خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تەشۋىقاتى بىلەن ئەمەلىيىتى بىردەكمۇ ؟
2006.09.07
تەڭرىتاغ تورىنىڭ 7 - ئاۋغۇست كۈنى ئېلان قىلغان خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، پۈتۈن ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونى بويىچە يېڭىدىن سېلىنغان، مۈستەھكەملەنگەن ۋە ئۆزگەرتىپ سېلىنغان يەر تەۋرەشكە چىداملىق ئۆيلەر 415 مىڭغا يەتكەن بولۇپ، بۇ يىللىق پىلاننىڭ 92 % ئورۇنلىنىپ بولغان ۋە بۇلتۇرقىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىن 134 مىڭ ئۆي كۆپەيگەن. خەۋەردە يەنە، ھازىر قەشقەر، ئاقسۇ، خوتەن، ئېلى، تارباغاتاي، تۇرپان، ئۈرۈمچى، شىخەنزە قاتارلىق جايلارنىڭ پىلاندىكى ۋەزىپىنى مۈددەتتىن بۇرۇن ئورۇنلاپ بولغانلىقى قەيت قىلىنغان.
بىراق، چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلار ھۆكۈمەتنىڭ ھەر يىلى ئاپەتكە قارشى يېڭى ئۆي سېلىپ، ئاپەتكە ئۇچرىغان خەلقنى قۇتۇلدۇردۇق دېگەنگە ئوخشاش خەۋەرلەرنى ئارقا - ئارقىدىن ئېلان قىلىپ تۇرىدىغانلىقىنى، ئەمما ئەمەلىي ئەھۋالنىڭ ھېچقاچان بۇنداق بولمايۋاتقانلىقىنى ئىنكاس قىلىشماقتا.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رىشىت ئەپەندى ۋە ئوزورچى سىدىق ھاجى روزى ئەپەندى زىيارىئوتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزلىرىنىڭ بۇ ھەقتىكى قاراشلىرىنى بايان قىلدى.
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- ئاپەت قالدۇرغان يارىلار
- يەر تەۋرەشكە چىداملىق ئۆيلەر قۇرۇلۇشى ئۈچۈن دېھقانلار كۆپ چىقىم تارتماقتا
- جياڭشىدا قاتتىق يەر تەۋرىدى
- ئاپەتتە قالغان نامرات خەلقنى غەمدىن خالىي قىلىش قۇرۇلىشى خەلقنى غەمگە سالماقتا
- ئۈچتۇرپاندىكى يەر تەۋرەش ئاپىتىگە ئۇچرىغان خەلقلەر تېخىچە چېدىردا ياتماقتا
- ئۈچتۇرپاندىكى يەر تەۋرەش ئاپىتى بولغان رايونلارغا ھەقىقىي ياردەم قىلىنىۋاتامدۇ؟
- يەر تەۋرەش ئاپىتىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان خەلقلەر قىيىنچىلىققا دۈچ كەلمەكتە