ئۇلۇغچاتتا يەر تەۋرىدى
2007.04.16
تەڭرىتاغ تور بېتىدە بېرىلگەن خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە، 16 - ئاپرىل كۈنى ئۈرۈمچى ۋاقتى تاڭ سەھەر 4 تىن 20 مىنوت ئۆتكەندە، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئۇلۇغچات ناھىيىسىدە 4.9 بال يەر تەۋرىگەن. گەرچە بۇ قېتىمقى يەر تەۋرەشتە ئادەم ئۆلۈش ۋەقەسى يۈز بەرمىگەن بولسىمۇ، مەزكۇر ناھىيىنىڭ ئوقسالۇر دېگەن كەنتىدىكى ھۆكۈمەت بىناسى ۋە بىر قىسىم ئائىلىلىكلەرنىڭ ئۆيلىرىگە ئوخشىمىغان دەرىجىدە دەز كەتكەن. بىز مەزكۇر ۋەقەدىن خەۋەردار بولغاندىن كېيىن، مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا ۋە شۇنداقلا يەر تەۋرەش مەركىزىگە تېلېفون قىلىپ، تەكشۈرۈش ئېلىپ باردۇق.
يەر تەۋرەش مەركىزى بولۇپ ھىسابلانغان ئوقسالۇر كەنتىنىڭ ھۆكۈمەت بىناسى ۋە شۇنداقلا مەزكۇر جايدىكى ئائىلىلىكلەر ئولتۇرۇشلۇق ئۆيلەرنىڭ توققۇزىغا ئوخشىمىغان دەرىجىدە دەز كەتكەن، ھەمدە دەز كەتكەن ئائىلىلىكلەر ئولتۇرۇشلۇق ئۆيلەرنىڭ 5 ئى خەتەرلىك ئۆيلەر قاتارىغا كىرگەن.
بىز ئاپتونوم رايونلۇق يەر تەۋرەش ئىدارىسى، ئۇلۇغچات ناھىيىلىك ھۆكۈمەت ئورنى ۋە شۇنداقلا يەر تەۋرەش مەركىزى دەپ كۆرسىتىلگەن ئۇقسالۇر كەنتىگە تېلېفون قىلىپ، تەپسىلىي ئەھۋاللارنى ئىگىلىمەكچى بولدۇق. لېكىن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئاپتونوم رايونلۇق يەر تەۋرەش ئىدارىسىدىكىلەر ئۆزلىرىنىڭ بۇ ھەقتە چەتئەل رادىئو ئىستانسىلىرىغا ھېچقانداق مەلۇمات بېرەلمەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
يەرلىك ھۆكۈمەت ئورۇنلىرىدىكىلەر بولسا " كەچۈرىسىلەر، بۇ ھەقتىكى ئەھۋالنى يۇقىرىدىن ئادەم كېلىپ ئېگىلەپ بولغان. مۇناسىۋەتلىك ماتېرىيالنىڭ ھەممىسىنى ئۇلار ئېلىپ كەتتى. بىز بۇ ھەقتە سىلەرنىڭ زىيارىتىڭلارنى قوبۇل قىلالمايمىز" دەپ زىيارىتىمىزنى رەت قىلدى. لېكىن ئوقسالۇر كەنتىنىڭ دەز كەتكەن ھۆكۈمەت بىناسىدا دىجورنىلىق قىلىۋاتقان بىر خىزمەتچى بۇ قېتىمقى يەر تەۋرەشتە ھۆكۈمەت بىناسىدىن باشقا يەنە ئائىلىلىكلەر ئۆيلىرىنىڭ تاملىرىغىمۇ ئاساسىي جەھەتتىن چاك كەتكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلدى.
بىز بۇ قېتىمقى يەر تەۋرەش ۋەقەسى يۈز بەرگەن ئوقسالۇر كەنتىدىكى بىر قىسم ئائىلىلىكلەر بىلەنمۇ سۆھبەتتە بولدۇق. زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان مەزكۇر كەنتتىكى بىر قىرغىز دېھقان بۇ قېتىمقى يەر تەۋرەش ۋەقەسىدىن بۇرۇن كەنت رەھبەرلىرىنىڭ ھەربىر ئۆيگە كىرىپ، ئاھالىلەرنى ھۆكۈمەت سېلىپ بەرگەن بىر ئېغىزلىق يەر تەۋرەشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۆيىگە كىرىپ تۇرۇشقا بۇيرۇق قىلغانلىقىنى مەلۇم قىلدى.
زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان بۇ دېھقاننىڭ مەلۇم قىلىشىچە، ھۆكۈمەت يېقىنقى 3 يىلدىن بۇيان مەزكۇر يېزىدىكى ئائىلىلىكلەرگە، مەيلى ئۇلارنىڭ جان سانى قانچە بولۇشىدىن قەتئىي نەزەر، پەقەت بىر ئېغىزدىنلا يەر تەۋرەشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۆيى سېلىپ بېرىشكە باشلىغان. شۇڭا جان سانى كۆپلەر بىر ئېغىز ئۆيگە پاتمىغانلىقتىن، يەر تەۋرەش خەۋىرى كەلگەندە ۋاقىتلىق شۇ بىر ئېغىز ئۆيگە چىقىپ تۇرغىنى بىلەن، يەر تەۋرەش خەتىرى ئۆتكەندىن كېيىنلا يەنە ئۆزلىرىنىڭ كونا ئۆيىگە چىقىۋالىدىكەن. زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان بۇ دېھقان ئۆزىنىڭ ئۆيىدىمۇ جەمى 7 جان بار ئىكەنلىكىنى، قوشۇمچە يەنە بىر ئېغىز ئۆي سېلىشقا پۇلى يوق ئىكەنلىكىنى سۆزلەپ بەردى. زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان بۇ دېھقان سۆھبەت جەريانىدا يەنە، ھازىر مەزكۇر كەنتتە، كادىرلارنىڭ ھەممىسى كەڭتاشا ، يەر تەۋرەشنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان سىمونت ئۆيلەردە ئولتۇرۇۋاتقانلىقىنى، لېكىن دېھقانلارنىڭ يەنە 3 تەن بىرىنىڭ مۇ شۇ بىر ئېغىزلىق ئۆيگىمۇ ئېرىشەلمەيۋاتقانلىقىنى مەلۇم تەكىتلىدى. (مېھرىبان)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- يەر تەۋرەشكە چىداملىق ئۆيلەر قۇرۇلۇشىنىڭ بۇ يىللىق پىلانى ئورۇنلىنىش جەريانىدا مەسىلىلەر كۆپەيمەكتە
- غەمگە پاتقان يەر تەۋرەش بەلۋېغى
- ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونى تەبىئىي جۇغراپىيىلىك ئاپەتلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا مەبلەغ ئاجراتماقچى
- خوتەندە 3. 4 بال يەر تەۋرىدى
- ئۇيغۇر ئېلىنىڭ قىش پەسلىدە كۆرۈلۈۋاتقان ئىللىقلىق تەبىئىي ئاپەتلەردىن دېرەك بەرمەكتە
- يېقىن كەلگۈسىدە تەڭرىتاغدا ئېغىر يەر تەۋرەشى مۇمكىن ئىكەن
- خىتاينىڭ بىخەتەر ئۆي قۇرۇلۇشى ئۇيغۇرلارغا قانداق مەنپەئەت ئىلىپ كەلدى؟
- ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبى ئاز ئۇچرايدىغان قار ئاپىتىگە دۇچ كەلدى