0:00 / 0:00
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ غەربنى ئېچىش شامىلىدا گەرچە ئۇيغۇرلارنىڭ چوڭ شەھەرلىرىدە ھەيۋەتلىك بىنالار ۋە فابرىكىلار كۆپلەپ سېلىنغان بولسىمۇ، ئەمما كەڭ ئۇيغۇر خەلقى بۇ ئۆزگىرىشلەردىن ئۆز مىۋىسىنى ئالالماي كەلمەكتە. بولۇپمۇ ئۇيغۇر يېزىلىرىدىكى دېھقانلار يەرلىرىنى، ئۆيلىرىنى مەجبۇرى تارتقۇزۇپ قويۇپ، يەر-زېمىنسىز قالغان.
يېقىندا ئاتۇش شەھىرىنىڭ ئەتراپىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆي-زېمىنلىرىنى خىتاي شىركەتلىرىگە تارتقۇزۇپ قويۇپ، خانىۋەيران بولغانلىقى ھەققىدە كۆپلىگەن مەلۇماتلار ئوتتۇرىغا چىقتى.
بۇ ھەقتىكى مەلۇماتلارنى، گېرمانىيىدىكى ئىختىيارى مۇخبىرىمىز ئەكرەمدىن ئاڭلاڭ.