمىزنى قۇبۇل قىلغان بىر كىشى، يەر تەۋرەش ئاپىتى يۈز بەرگىلى ئىككى كۈن بولغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇلارنىڭ كەنتىگە ھېچقانداق ياردەمنىڭ يىتىپ كەلمىگەنلىكىنى، كەنت رەھبىرىنىڭ كېلىپ چاك كەتكەن ئۆيلەرنى تىزىملاپ كەتكەندىن باشقا دېھقانلارنىڭ ھالى بىلەن كارى بولمىغانلىقى ۋە دېھقانلارنىڭ ناھايىتى نارازى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئۇ يەنە، ئۆزىنىڭ ئىككى ئېغىز ئۆيى ۋە قوتانلىرىنىڭ سەيشەنبە كۈنىدىكى يەر تەۋرەشتە ئامان- ئىسەن قالغان بىلەن، ئۇنىڭدىن كېيىنكى ياققان قار ۋە ئەگەشمە يەر تەۋرەش سەۋەبىدىن بۈگۈن ئۆرۈلۈپ چۈشكەنلىكىنى، قارنىڭ 20 سانتېمېتر ئەتراپىدا ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

سەيشەنبە كۈنى ئەتىگەن ئۇچتۇرپان ناھىيىسىدە يۈز بەرگەن 6.2 بال يەر تەۋرەشنىڭ تەسىرىگە ئۇچتۇرپان ناھىيىسىنىڭ باشقا يېزىلىرىمۇ ئوخشاش بولمىغان دەرىجىدە ئۇچرىغان.

ئۆزىمىز كېگىزدە چېدىر قۇرۇپ تۈنەۋاتىمىز

ئۆزلىرىمىزگە چەك كەتتى. شۇنداقتىمۇ ھاۋا سوغۇق بولغاچقا شۇ ئۆيلەردە يېتىشقا مەجبۇر بولدۇق.

ئىماملىرىم يېزىسىدىكى بىر دېھقان ئايال، ئۆزلىرىنىڭ ئۆيلىرىگىمۇ چاك كەتكەنلىكىنى، بىراق سىرت سوغۇق بولغانلىقى ئۈچۈن، چاك كەتكەن خەتەرلىك ئۆيلەردە تۈنەشكە مەجبۇر بولىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ئۆزلىرىنىڭ كېگىزلەر بىلەن چېدىر قۇرۇپ، سىرتتا ئۇخلىماي ئۆتىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇچتۇرپان يامانسۇ يېزىسىدىكى بىر قىسىم ئاھالىلەردىن ئىگىلىشىمىزچە، ئۇلارنىڭ يېزىسىدا بىر نەچچە يىلدىن بويان يەر تەۋرەشكە بەرداشلىق بېرەلەيدىغان بەش - ئالتە يۈز يۈرۈشتەك ئۆي سېلىنغاچقا ۋە قۇربىتى يەتكەنلەر لىملىق ئۆيلەرنى سېلىۋاتقاچقا، ئۇلارنىڭ يېزىسىدا ئۆيلىرى چۈشۈپ كېتىدىغان ۋە چاك كېتىدىغان ئەھۋاللار بىراز ئاز كۆرۈلگەن.

خىتاي ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش ئارمىيىسى ئۆيلىرى ئۇچرىغان زىيان ئاز بولغان

سەيشەنبە كۈنى زىيارىتىمىزنى قۇبۇل قىلغان ئاقسۇ ۋىلايەتلىك يەر تەۋرەش ئىدارىسىنىڭ لى فامىلىلىك بىر خادىممۇ، ئۇچتۇرپان ناھىيىسى يەر تەۋرەش بەلبىغىدا بولغانلىقى ئۈچۈن، 1970 - يىللاردىن باشلاپ، بۇ رايوندا يەر تەۋرەشكە بەرداشلىق بېرەلەيدىغان ئۆيلەرنىڭ سېلىنغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇ يەنە، بۇ قېتىمقى يەر تەۋرەش ئاپىتىگە قاتتىق ئۇچرىغان رايوندىكى خىتاي ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش ئارمىيىسى دېھقانچىلىق 1 - دىۋىزىيىسى 4 - پولكىنىڭ بۇ خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلىگەنلىكى ئۈچۈن، ئۇلاردا ئۆيلەرنىڭ ئۆرۈلۈش ، چاك كېتىش ئەھۋاللىرىنىڭ ئاز كۆرۈلگەنلىكى، ئۆيلىرى ئۆرۈلگەنلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ چەت- چېگرا يېزىلاردىكى نامرات ئۇيغۇر دېھقان- چارۋىچىلىرى ئىكەنلىكىنى كۆرسەتكەن ئىدى.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ زۇۋانى بولغان شىنخۇئا ئاگېنتلىقىنىڭ ئەڭ يېڭى مەلۇماتلىرىدا ئېيتىلىشىچە، چارشەنبە كۈنى چۈشتىن كېيىنگىچە ئۇچتۇرپان ناھىيىسىدە 89 ئائىلىلىكنىڭ ئۆيى ئۆرۈلۈپ، 900 گە يېقىن ئائىلىلىكنىڭ ئۆيى قىسمەن ۋەيران بولغان. يەرلىك دائىرىلەر ئاپەت رايونلىرىدىكى زىيانغا ئۇچراش ئەھۋاللىرىنى داۋاملىق تەكشۈرمەكتە ئىكەن. (ئارزۇ)