جياڭشىدا قاتتىق يەر تەۋرىدى


2005.11.29

26 - نويابىر كۈنى خىتاينىڭ جياڭشى ئۆلكىسىدە 5.7 بال يەر تەۋرەش ۋەقەسى يۈز بەرگەن بولۇپ، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ قېتىمقى يەر تەۋرەش ۋەقەسى 50 يىلدىن بۇيانقى جياڭشىدا يۈز بەرگەن ئەڭ چوڭ يەر تەۋرەش بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن.

ياردەم بېرىش خىزمەتلىرى

گەرچە جياڭشى ئۆلكىسىنىڭ ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى "ھۆكۈمەت ئاپەت بولغان رايونلارغا ۋاقتىدا ياردەم بېرىپ، قۇتقۇزۇش خىزمەتلىرىنى ۋاقتىدا ئېلىپ بارغاچقا، ئاپەتكە ئۇچراپ ئۆي - ماكانسىز قالغانلار كەپىلەرگە ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ، ھەر جەھەتتە بىر قەدەر خاتىرجەم بولدى" دەپ بىلدۈرگەن بولسىمۇ، ئاپەت يۈز بەرگەن رۈيچاڭ شەھىرىدىكى پۇقرالار قۇتقۇزۇش خىزمىتى ۋاقتىدا ئېلىپ بېرىلمىغان - دەپ ھۆكۈمەتتىن نارازى بولماقتا.

ئامېرىكا ئاۋازى رادىئوسىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان جياڭشى ئۆلكىسى تەشۋىقات ئورگىنىنىڭ باشلىقى چېن دۇڭيۇۋ " ھۆكۈمەت ئاپەت يۈز بەرگەن رايونغا ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلۈپ، 5 مىليون خەلق پۇلى ئاجرىتىشتىن باشقا، نۇرغۇنلىغان سەھىيە خادىملىرىنى ئەۋەتتى. شۇڭا قۇتقۇزۇش خىزمەتلىرى ناھايىتى ئوڭۇشلۇق ھالدا ئېلىپ بېرىلماقتا " دەپ تەكىتلەش بىلەن بىر ۋاقىتتا، مەزكۇر ئىدارە باشلىقلىرىنىڭ يەر تەۋرەش ۋەقەسى يۈز بېرىپ 10 مىنۇت ئىچىدە نەق مەيدانغا يېتىپ بارغانلىقىنى ئالاھىدە ئەسكەرتكەن.

چېن دۇڭيۇۋ سۆزىدە يەنە "ھازىر ئاپەت رايونىدىكى كىشىلەرنىڭ ھەممىسى دېگىدەك سىرتقى ئۆلكىلەردىن ياردەمگە دەپ ئەۋەتىلگەن چىدىرلارغا ئورۇنلىشىپ بولدى. ئاپەت رايونىدىكى سۇ ۋە توك قاتارلىق مەسىلىلەرمۇ پۈتۈنلەي ھەل قىلىنغان بولۇپ، يېمەكلىكلەر ۋاقتىدا يەتكۈزۈپ بېرىلدى" دەپ بىلدۈرگەن.

ئاپەت ئەڭ ئېغىر يۈز بەرگەن رۈنچاڭ شەھىرىدىكى بىر پۇقرانىڭ بىلدۈرۈشىچە، مەزكۇر جاينىڭ ئەھۋالى ھازىرغا قەدەر يەنىلا مۇقىم بولمىغانلىقتىن، كىشىلەر يەنىلا دەككە - دۈككە ئىچىدە قالغان، شۇڭا مەيلى ئۆيى ئۆرۈلۈپ كەتكەنلەر بولسۇن ياكى ئۆيى ساق قالغانلار بولسۇن، ھەممىلا ئادەم دېگىدەك چېدىر ۋە كەپىلەردە يېتىشقا مەجبۇر بولغان

ئېغىر چىقىم

خوڭكۇڭدىن بېرىلگەن مەلۇماتلاردا ئېيتىلىشىچە، بۇ قېتىمقى يەر تەۋرەشتە ئاز دېگەندە 16 ئادەم ئۆلگەن ۋە 8000 غا يېقىن ئادەم يارىلانغان. ئاپەت يۈز بەرگەن رايوندا تەخمىنەن 600 مىڭ ئادەم ئۆي - ماكانسىز قالغان.

مىڭباۋ گېزىتىدە بېرىلگەن خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە : جياڭشىنىڭ جيۇ جياڭ رايونىدا، بىر تۈركۈم ئاپەتكە ئۇچرىغۇچىلارقۇتقۇزۇش بۇيۇملىرىنىڭ ۋاقتىدا يېتىپ كەلمىگەنلىكىدىن، ھۆكۈمەتتىن قاتتىق نارازى بولۇپ، ئەرز سۇنۇشقا باشلىغان. ئۇلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، مەزكۇر رايوندىكى ئاپەتكە ئۇچرىغان خەلق ھېچقانداق قۇتقۇزۇش بۇيۇملىرىنى كۆرمىگەن، ھەتتا ئۇلاردىن ھال سورايدىغان بىرەر شەھەر دەرىجىلىك كادىرنىمۇ كۆرمىگەن. نۇرغۇنلىغان كىشىلەر ئۆي - ماكانسىز قېلىپ ياتىدىغان يېرى يوق، كېچىلەرنى ئېتىزلىقتا ئۆتكۈزۈشكە مەجبۇر بولغان.

ئىنكاسلار

خىتايدىكى كۆپلىگەن تورداشلار ھۆكۈمەتنىڭ يەر تەۋرەش رايونىغا بولغان ئىنكاسىنىڭ ئىنتايىن ئاستا بولغانلىقىنى ۋە قۇتقۇزۇش بۇيۇملىرىنىڭ ۋاقتىدا يەتكۈزۈپ بېرىلمىگەنلىكىنى تەكىتلەپ، نۇرغۇن تەنقىدىي پىكىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويغان.

بىر قىسىم تورداشلار يەرلىك ھۆكۈمەتكە قاتتىق نارازىلىق بىلدۈرۈپ، " ئاتالمىش قۇتقۇزۇش خىزمىتى دېگەنلىك كۆز بويامچىلىقتىن ئىبارەت بىر ئىش، ھۆكۈمەت خەلقنىڭ ھاياتى بىلەن كارى بولمىغان. چۈنكى مەزكۇر جايلاردا يەر تەۋرەپ نەچچە سائەتكىچە ئاپەتكە ئۇچرىغانلار بىلەن ھېچكىمنىڭ كارى بولمىغان ھەتتا ئۇلارنى تىزىمغىمۇ ئېلىپ قويمىغان. تەمتىرىگەن ئامما نېمە قىلارىنى بىلمەي گاڭگىراپ قالغان" دەپ كۆرسەتكەن.

ۋاشىنگتوندىكى خىتاي ئۇچۇر مەركىزىنىڭ مەسئۇلى ۋۇ خۇڭدا ئەپەندى "خىتاي ھۆكۈمىتى 'ئاپەت يۈزبەرگەن رايونلارغا بۇنداق ياردەم بەردۇق، ئۇنداق ياردەم بەردۇق' دەپ قۇرۇق تەشۋىقات قىلىشنىلا بىلىدۇ. ئۇلار ھېچقاچان خەلقنىڭ ھاياتىنى كۆزدە تۇتۇپ، مەسىلىنى تۈپ يىلتىزىدىن ھەل قىلىشنى ئويلىمايدۇ. ئىئانە قىلىنغان نۇرغۇنلىغان پۇللار ئاپەت رايونىغا ئەمەس، داۋاملىق يەرلىك ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىنىڭ يانچۇقىغا كىرىدۇ. بۇنداق بولۇشتىكى بىردىن بىر سەۋەب، يەنىلا تۈزۈم مەسىلىسىگە بېرىپ تاقىشىدۇ. شۇڭا ھازىر خىتايدىكى بۇ خىل تۈزۈم چىرىكلەشكەنلىكتىن تەسەۋۋۇر قىلغۇسىز ھالەتكە يەتتى" دەپ كۆرسەتتى. (مېھرىبان)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.