خىتاينىڭ بىخەتەر ئۆي قۇرۇلۇشى ئۇيغۇرلارغا قانداق مەنپەئەت ئىلىپ كەلدى؟


2006.12.21
yer-tewresh.jpg
بىر كىشى 2003-يىلى 24-فېۋرال كۈنى مارالبېشىنىڭ چوڭقۇرچاق ناھىيىسىدە يەر تەۋرەپ بۇزۇلغان ئۆي ئالدىدا. AFP

خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا يولغا قويۇۋاتقان شەھەر - بازارلارنىڭ يەر تەۋرەشكە قارشى بىخەتەر ئۆي قۇرۇلۇشىنى بۇنىڭدىن 3 يىل بۇرۇن فېۋرال ئېيىدا قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ مارالبېشى ناھىيىسىدىكى چوڭقۇرچاق يېزىسىدا يۈز بەرگەن ۋە ئاز دېگەندە 180 كىشىنىڭ ئۆلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان يەر تەۋرەش ئاپىتىدىن كېيىنلا يولغا قويدى.

بىخەتەر ئۆيلەر ئۈچۈن سېلىنغان مەبلەغ دېھقانلارنىڭ يۈكىنى ئېغىرلاشتۇرماقتا

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ھۆكۈمىتى ئالدىنقى كۈنى ئۈرۈمچىدە شەھەر - بازارلارنىڭ بىخەتەر ئۆي قۇرۇلۇشىنى خۇلاسىلەش يىغىنى چاقىرىپ، يېقىنقى 3 يىلدىن بۇيان ئاپتونوم رايونىدا بىر مىليون 79 مىڭ ئائىلىلىك يەر تەۋرەشكە چىداملىق بىخەتەر ئۆي سېلىنغانلىقىنى ۋە 5 مىليون كىشىنىڭ يېڭى ئۆيلەرگە كۆچۈپ كىرگەنلىكىنى ئېلان قىلدى. يىغىندا ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئىسمائىل تىلىۋالدى "كەڭ دېھقان - چارۋىچى ۋە جەمئىيەتتىكى كۈچلەرنى سەپەرۋەر قىلىش، سېلىنمىنى ئاشۇرۇش، ئادەم كۈچى، مالىيە كۈچى، ماددىي كۈچلەرنى توپلاپ، بىخەتەر ئۆي قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىش" نى تەلەپ قىلغان. ئۇ، بىخەتەر ئۆي قۇرۇلۇشىنى "سوتسىيالىستىك يېڭى يېزا قۇرۇش، سوتسىيالىستىك ئىناق شىنجاڭ قۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىشتىكى بىر مۇھىم ئىستراتېگىيىلىك ۋەزىپە" دەيدۇ.

ئىسمائىل تىلىۋالدىنىڭ ئەسكەرتىشىچە، ئاپتونوم رايوندىكى ھەر قايسى تەرەپلەر ھازىرغا قەدەر بۇ قۇرۇلۇش ئۈچۈن 21 مىليارد يۈئەن مەبلەغ سالدى. لېكىن ئىسمائىل تىلىۋالدى، بۇ قۇرۇلۇش جەريانىدا ، دېھقان - چارۋىچىلارغا قانچىلىك ئىقتىسادى يۈك ئارتىلغانلىقىنى تىلغا ئالمىدى. بىخەتەر ئۆي قۇرۇلۇشىنى تەنقىدلىگۈچىلەر بولسا ئاپتونوم رايون ھۆكۈمىتى بىخەتەرلىك نامى ئاستىدا ئېلىپ بارغان بۇ قۇرۇلۇش ئەسلىدىنلا ئىقتىسادى ئەھۋالى ناچار ئۇيغۇر دېھقان - چارۋىچىلارنىڭ يۈكىنى ئېغىرلاشتۈرۈۋەتتى، دەپ ئەيىبلىمەكتە.

خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ قۇرۇلۇش ئۇيغۇر دېھقان - چارۋىچىلىرىنىڭ ئىقتىسادى ئەھۋالىنى ياخشىلاشنى مەقسەت قىلغان، دەپ چۈشەندۈرگەن بولسىمۇ، لېكىن مەركىزى ۋاشىنگتوندىكى خەلقئارا ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇقى ۋە دېموكراتىيە فوندى جەمئىيىتىنىڭ پروگرامما ياردەمچىسى پاتىگۈل خانىم، خىتاي ھۆكۈمىتى يولغا قويۇۋاتقان بۇ سىياسەتنىڭ بەدىلىنى كەڭ ئۇيغۇر دېھقان - چارۋىچىلار ئۆتەۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

خىتاي ھۆكۈمىتى رايوندا يەر تەۋرەشكە قارشى بىخەتەر ئۆي قۇرۇلۇشىنى پۈتۈن تېزلىكى بىلەن يولغا قويماقتا. خىتاي مەتبۇئاتلىرىنىڭ ئەسكەرتىشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايۇنى مۇشۇ بىر يىل ئىچىدە 479 مىڭ ئائىلىلىك يەر تەۋرەشكە قارشى بىخەتەر ئۆي سالغان. ئىسمائىل تىلىۋالدى، ئالدىنقى كۈنكى يىغىندا بۇ قۇرۇلۇشنىڭ سۈرئىتىنى تېزلىتىش توغرىسىدا تەرەپلەرنى سەپەرۋەرلىككە چاقىردى. ئۇ، بىخەتەر ئۆي قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇش داۋامىدا سوتسىيالىستىك يېڭى يېزا قۇرۇلۇشىنى باھانە قىلىپ، بۇنى "ئوبراز قۇرۇلۇشى " ياكى "نەتىجە قۇرۇلۇشى" غا ئايلاندۇرۋالماسلىقنى تەكىتلىگەن. لېكىن بۇ قۇرۇلۇشنى تەنقىد قىلغۇچىلار مەزكۇر بۇ قۇرۇلۇشنىڭ ئۆزى "ئوبراز قوغلىشىش" ۋە"كۆرەڭلىك" ، دەپ ئەيىبلىمەكتە.

ئۇيغۇرلار يەر تەۋرەشكە قارىشى بىخەتەر "كاتەك" كۆچۈرۈلدى

نۆۋەتتە مارالبېشىنىڭ چوڭقۇرچاق يېزىسىدىكى دېھقان - چارۋىچىلارنىڭ كۆپچىلىكى ئاتالمىش "تەر تەۋرەشكە قارشى بىخەتەر ئۆيلەر" گە كۆچۈپ بولدى. شۇ ناھىيىدىكى ۋەزىيەتتىن خەۋەردار بىر زاتنىڭ رادىئومىزغا ئەسكەرتىشىچە، مارالبېشىدىكى يەر تەۋرەشتىن كېيىن چوڭقۇرچاقتىكى دېھقان - چارۋىچىلارنىڭ كونا ئۆيلىرىنى چېقىپ، بىخەتەر ئۆي سېلىشىغا 4 مىڭ يۈئەندىن 10 مىڭ يۈئەنگىچە ياردەم پۇلى بېرىلگەن ۋە ھەر بىر ئائىلىگە 50 كۋادرات مېتىرلىق ئۆي سېلىش ئۆلچىمى بېكىتىپ بېرىلگەن.

خەلقئارا ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇقى ۋە دېموكراتىيە فوندى جەمئىيىتىدىكى پاتىگۈل خانىم، "بۇ يەردىكى مەسىلە خىتاي دائىرىلىرىنىڭ دېھقانلارغا قانچىلىك پۇل ياردەم قىلغانلىقى ئەمەس، بەلكى دېھقان -چارۋىچىلارنىڭ بىخەتەر ئۆي سېلىش جەريانىدا قانچىلىك ئىقتىسادى چىقىمنى ئۈستىگە ئارتىۋالغانلىقىدۇر "دەيدۇ. ئۇ، خىتاي دائىرىلىرى دېھقانلارغا بېكىتىپ بەرگەن 50 كۋادرات مېتىرلىق بىخەتەر ئۆي كۆلىمى ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭ تۇرمۇشىغا پۈتۈنلەي تار كېلىدىغانلىقىنى ۋە بۇ قۇرۇلۇش باج - سېلىقلار، ئالۋاڭ - ياساقلار ئاستىدا ئېزىلىۋاتقان ئۇيغۇر دېھقان - چارۋىچىلىرىنىڭ ئىقتىسادى يۈكىنى تېخىمۇ ئېغىرلاشتۇرۇۋەتكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

خىتاينىڭ مەزكۇر قۇرۇلۇش پىلانىدا ئۇيغۇر يېزا - بازارلىرىدىكى بىخەتەر ئۆيلەر چوقۇم بىر تۇتاش ۋە ئوخشاش شەكىلدە سېلىنىش كېرەك. بۇ قۇرۇلۇشنى تەنقىد قىلغۇچىلار، ئەنئەنىۋىي ئۇيغۇر يېزا مەدەنىيىتىنىڭ ئۆزگىچىلىكى، رەڭگارەڭ ۋە كۆپ خىللىقى ۋەيران بولۇۋاتقانلىقىنى ئاگاھلاندۇرماقتا. پاتىگۈل خانىم، ئۇيغۇر ئەنئەنىۋىي يېزا مەدەنىيىتىنىڭ خاسلىقى يوقىلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىگۈچىلەرنىڭ بىرىدۇر.

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ھۆكۈمىتى ئالدىنقى كۈنى ئۆتكۈزگەن يەر تەۋرەشكە قارشى بىخەتەر ئۆي قۇرۇلۇشىنى خۇلاسىلاش يىغىنىدا، مەزكۇر پىلاننى ئورۇنلىغان ياكى نورمىدىن ئاشۇرۇپ ئورۇنلىغان 13 ۋىلايەت، 73 ناھىيە (شەھەر) ۋە 111 خىزمەتچىنى تەقدىرلىدى. (ئەركىن)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.