ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش ئارمىيىسىدە ئىشلىگەن ئۇيغۇر زىيالىيسى يەر -زېمىن مەسىلىسى ھەققىدە توختالدى
2006.09.07
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، گەرچە خىتاي ھۆكۈمىتى يەر - زېمىن مەسىلىسى ھەققىدە داۋاملىق يېڭى سىياسەتلەرنى چىقىرىپ، يەر -زېمىن قانۇنىغا يېڭى مەزمۇنلارنى قوشۇپ كېلىۋاتقان بولسىمۇ، پۇقرالارنىڭ يەر -زېمىنى يەرلىك ھۆكۈمەت تەرىپىدىن خالىغانچە تارتىۋېلىنىدىغان ھەتتا تارتىۋېلىنغان جاينىڭ تۆلەم ھەققىنى بەرمەيدىغان ئەھۋاللار خىتاينىڭ ھەممىلا جايىدا دېگىدەك مەۋجۇت بولۇپ تۇرماقتا. خىتاي ئۆلكىلىرىدە بۇ خىل ئەھۋال كۈنسېرى ئېغىرلاشقانلىقتىن، يەرلىك خەلق مەركىزى ھۆكۈمەت ئورۇنلىرىغا بېرىپ داۋا قىلىشقا باشلىغان. لېكىن داۋا قىلغۇچىلار داۋاملىق ساقچىلار تەرىپىدىن باستۇرۇلۇپ ھەتتا قولغا ئېلىنىپ، زىددىيەت تېخىمۇ كۈچىيىشكە باشلىغان. ئۇيغۇر ئېلىدە بولسا، گەرچە بۇ خىل توقۇنۇشلار ئوچۇق ئاشكارا ھالدا ئوتتۇرىغا چىقمىغان بولسىمۇ، ئۆز ماكانىدىن ئايرىلىپ قېلىۋاتقان ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ھۆكۈمەتكە بولغان نارازىلىقى بارغانسېرى كۈچەيگەن.
يېقىندا رادىئومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان، بۇندىن ئىلگىرى ئۇزۇن يىل ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش ئارمىيىسىدە ئىشلىگەن ئۇيغۇر زىيالىيسى ئېلشات ئەپەندى "يەر مەسىلىسىگە كەلسەك، خىتاي ئۆلكىلىرىدە، مەيلى قانداق بولۇشتىن قەتئىي نەزەر، يەر زېمىنىدىن ئايرىلىپ قالغانلار يۇقىرىلاپ داۋا قىلىش ئەركىنلىكىگە ئىگە. لېكىن ئۇيغۇر ئېلىدە بولسا، ئۆز ماكانىدىن ئايرىلىپ قېلىۋاتقان ئۇيغۇرلار ھەرگىزمۇ خىتايلار بىلەن تەڭ تۇرالمايدۇ " دەپ تەكىتلەپ، ئۆزى تۇرغان ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش ئارمىيىسىنىڭ يەر مەسىلىسىدە نەقەدەر زومىگەرلىك قىلىدىغانلىقىنى ئاشكارىلىدى.
ئېلشات ئەپەندى سۆھبەت جەريانىدا، يەر زېمىنىدىن ئايرىلىپ قالغان بىر قىسىم ئۇيغۇرلار گەرچە يەر مەسىلىسى ھەققىدە ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش ئارمىيىسىنى ئەرز قىلىپ داۋا قىلىشقا تىرىشقان بولسىمۇ، ئاخىرقى ھېسابتا سوتتا يەنىلا يېڭەلمەيدىغانلىقىنى ھەتتا تۆلەم پۇلىغىمۇ تولۇق ئېرىشەلمەيدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.
ئېلشات ئەپەندى سۆھبەت جەريانىدا يەنە، خىتاي ئۆلكىلىرىدە يەرسىز قالغان خىتاي دېھقانلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىگە كېلىپ، بىنەم يەر ئاچىمىز دەپ، نۇرغۇن يەرگە ئىگە بولۇۋاتقانلىقىنى ھەتتا نامرات ئۇيغۇر دېھقانلىرىنى قۇل قىلىپ ئىشلىتىدىغانلىقىنى ئېيتتى. (مېھرىبان)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- خىتاي ھۆكۈمىتى يەر -زېمىن مەسىلىسى ھەققىدە يېڭى سىياسەت بېكىتتى
- قەشقەرنىڭ ئوبرازى ئۆزگەرتىلمەكتە
- ئۆز يېرىدە كۈن كۆرەلمىگەن خىتاي دېھقانلىرى ئۇيغۇر ئېلىدە بېيىماقتا
- ئۆز تېرىلغۇ يىرىدىن ئايرىلىپ قېلىۋاتقان دېھقانلار بارغانسېرى كۆپەيمەكتە
- ئاقسۇ شەھەر يېڭى بازاردىكى ئۇيغۇرلار مەجبۇرى كۆچۈرۈلمەكتە
- غۇلجىدىكى مەجبۇرىي ئۆي كۆچۈرۈشكە قارشىلىق قىلىپ يارىلانغان ئابدۇكېرىم خەتەر باسقۇچىدىن ئۆتتى
- خىتاي ساقچىلىرى غۇلجىدا مەجبۇرىي كۆچۈرۈلۈشكە قارشى چىققان بىر ئۇيغۇرغا ئوق چىقاردى