خىتاي ھۆكۈمىتى يەر -زېمىن مەسىلىسى ھەققىدە يېڭى سىياسەت بېكىتتى


2006.09.06

سەيشەنبە كۈنى خىتاي ھۆكۈمىتى يەر -زېمىن باشقۇرۇش مەسىلىسى ھەققىدە بېكىتكەن يېڭى سىياسىتىنى ئېلان قىلدى ھەمدە بۇندىن كېيىن يەر زېمىن مەسىلىسىنى بىر تەرەپ قىلىشتا، چوقۇم مەزكۇر سىياسەت بويىچە ئىش بېجىرىش كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

خىتاي ھۆكۈمىتى ئېلان قىلغان بۇ قېتىمقى يەر-زېمىن باشقۇرۇش سىياسىتىدە مۇنداق بەلگىلىمىلەر ئوتتۇرىغا قويۇلغان: "بۇندىن كېيىن يەر -زېمىن قانۇنىغا خىلاپلىق قىلغۇچىلارنى بىر تەرەپ قىلىش كۈچىنى تېخىمۇ ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك، يەر ئىشلىتىشتە مەنپەئەت تەقسىماتىغا خىلاپ قىلمىشلارغا زەربە بېرىشنى كۈچەيتىش كېرەك، دۆلەت زېمىنىدىن پايدىلىنىش ھوقۇقىنى يەرلىككە ئۆتكۈزۈپ بېرىش ئارقىلىق يەرلىكنىڭ قالايمىقان يەر ئىگىلەش قىلمىشلىرىنى توساش كېرەك".

ئانالىزچىلار گۇمانىي قاراشتا

گەرچە خىتاي ھۆكۈمىتى يەر -زېمىن باشقۇرۇش مەسىلىسى ھەققىدە يېڭى سىياسەت ئېلان قىلىپ، باشقۇرۇش كۈچىنى تېخىمۇ چىڭىتىش كېرەكلىكىنى جاكارلىغان بولسىمۇ، يەر - زېمىنىدىن ئايرىلىپ قېلىۋاتقان، ھۆكۈمەتنىڭ سىياسىتىدىن ئۈمىدسىزلەنگەن خەلق ۋە شۇنداقلا بۇ ھەقتە تەتقىقات ئېلىپ بېرىۋاتقان بىر قىسىم ئانالىزچىلار، خىتاينىڭ بۇ قېتىمقى يېڭى سىياسىتىنىڭ ھەقىقىي ئىجرا قىلىنىشىغا يەنىلا گۇمان بىلەن قارىماقتا.

"خىتاي يەر ‏- زېمىن" جۇرنىلىنىڭ مەسئۇلى ليۇ ئەپەندى "ھازىر يەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ يەر -زېمىن قانۇنىغا خىلاپلىق قىلىپ، خالىغانچە يەر ئىگىلەپ، يەر تەستىقلىشى يەرلىك مالىيە مەسىلىسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. 94 ‏- يىلى ئوتتۇرىغا چىققان "يەر ‏- زېمىن سودا سىياسىتى" دىن كېيىنلا، يەرلىك ھۆكۈمەت ئۆز ئىقتىسادى مەنپەئەتىنىلا كۆزدە تۇتۇپ، يەر ئىگىلەش ۋە يەر سېتىش سودىسىغا بېرىلىپ كەتكەن. ئەگەر بۇ مەسىلە توغرا بىر تەرەپ قىلىنمايدىكەن، ھەر قانداق سىياسەت بېكىتىلگىنى بىلەن، يەنىلا ھېچقانداق ئۈنۈمى بولمايدۇ" دەپ كۆرسەتتى.

ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئەھۋال تېخىمۇ ئېغىر

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، مەيلى خىتاي ئۆلكىلىرىدە بولسۇن ياكى ئۇيغۇر ئېلىدە بولسۇن، يەر زېمىن مەسىلىسى ھەققىدە تۈرلۈك توقۇنۇشلار يۈز بەرمەكتە. مەسىلەن، خىتاي ئۆلكىلىرىدە يەر مەسىلىسى تۈپەيلىدىن، دېھقانلار بىلەن يەرلىك ھۆكۈمەت ئوتتۇرىسىدا قاتتىق توقۇنۇشلار يۈز بەرمەكتە ھەتتا ئامانلىقنى ساقلاش ساقچىلىرىمۇ، ئۆز يېرىدىن ئايرىلىپ قېلىپ داۋاغا كەلگەن پۇقرالارنى قوغداش بۇياقتا تۇرسۇن، ئۇلارغا تەھدىت ئىشلىتىپ، ئۇلارنى تۇتقۇن قىلىدىغان ئەھۋال ناھايىتى كۆپ ئۇچرايدىغان بولغان.

ئۇيغۇر ئېلىدە بولسا، بۇ خىل توقۇنۇشلار گەرچە خىتاي ئۆلكىلىرىدىكىدەك ئوچۇق ‏-ئاشكارە ئوتتۇرىغا چىقمىغان بولمىسىمۇ، يەر ‏- زېمىن مەسىلىسى ھەققىدە نارازىلىق بىلدۈرگۈچىلەر يەنىلا خىلى كۆپ ساننى ئىگىلىگەن.

ئامېرىكىدا تۇرۇشلۇق، بۇندىن ئىلگىرى ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش ئارمىيىسىدە ئۇزۇن يىل ئىشلىگەن ئۇيغۇر زىيالىيسى ئىلشات ئەپەندى ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش ئارمىيىسىنىڭ ئەزەلدىن تۈرلۈك زومىگەرلىك قىلمىشلىرى ئارقىلىق، ئۇيغۇرلارنى ئۆز ماكانىدىن قوغلاپ، ئەڭ ياخشى جايلارغا ئىگە بولۇپ كېلىۋاتقانلىقىنى سۆزلەپ كېلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتى يېقىندا چىقارغان بۇ يېڭى سىياسەتنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە ھېچقانداق رولى بولمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. (مېھرىبان)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.