يەر تەۋرەش ئاپىتىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان خەلقلەر قىيىنچىلىققا دۈچ كەلمەكتە


2005.02.18
CHINA-QUAKE-WARM-200.jpg
2003-يىل فېۋرالدا چوڭقۇرچاقتا يۈز بەرگەن يەر تەۋرەشتىن كېيىنكى ئىككىنچى كېچىنى سىرتتا ئۆتكۈزگەن بۇ كىشى ئوت ئىسسىنماقتا.

ئۈچتۇرپان ناھىيىسىدىكى 6.2 بال يەر تەۋرەش ئاپىتىنىڭ يۈز بەرگىنىگە 4 كۈن بولۇپ قالدى. نەچچە كۈندىن بېرى ئۇدا يېغىۋاتقان قار سەۋەبىدىن، ئاپەت تەسىرىدە دەز كەتكەن ۋە مەلۇم دەرىجىدە زىيانغا ئۇچرىغان ئۆيلەر داۋاملىق ئۆرۈلۈپ چۈشمەكتە. ئۈچتۇرپان ناھىيىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئېلان قىلغان خەۋىرىگە قارىغاندا، مەزكۈر ناھىيىدە ھازىرغىچە جەمئىي 8126 ئېغىز ئۆي ئۆرۈلۈپ چۈشكەن. شۇنداقلا، دەز كېتىپ خەتەر ئاسىتىدا قالغان ئۆيلەرنىڭ سانى بولسا 26 مىڭ ئېغىزدىن ئاشقان. تېخى بىر كۈن ئاۋال پۈتۈن ناھىيە بويىچە 23 مىڭ كىشى ئاپەت تەسىرىگە ئۇچرىغانلىقى مەلۇم بولغان بولسا، مانا ئەمدىلىكتە ئاپەت تەسىرىگە ئۇچرىغان خەلقنىڭ سانى 28 مىڭ 5 يۈزدىن ئاشقان.

ھۆكۈمەت ياردەم بويۇملىرىنىڭ يېتىشمىگەنلىكىنى تۇنجى قېتىم ئېتىراپ قىلدى

تېلېۋىزورلاردىن پۇل، يىمەك- ئىچمەك، كىيىم - كېچەك ۋە يوتقان كۆرپىلەرنىڭ ئىئانە قىلىنغانلىقىنى كۆردۇق، بىراق بىزگە كېلىپ بولالمىدى.

ئۈچتۇرپان ناھىيىلىك پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى جۈمە كۈنى تۇنجى قېتىم قۇتقۇزۇش بويۇملىرىنىڭ يېتىشمەيۋاتقانلىقىنى ئېتىراپ قىلىپ، گەرچە بىر قىسىم كىشىلەرگە چېدىر ئۆيلەر بېرىلگەن بولسىمۇ، ئەمما كۆمۈر، يوتقان-كۆپە ۋە يىمەك-ئىچمەككە ئوخشاش تۇرمۇش بويۇملىرىنىڭ يېتىشمەسلىكى سەۋەبىدىن ئاپەت رايونىدىكى خەلقلەرنىڭ ھازىر سوغاق قىش كۈنلىرىنى ئۆتكۈزۈشى تەسكە توختاۋاتقانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

دىھقان: تېلېۋىزوردا كۆرگەن ياردەم بويۇملار بىزگە تېخى يېتىپ كەلمىدى

ئۈچتۇرپان ناھىيىسىنىڭ ئىماملىرىم يېزىسىدىكى ئۆيى پۈتۈنلەي ئۆرۈلۈپ چۈشۈپ 4 بالىسى بىلەن چېدىردا يېتىشقا مەجبۇر بولغان بىر ئۇيغۇر ئۆزلىرىنىڭ نۆۋەتتىكى قىيىنچىلىقلىرىنى سۆزلەپ، گەرچە تېلېۋىزورلاردا كۆپ ياردەملەرنىڭ بولىۋاتقىنىنى كۆرىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما ئۇ نەرسىلەرنىڭ ئۆزلىرىگە تېخى يېتىپ كەلمىگەنلىكىنى ئېيتتى.

تېشىدا قالغانلار يوق. ھەممىسى چېدىر ئۆيلەرگە كىرىپ بولدى.

بىز يەنە، يەر تەۋرەش ئاپىتىنىڭ تەسىرىگە ئەڭ ئېغىر ئۇچرىغان يېڭى ئاۋات يېزىسىدىكى قۇتقۇزۇش ئىشلىرىنىڭ قانداق ئېلىپ بېرىلىۋاتقانلىقىنى ئېنىقلاش ئۈچۈن يېزىلىق ھۆكۈمەت ئىشخانىسىغا تېلېفون قىلدۇق. بۇ يەردىكى نۆۋەتچى خادىم، ھۆكۈمەتنىڭ ئاپەت رايونلىرىغا يېقىندىن كۆڭۈل بۆلۈپ، تۈرلۈك ياردەم بويۇملىرىنى بېرىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

بىز بۇ مۇناسىۋەت بىلەن يېڭى ئاۋات يېزىسىنىڭ مەلۇم بىر كەنتىگە تېلېفون ئۇلىدۇق. بۇ يەردىكى يەر تەۋرەشتە ئۆيى ئۆرۈلۈپ چۈشۈپ ھازىرغىچە دەز كەتكەن ئۆيدە دالدىنىشقا مەجبۇر بولغان ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بىر ئۇيغۇر، تا بۈگۈنگە قەدەر ھېچكىمنىڭ ئۇلارنىڭ كەنتىگە كېلىپ ھال- ئەھۋال سوراپ باقمىغانلىقىنى، شۇنداقلا ھۆكۈمەت ئۇلارنىڭ ھالىغا يېتىش ئۇ ياقتا تۇرسۇن، بۇ كەنتتىكى بىر قىسىم كىشىلەرنى مەجبۇرىي ھالدا يەنە بىر كەنتكە ئېلىپ بېرىپ، ئۆرۈلگەن ئۆيلەرنى رەتكە سېلىش ئەمگىكىگە سالغانلىقىنى مەلۇم قىلدى.

بۇ يەردىكى دېھقانلارنىڭ يىللىق كىرىمى ھۆكۈمەت ئېيتقاندەكمۇ؟

يەنە شۇنداق دەز كەتكەن ئۆيلەردە تۇرىۋاتىمىز. ئامال يوق

ئۈچتۇرپان ناھىيىسى دۆلەت دەرىجىلىك كەمبەغەل رايون ھېسابلىنىدىغان بولۇپ، ئۈچتۇرپان ناھىيىلىك ھۆكۈمەت بۇ يەردىكى كىشىلەرنىڭ يىللىق كىرىمىنىڭ 1625 يۈەن ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلغان. يېڭى ئاۋات يېزىسىدىكى ئۆزىنى ئوتتۇرا ھال سەۋىيىدە دەپ قارايدىغان بۇ دېھقان، ئۆزىنىڭ يىللىق كىرىمىنىڭ 150 يۈەن ئەتراپىدا كېلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

زىيارىتىمىز داۋامىدا بۇ كىشى يەنە، ھۆكۈمەتنىڭ تېزدىن ئۇلارنىڭ قىيىنچىلىقلىرىنى بىر تەرەپ قىلىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى. شۇنداقلا ئاپەت رايونىدىكى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان كىشىلەر، بىزنىڭ ئۇلارنىڭ ھال-ئەھۋالىنى سوراپ، سۈرۈشتە قىلىپ تۇرۇشىمىزنىڭ، ئۇلار ئۈچۈن تولىمۇ ئەھمىيەتلىك ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. (پەرىدە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.