غەمگە پاتقان يەر تەۋرەش بەلۋېغى
2007.03.22

يەر تەۋرەش بەلۋېغىغا جايلاشقان قەشقەر، ئاتۇش، ئاقسۇ، خوتەننىڭ بەزى جايلىرى ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئەڭ كۆپ يەر تەۋرەش رايونلىرى ھېسابلىنىدۇ. ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونى دائىرىلىرىنىڭ ئېلان قىلغان ستاتىستىكىلىق مەلۇماتلىرىغا ئاساسلانغاندا، 1900 - يىلىدىن ئېتىبارەن بۇ رايونلاردا يۈز بەر بەرگەن ۋەيران قىلىش خاراكتېرىدىكى ئېغىر يەر تەۋرەش ئاپەتلىرىدە جەمئىي 2196 ئادەم جېنىدىن ئايرىلغان ۋە توققۇز مىڭغا يېقىن ئادەم ئېغىر يارىلانغان.
ئاپەتتىن ساۋاق
2003 - يىلى 24 - فېۋرال پەيزىۋات ۋە مارالبېشى ناھىيىلىرىنى ئاساس قىلىپ يۈز بەرگەن 6.8 بال دەرىجىدىكى يەرتەۋرەش، ئۇيغۇر ئېلى تارىخىدا يۈز بەرگەن ئەڭ ئېغىر يەر تەۋرەش ئاپىتى بولۇپ 50 مىڭدىن ئارتۇق خەلق ئاپەتكە ئۇچرىدى. خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئېلان قىلغان خەۋەرلىرىدە، مەزكۇر يەر تەۋرەشتە ئۆلگەنلەر سانى 268، يارىلانغانلار 4000 دىن ئاشتى، 8800 ئۆي ئۆرۈلدى، يەنە 900 دىن ئارتۇق سىنىپلار ئۆرۈلدى، ئەمما چەتئەل مەتبۇئاتلىرى ھەمدە يەرلىك ئامما، ئاپەتكە ئۇچراش ئەمەلىي ئەھهۋالىنىڭ ئۇنىڭدىنمۇ ئېغىر بولغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.
گەرچە بۇ يەر تەۋرەش ناھايىتى ئېغىر ئاپەت كەلتۈرگەن بولسىمۇ، بۇ يەنە ئۆز نۆۋىتىدە، چەتئەل ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ بېسىمى شۇنداقلا چەتئەللەرنىڭ يەر تەۋرەش ئاپىتىگە ئۇچرىغان رايونلارغا بەرگەن نەچچە مىليون دوللار ئىئانە سوممىسى خىتاي ھۈكۈمىتىنىڭ يەر تەۋرەش بەلۋېغىدا ئولتۇرۇشلۇق ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭ تۇرالغۇ مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلۈشىگە سەۋەب بولدى.
مەزكۇر ئېغىر ئاپەتتىن كېيىن خىتاي ھۆكۈمىتى، 2004 - يىلى 2 - ئايدىن باشلاپ بەش يىل ئىچىدە، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ يەر تەۋرەش بەلۋېغىغا جايلاشقان نامرات دېھقانلارنى يەر تەۋرەشكە چىداملىق ئۆيلەرگە كۆچۈرۈش ئۈچۈن جەمئىي بىر مىليارد يۈەن مەبلەغ سېلىپ بۇنى ئۈچ يىلغا بۆلۈپ ئەمەلىيلەشتۇرىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
چىداملىق ئۆي مەبلىغى پەقەت بىر تامغا يەتتى
مانا ھازىر خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يەر تەۋرەشكە چىداملىق ئۆيلەرنى سېلىش قۇرۇلۇشىنىڭ ئاخىرقى مەزگىلى ھېسابلىنىدۇ. يەنى دائىرىلەر بۇ قۇرۇلۇشنى 2008 - يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە پۈتۈنلەي تاماملاپ ئۇيغۇر ئېلى بويىچە جەمئىي ئىككى مىليون 10 مىڭ نامرات دېھقاننى پىششىق خىشلاردا سېلىنغان چىداملىق يېڭى ئۆيلەرگە كۆچۈرۈپ كىرمەكچى.
نۆۋەتتە، يەر تەۋرەش بەلۋېغىدىكى بەزى ناھىيە -يېزىلاردا بىر قىسىم ئۆيلەر پۈتۈپ، يەر تەۋرەشتە ئۆيسىز قالغان بەزى دﯤهقانلار يېڭى ئۆيلەرگە كۆچۈپ كىرىشكە باشلىغان بولسىمۇ، يەنە بەزى يېزىلاردا يەر تەۋرەشكە چىداملىق ئۆيلەر قۇرۇلۇشى داۋاملىق ئېلىپ بېرىلماقتا.
گەرچە ھۆكۈمەت چىداملىق ئۆيلەر قۇرۇلۇشىغا مەخسۇس مەبلەغ ئاجراتقان بولسىمۇ، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ خەۋەرلىرىدىن شۇنداقلا خەلقنىڭ ئىنكاسىدىن مەلۇمكى يېڭى ئۆي قۇرۇلۇشى داۋامىدا مەسئۇل ئورۇنلار ھەم كادىرلارنىڭ خىيانەتچىلىك قىلىش، شەكىلۋازلىق، پارىخورلۇق قىلىشىغا ئوخشاش مەسىلىلەر كېلىپ چىقماقتا ئىكەن.
ئىلگىرى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ بۇ خىزمەتكە مەسئۇل ئورۇنلىرى تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىپ، ھەر قايسى نامرات يېزىلاردا سېلىنىۋاتقان بۇ چىداملىق ئۆيلەرنىڭ 201 ئىنىڭ ئۆلچەمسىز بولۇپ چىققانلىقى، بۇ ئۆيلەرنى پۈتۈنلەي بۇزۇپ باشقىدىن ياساشقا 3 مىليارد يۈەن كېتىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى، نۆۋەتتە يەر تەۋرەش بەلۋېغىغا جايلاشقان ئۇيغۇر يېزىلىرىدا يەر تەۋرەشكە چىداملىق ئۆي قۇرۇلۇشى ئېلىپ بېرىش سىياسىتىنىڭ ئەمەلىيلىشىشىدىمۇ ئوخشاشلا ئېغىر مەسىلىلەر مەۋجۇت. بۇ ھەقتە يېقىندا قەشقەرنىڭ كونا شەھەر ناھىيىسىنىڭ مەلۇم يېزىسىدىكى بىر دېھقان مەزكۇر ناھىيىنىڭ يېزىلىرىدا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان بىخەتەر ئۆيلەر قۇرۇلۇشىدىكى ئېغىر مەسىلىلەرنى ئاشكارىلىدى.
ناھىيە كادىرى: "بۇنى سورايدىغانغا نېمە ھەققىڭلار؟"
بىز بۇ دېھقاننىڭ ئىنكاسىغا ئاساسەن كونا شەھەر ناھىيىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ يەر تەۋرەشكە قارشى چىداملىق ئۆيلەر قۇرۇلۇشىغا مەسئۇل ئورنىغا تېلېفون قىلدۇق:
- ھۆكۈمەت ئىشخانىسىمۇ؟ - ھە كىمنى ئىزدەيسىز؟ - مەن ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىنىڭ مۇخبىرى، بىر مەسىلىنى سورىماقچىدىم. - ھە، سۆزلەڭ -ئاڭلىسام سىلەرنىڭ ناھىيىنىڭ يېزىلىرىدا بولۇپمۇ 6 - ھەمدە 7 - كەنتلىرىدە چىداملىق ئۆيلەر قۇرۇلۇشى ئېلىپ بېرىلىۋېتىپتىكەن، دېھقانلارنىڭ ئۆيىنىڭ پەقەت كوچىغا قاراپ تۇرىدىغانلا تەرىپىنى پىششىق كېسەكتە قىلىشتەك شەكىلۋازلىق مەسىلىلىرى يۈز بېرىۋېتىپتۇ، بۇ ھەقتە سىلەرنىڭ خەۋىرىڭلار بارمۇ؟ - بۇنداق ئىش بولۇشى مۇمكىنمۇ؟ سىلەر بۇنى قەيەردىن بىلدىڭلار؟ - بىز خەلق ئاممىسىدىن ئىگىلىگەن. - خەلق سىلەرگە ئىنكاس قىلامدۇ تېخى، بىزمۇ بۇنداق گەپنى ئاڭلاپ باقمىساق. ھۆكۈمەتنىڭ بۇ قۇرۇلۇشىنىڭ ئەمەلىيلىشىشى ئىنتايىن ياخشى كېتىپ بارىدۇ. - يېزىلاردا بۇنىڭ ئەمەلىيلىشىشىدە مەسىلە كۆرۈلگەن بولۇشى مۇمكىن بۇ ھەقتە ئىنكاس كەلمىدىمۇ؟ - ئەلۋەتتە ھەممە يەرلەر ھەر خىل مەسىلىلەردىن خالى بولالمايدۇ. - بىلىشىمىزچە، ھۆكۈمەت بۇ قۇرۇلۇشقا مەخسۇس مەبلەغ ئاجراتقان ئىكەن. - توغرا، ھەر بىر ئائىلىنىڭ يېڭى ئۆي قۇرۇلۇشىغا ئايرىم مەبلەغ بار، ئائىلە ئىقتىسادى ئەھۋالىغا قاراپ تەقسىم قىلىنىدۇ. - سىلەر مەبلەغنى ئاساسىي قاتلامغا چۈشۈرگەندىن كېيىن ئۇنىڭ ئەمەلىيلىشىش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈپ باقتىڭلارمۇ؟ - ئا.....، بۇنىڭدا ھېچقانداق مەسىلە يوق، سىلەر بۇ نەرسىلەرنى سوراپ نېمە قىلماقچى ؟ - چۈنكى بىزگە خەلقتىن ئىنكاس كەلگەنلىكى ئۈچۈن بىز پەقەت ھەقىقىي ئەھۋالنى ئىگىلەپ كۆرمەكچى.ئەمەلىي ئەھۋالنىمۇ سوراشقا بولمامدۇ؟ - سەن..... نېمە ئۇ ئاسىيا ئەركىن رادىئوسى، بۇ يەردە سىلەرنىڭ بىزنى زىيارەت قىلىدىغان نېمە ھەققىڭلار بار؟ بۇ ئەلۋەتتە يالغان گەپ، سىلەر بەزى ئۆسەكچىلەرنىڭ يالغان گەپلىرىگە ئالدىنىپ قاپسىلەر، مەن بۇ ئىشقا مەسئۇل ئادەم ئەمەس، ئىگىسىنى تېپىپ زىيارەت قىلىڭلار. - ئۇنداقتا بۇ ئەھۋاللاردىن خەۋىرىڭىز يوق تۇرۇپ، نېمىگە ئاساسەن بۇنداق ئەھۋال يوق دەپ جاۋاب بېرىسىز. - مەن مۇشۇ يەردە ئىشلەيدىغان تۇرسام ئەلۋەتتە بىلىمەن - دە. نەدىن تېلېفون قىلىۋاتىسىز؟ - ئامېرىكا ۋاشىنگىتوندىن
ئۇ تېلېفون تۇرۇپكىسىنى تاشلىۋەتتى.
2006 - يىلىدا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت، قەشقەر، ئاقسۇ قاتارلىق جايلاردىكى يەر تەۋرەشكە چىداملىق ئۆيلەر قۇرۇلۇشىغا مەسئۇل 12 ئورگاننى ھۆكۈمەتنىڭ يېڭى ئۆي قۇرۇش ۋەزىپىسىنى ۋاقتىدا ياخشى تاماملىغان ئىلغار ئورۇنلار قاتارىدا مۇكاپاتلىغان ئىدى. (گۈلچېھرە)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- يېقىن كەلگۈسىدە تەڭرىتاغدا ئېغىر يەر تەۋرەشى مۇمكىن ئىكەن
- خىتاينىڭ بىخەتەر ئۆي قۇرۇلۇشى ئۇيغۇرلارغا قانداق مەنپەئەت ئىلىپ كەلدى؟
- خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تەشۋىقاتى بىلەن ئەمەلىيىتى بىردەكمۇ ؟
- ئاپەت قالدۇرغان يارىلار
- يەر تەۋرەشكە چىداملىق ئۆيلەر قۇرۇلۇشى ئۈچۈن دېھقانلار كۆپ چىقىم تارتماقتا
- جياڭشىدا قاتتىق يەر تەۋرىدى
- ئاپەتتە قالغان نامرات خەلقنى غەمدىن خالىي قىلىش قۇرۇلىشى خەلقنى غەمگە سالماقتا
- ئۈچتۇرپاندىكى يەر تەۋرەش ئاپىتىگە ئۇچرىغان خەلقلەر تېخىچە چېدىردا ياتماقتا
- ئۈچتۇرپاندىكى يەر تەۋرەش ئاپىتى بولغان رايونلارغا ھەقىقىي ياردەم قىلىنىۋاتامدۇ؟
- يەر تەۋرەش ئاپىتىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان خەلقلەر قىيىنچىلىققا دۈچ كەلمەكتە
- ئۈچتۇرپان ناھىيىسىدە 23 مىڭدىن ئوشۇق كىشى يەر تەۋرەش ئاپىتىنىڭ زىيىنىغا ئۇچرىدى
- ئۇچتۇرپاندىكى ئاپەتكە ئۇچرىغان خەلقلەر قىيىنچىلىققا ئۇچرىماقتا
- ئۇچتۇرپاندا قاتتىق يەر تەۋرىدى