ئۈچتۇرپاندىكى يەر تەۋرەش ئاپىتى بولغان رايونلارغا ھەقىقىي ياردەم قىلىنىۋاتامدۇ؟

0:00 / 0:00

ئۈچتۇرپاندىكى يەر تەۋرەش ئاپىتىنىڭ يۈز بەرگىنىگە 10 كۈن بولۇپ قالغان بۇ مەزگىلدە، شىنخۇا ئاگېنتلىقى خىتاينىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن ئاپەت رايونىغا قىلىنغان تۈرلۈك ئىئانە بويۇملىرى ۋە پۇللارنىڭ ئومۇمىي سانىنىڭ نۆۋەتتە 5 مىليون يۇئەندىن ئاشقانلىقىنى خەۋەر قىلغان.

دۆلەت دەرىجىلىك كەمبەغەل ناھىيە ھېسابلىنىدىغان بۇ رايون ئۈچۈن 5 مىليون يۈئەنلىك ياردەم بويۇمى ھەقىقەتەن خېلى مەسىلىلەرنى ھەل قىلالىشى مۇمكىن. ئۇنداقتا دېھقانلار ھەقىقەتەن بۇنىڭدىن تولۇق بەھرىمەن بولالىدىمۇ؟ بۇ ھەقتىكى مەلۇماتلارنى، ئۆز مۇخبىرىمىز پەرىدەدىن ئاڭلاڭ