ئۈچتۇرپان ناھىيىسىدە 23 مىڭدىن ئوشۇق كىشى يەر تەۋرەش ئاپىتىنىڭ زىيىنىغا ئۇچرىدى
2005.02.17
ئۇيغۇر ئېلى ئۈچتۇرپان ناھىيىسىدە 2 -ئاينىڭ 15 - كۈنى يەرلىك ۋاقىت ئەتىگەن 7 دىن 38 مىنۇت ئۆتكەندە يۈز بەرگەن 6.2 بال دەرىجىدىكى يەر تەۋرەش، مەزكۇر ناھىيىدىكى 8 يېزا ۋە 1 كەنتكە تەسىر كۆرسەتكەن بولۇپ، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ دەسلەپ چىقارغان سىتاتىستىكىسىغا قارىغاندا، يەر تەۋرەش ئاپىتىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان خەلقنىڭ سانى ھازىر 23400 دىن ئاشقان. گەرچە بۇ يەردە ئادەملەرنىڭ زىيان-زەخمەتكە ئۇچراش ئەھۋالى كۆرۈلمىگەن بولسىمۇ، ئەمما قوتانلارنىڭ ئۆرۈلۈپ چۈشۈشى سەۋەبىدىن 237 تۇياق مال-ۋاران ئۆلگەن.
ھېچكىم كېلىپ بىزنىڭ ئەھۋالىمىزنى سوراپ باقمىدى. ھاۋا ناھايىتى سوغاق، تالادا تۇرىۋاتىمىز.
ئۈچتۇرپان ناھىيىلىك خەلق ھۆكۈمىتى ئېلان قىلغان خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، مەزكۇر يەر تەۋرەش تەسىرىدە بۇ رايوندىكى 1125 ئائىلىلىكنىڭ 4259 ئېغىر ئۆيى ئۆرۈلۈپ چۈشۈپ، 4725 ئائىلىلىكنىڭ 18630 ئېغىر ئۆيى ئوخشىمىغان دەرىجىدە زىيانغا ئۇچراپ، خەتەرلىك ئەھۋالدا قالغان. شۇنداقلا ئاپەت تەسىرىدە بۇ يەردىكى ئاساسلىق قاتناش يوللىرى يېرىلىش ھەتتا چۆكۈپ كېتىش شۇنداقلا بەزى سۇ ئېلېكتىر ئەسلىھەلىرى بۇزۇلۇشقا ئوخشاش زىيانلارمۇ كېلىپ چىققان.
خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسىنىڭ زۇۋانى بولغان شىنخۇئا خەۋەر تورىنىڭ مەلۇم قىلىشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، خىتاي يەر تەۋرەش ئىدارىسى ۋە خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقىنىڭ رەھبەرلىرى چارشەنبە كۈنى ئۈچتۇرپانغا كېلىپ، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش ئىشلىرىنى كۆزدىن كەچۈرگەن ھەمدە باش مىنىستىر ۋېن جياباۋنىڭ سالىمىنى يەتكۈزگەن.
ھۆكۈمەت دائىرىلىرى: ئۇلارنىڭ تۇرالغۇ جايلىرى ھەل بولدى
ھەل بولدى. بۇ ھەل بولمىسا قەتئىي بولمايدۇ-دە. بىزنىڭ بۇ يەردە ئىككى كۈندىن بېرى ھاۋا ياخشى بولمىدى. بەك سوغۇق ھەمدە توختىماي قار يېغىپ كېتىۋاتىدۇ.
خەۋەردە يەنە، خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش ئارمىيىسى ۋە ئاقسۇ ۋىلايەتلىك ھەربىي قىسىملىرىنىڭ ئاپەت رايونىغا 100 مىڭ يۇئەن پۇل ۋە 50 مىڭ يۇئەن قىممىتىدىكى قۇتقۇزۇش بويۇملىرىنى ئىئانە قىلغانلىقى يېزىلغان.
بىز بۇ مۇناسىۋەت بىلەن يەر تەۋرەشنىڭ تەسىرىگە بىر قەدەر ئېغىر ئۇچرىغان يېڭى ئاۋات يېزىلىق ھۆكۈمەت بىلەن ئالاقىلاشتۇق. بۇ يەردىكى نۆۋەتچى خادىم قۇتقۇزۇش ئىشلىرىنىڭ ئوڭۇشلۇق ئېلىپ بېرىلىۋاتقانلىقىنى ھەمدە ئۆيى ئۆرۈلۈپ چۈشكەن كىشىلەرنىڭ ھەممىسىگە ۋاقىتلىق چېدىر بېرىلگەنلىكىنى ئېيتتى:
-ھەممىسى چېدىر ئۆيلەرگە كىردىما؟ -ھەئە، كىردى. -ئۇلارنىڭ تۇرالغۇ جايلىرى ھەل بولدىمۇ؟ -ھەل بولدى. بۇ ھەل بولمىسا قەتئىي بولمايدۇ-دە. بىزنىڭ بۇ يەردە ئىككى كۈندىن بېرى ھاۋا ياخشى بولمىدى. بەك سوغۇق ھەمدە توختىماي قار يېغىپ كېتىۋاتىدۇ.
ئۇلارنىڭ تۇرالغۇ جايلىرى ھەل بولدىمۇ؟
بىز ھۆكۈمەت خادىملىرى ئېيتقاندەك، ئاپەت رايونىدىكى زىيانغا ئۇچرىغان خەلقلەرنىڭ ھەممىسى ياردەمگە ئېرىشەلىدىمۇ-يوق؟ دېگەننى ئېنىقلاش ئۈچۈن، ئۈچتۇرپان ناھىيىسىدىكى ھەر قايسى يېزا-كەنتلەرگە تېلېفون ئاچتۇق.
زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان يېڭى ئاۋات يېزىسىنىڭ مەلۇم بىر كەنتىدىكى ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بىر ئۇيغۇر، ھازىر ئۆزىنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن دەز كەتكەن ئۆيدە تۇرىۋاتقانلىقىنى، گەرچە ئۇلار كەنتتە بىر-ئىككى چېدىر سېلىنغانلىقىنى ئاڭلىغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇنى كۆرۈپ باقمىغانلىقىنى ھەتتا بۇ كەنتتە ئۆيى پۈتۈنلەي ئۆرۈلۈپ چۈشۈپ، 3 كۈندىن بېرى تالادا قالغان كىشىلەرنىڭمۇ بارلىقىنى ئېيتتى.
20 مىڭ كىشىگە 300 چېدىر
ھۆكۈمەت 300 چېدىر يوللىغان. بىراق، ئاپەتكە ئۇچرىغانلار 20000 دىن ئاشقانلىقى ئۈچۈن چېدىرلار يېتىشمەيۋاتىدۇ.
ئۈچتۇرپان ناھىيىلىك خەلق ھۆكۈمىتىدىكى ئىئانە توپلاش ئىشلىرىغا مەسئۇل خۇ فامىلىلىك بىر خىتاي كادىر، ئۆزىنىڭ نەق مەيداننى كۆرۈپ كەلگەنلىكىنى، شۇنداقلا ئۇ يەردىكى ئەھۋالنىڭ تولىمۇ ئېچىنىشلىق ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
بۇ خادىمنىڭ ئېيتىشىچە، ئاپتونوم رايون بۇ جايغا 300 دانە چېدىر يوللىغان. ئەمما بۇ يەردىكى ئاپەت زىيىنىغا ئۇچرىغان خەلقلەر 20 مىڭدىن ئاشقانلىقى ئۈچۈن، ھازىر نۇرغۇن كىشىلەرگە چېدىر ئۆيلەر يېتىشمەيۋاتقان ئىكەن.
بىزنىڭ ئىگىلىگەن ئۇچۇرلىرىمىزنى يىغىنچاقلىغاندا، يەر تەۋرەش تەسىرىگە ئېغىر ئۇچرىغان يېڭى ئاۋات، ئىماملىرىم ۋە يامانسۇ يېزىلىرىنىڭ بازارغا يېقىن جايلىرىدىكى بىر قىسىم كىشىلەر ھەقىقەتەن چېدىر ئۆيلەرگە كىرگەن بولسىمۇ، ئەمما 5-، 6 - ئەترەتكە ئوخشاش چەت-ياقا جايلارغا ياردەم بويۇملىرى تېخى يېتىپ بارمىغان.
ئۇلار چېدىر ئۆيلەردە 6 - ئايغىچە ئولتۇرۇشى مۇمكىن
بىز، ئىماملىرىم يېزىسىدىكى ئۆيى پۈتۈنلەي ئۆرۈلۈپ چۈشۈپ، ئائىلىسىدىكى 5-6 كىشى بىر چېدىردا يېتىشقا مەجبۇر بولغان بىر خانىم بىلەن ئالاقىلىشىش پۇرسىتىگە ئىگە بولدۇق. ئۇ ئۆزلىرىنىڭ ئەھۋالىنى چۈشەندۈرۈپ، مەزكۇر يېزىدىكى بەش-ئالتە ئائىلىگە چېدىر بىرىلگەنلىكىنى، قالغانلارنىڭ يەنىلا تېشىدا يېتىشقا مەجبۇر بولغانلىقىنى ئېيتتى.
بۇ خانىمنىڭ ئېيتىشىچە يەنە، ئۇلار بۇ چېدىر ئۆيلەردە 6 - ئايغىچە ئولتۇرۇشى مۇمكىن ئىكەن. لېكىن ئۆرۈلۈپ چۈشكەن ئۆيلەرنىڭ ئورنىغا سېلىنىدىغان يېڭى ئۆيلەرنىڭ چىقىمىنى ھۆكۈمەت كۆتۈرەمدۇ ياكى ئۆزلىرى يېنىدىن چىقىرامدۇ، بۇنى تېخى ئېنىق بىلمەيدىكەن.
بۇ رايونلاردا ھازىرغىچە ئەگەشمە يەر تەۋرەشلەر داۋاملىق يۈز بېرىۋاتقان بولۇپ، مۇناسىۋەتلىك يەر تەۋرەشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئورۇنلىرى ئەگەشمە يەر تەۋرەشنىڭ 7 كۈندىن 10 كۈنگىچە داۋام قىلىدىغانلىقىنى مۆلچەرلىمەكتە.
ئۇيغۇر ئېلى ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ ئۈچتۇرپان ناھىيىسى 180 مىڭ نوپۇسقا ئىگە بولۇپ، بۇنىڭ 97٪ ئى ئۇيغۇرلاردۇر. يەر تەۋرەش تەسىرىگە ئېغىر ئۇچرىغان 16 مىڭغا يېقىن نوپۇسى بار يېڭى ئاۋات يېزىسىنىڭمۇ 98٪ ئى ئۇيغۇرلار. (پەرىدە)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- ئۇچتۇرپاندىكى ئاپەتكە ئۇچرىغان قىسمەن كىشىلەر ھازىرغىچە ياردەمگە ئېرىشەلمىدى
- ئۇچتۇرپاندىكى ئاپەتكە ئۇچرىغان خەلقلەر قىيىنچىلىققا ئۇچرىماقتا
- ئۇچتۇرپاندا قاتتىق يەر تەۋرىدى
- ئاپەتتىن كېيىنكى چوڭقۇرچاق
- ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئونسۇ ناھىيىسىدە 4.7 بال يەر تەۋرىدى
- قازاقىستان ۋە ئۇيغۇر ئېلىنىڭ چىگرا رايۇنىدا يەر تەۋرەش ۋەقەسى يۈز بەردى