يەر تەۋرەشكە چىداملىق ئۆيلەر قۇرۇلۇشىدا مەسىلە كۆپ


2007.06.12

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئاپەت رايون ھەمدە نامرات يېزىلاردا ئېلىپ بېرىۋاتقان يەر تەۋرەشكە چىداملىق ئۆيلەر قۇرۇلۇشى كېلەر يىلىغىچە تاماملانماقچى. ئەمما ئىگىلىگەن مەلۇماتلىرىمىزغا قارىغاندا ھۆكۈمەت مەخسۇس مەبلەغ ئاجراتقان بۇ قۇرۇلۇش جەريانىدا نۇرغۇن ساختىلىقلار مەۋجۇت بولۇپ، دېھقانلارنى چىداملىق ئۆيلەرگە كۆچۈرۈش خىزمىتىگە مەسئۇل يەرلىك كادىرلار بۇ جەرياندا ھوقۇقىدىن پايدىلىنىپ خىيانەتچىلىك قىلمىشلىرىدىن ساقلىنالمىغان.

لېكىن خىتاي دائىرلىرى يەنىلا بۇ يەر تەۋرەشكە چىداملىق ئۆيلەر قۇرۇلۇشى ئىشلىرىنىڭ مەسىلىلەردىن خالى ھالدا ئىنتايىن ياخشى تەلتۆكۈس ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى تەشۋىق قىلماقتا.

يەر تەۋرەش ئاپىتىنىڭ زىيانلىرى

2003 - يىلى 24 - فېۋرال پەيزىۋات ۋە مارالبېشى ناھىيىلىرىنى ئاساس قىلىپ يۈز بەرگەن 6.8 بال دەرىجىدىكى يەر تەۋرەش، ئۇيغۇر ئېلى تارىخىدا يۈز بەرگەن ئەڭ ئېغىر يەر تەۋرەش ئاپىتى بولۇپ، 50 مىڭدىن ئارتۇق خەلق ئاپەتكە ئۇچرىدى.خىتاي ھۆكۈمەت مەتبۇئاتلىرى ئەينى چاغدا، مەزكۇر يەر تەۋرەشتە ئۆلگەنلەر سانى 268، يارىلانغانلار 4000 دىن ئاشتى، 8800 ئۆي ئۆرۈلدى، يەنە 900دىن ئارتۇق سىنىپلار ئۆرۈلدى دەپ خەۋەر ئېلان قىلدى، ئەمما چەتئەل مەتبۇئاتلىرى ھەمدە يەرلىك ئامما، ئاپەتكە ئۇچراش ئەمەلىي ئەھهۋالىنىڭ ئۇنىڭدىنمۇ ئېغىر بولغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

مەزكۇر ئاپەتتىن كېيىن خىتاي ھۆكۈمىتى مۇشۇنىڭغا ئوخشاش تەبىئىي ئاپەتلەرنىڭ تېخىمۇ كۆپ زىيانلار كەلتۈرۈپ چىقىرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ئۇيغۇر ئېلىدىكى يەر تەۋرەش بەلۋېغىغا جايلاشقان قەشقەر، ئاتۇش، ئاقسۇ، خوتەننىڭ بەزى جايلىرىنى ئاساس قىلغان، نامرات ھەم ئاپەت رايونلىرىدا 2004 - يىلى2 - ئايدىن باشلاپ بەش يىل ئىچىدە، نامرات دﯤهھقانلارنى يەر تەۋرەشكە چىداملىق ئۆيلەرگە كۆچۈرۈش ئۈچۈن، جەمئىي بىر مىليارد يۈەن مەبلەغ سېلىپ بۇنى ئۈچ يىلغا بۆلۈپ ئەمەلىيلەشتۇرىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.ھازىر خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يەر تەۋرەشكە چىداملىق ئۆيلەرنى سېلىش قۇرۇلۇشىنىڭ ئاخىرقى مەزگىلى ھېسابلىنىدۇ.

خىتاي دائىرىلىرىنىڭ خەلىققە بەرگەن ۋەدىلىرى

دائىرىلەر بۇ قۇرۇلۇشنى 2008 - يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە پۈتۈنلەي تاماملاپ ئۇيغۇر ئېلى بۇيىچە جەمئىي ئىككى مىليون 10 مىڭ نامرات دېھقاننى پىششىق خىشلاردا سېلىنغان چىداملىق يېڭى ئۆيلەرگە كۆچۈرۈپ كىرمەكچى.

بىر قانچە كۈندىن بۇيان قەشقەر ۋىلايەتلىك ھۆكۈمەتنىڭ تور بېتىدە قەشقەردە سېلىنىۋاتقان يەر تەۋرەشكە چىداملىق ئۆيلەر قۇرۇلۇشىنىڭ % 99 نىڭ ئۆلچەمگە لايىق ئىكەنلىكى،ھەر بىر ئائىلىنىڭ پىششىق كېسەكتىن سېلىنغان چىداملىق ئۆيلەرگە كۆچۈپ كىرىشى ئۈچۈن كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان ياردەم سوممىسىنىڭ 18مىڭ 700يۈەن ئەتراپىدا ئىكەنلىكىنى، دۆلەت ھەمدە يەرلىك ھۆكۈمەت دائىرلىرى ئاجراتقان بۇ مەبلەغنىڭ جايىدا ئىشلىتىلىپ قۇرۇلۇش جەريانىدا ھېچقانداق مەسىلە كۆرۈلمىگەنلىكى، قۇرۇلۇشنىڭ پىلانلىغان ۋاقىتتىن بۇرۇن پۈتكۈزۈشكە كاپالەتلىك قىلىدىغانلىقى ھەققىدە مەخسۇس خەۋەرلەر بېرىلدى.

قۇرۇلۇشنىڭ چىداملىغى توغرىسىدىكى تېلېفون زىيارىتىمىز

بىز قەشقەر يېزىلىرىدا سېلىنىۋاتقان يەر تەۋرەشكە چىداملىق ئۆيلەر قۇرۇلۇشىنىڭ ئەھۋالى ھەققىدە تېخىمۇ تەپسىلى مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن مەلۇم يېزىنىڭ كەنت كادىرىنى زىيارەت قىلغان بولساقمۇ ئۇ كىشى سوئاللىرىمىزغا چالا - پۇچۇق جاۋاب قايتۇردى.

گەرچە بۇ كەنت كادىرى يەر تەۋرەشكە چىداملىق ئۆيلەر قۇرۇلۇشىنىڭ ياخشى ئۈنۈملۈك ئېلىپ بېرىلىۋاتقانلىقىنى ئېيتقان بولسىمۇ ئەمما دەل شۇ يېزىدىكى بىر دېھقان بولسا بۇ قۇرۇلۇشنىڭ ھۆكۈمەت تەشۋىقاتىدا ئېيتىلغاندەك ئەمەسلىكىنى يەنىلا كۆپ ساندىكى دېھقاننىڭ ئۆينى پۈتتۈرۈشكە قۇربى يەتمەيۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

ئىلگىرىمۇ بۇ ھەقتە قەشقەردىكى بەزى دېھقانلار رادىئومىزغا ئىنكاس قىلىپ، ھەتتا بەزى يېزىلاردا يەر تەۋرەشكە چىداملىق ئۆيلەر قۇرۇلۇشىغا مەسئۇل يەرلىك كادىر ھەم ئورۇنلارنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئورۇنلارنىڭ تەكشۈرۈشىدىن ئۆتۈش ئۈچۈنلا ياسالمىلىق قىلىپ دېھقانلارنىڭ ئۆيلىرىنىڭ كوچا تەرەپكە قارايدىغان تاملىرىنىلا پىششىق كېسەكتە قۇرۇپ قويغانلىقىنى بۇ جەرياندا شەكىلۋازلىق، خىيانەتچىلىك قىلمىشلىرىنىڭ ئېغىرلىقىنى مەلۇم قىلغان ئىدى. (گۈلچېھرە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.