ئۆز تېرىلغۇ يىرىدىن ئايرىلىپ قېلىۋاتقان دېھقانلار بارغانسېرى كۆپەيمەكتە


2006.07.27

خىتاي ئەمگەك ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، ئۆتكەن 10 يىل ئىچىدە، تەخمىنەن 40 مىليون دېھقان ئۆز تېرىلغۇ يېرىدىن ئايرىلىپ قالغان بولۇپ، بۇندىن كېيىنكى 5 يىل ئىچىدە ئۆز يېرىدىن ئايرىلىدىغان دېھقانلار سانى يىلىغا 3 مىليوندىن كۆپىيىدىكەن، 2010 - يىلىغا بارغاندا، تەخمىنەن 55 مىليون دېھقان ئۆز تېرىلغۇ يېرىدىن ئايرىلىپ قالىدىكەن.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان خىتاينىڭ ھەر قايسى ئۆلكىلىرىدە، دېھقانلارنىڭ يەر مەسىلىسى ھەقىقەتەن ناھايىتى ئېغىر مەسىلىگە ئايلانغان، يەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ دېھقانلارغا بېسىم ئىشلىتىپ ئۇلارنىڭ تېرىلغۇ يېرىنى قۇرۇلۇش ئىشلىرىغا ئىشلىتىدىغان قانۇنسىز قىلمىشلىرى بارغانسېرى ئەۋج ئېلىپ، دېھقانلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقى ئېغىر دەرىجىدە دەپسەندە بولغان.

ئەمەلىي سان ھۆكۈمەت ئېلان قىلغاندىن كۆپ

دېھقانلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىگە ئىزچىل ھالدا كۆڭۈل بۆلۈپ كېلىۋاتقان دېھقان ۋەكىلى ليۇ جېڭيۆ ئەپەندى بۇ ھەقتە توختىلىپ" ھازىر خىتايدىكى دېھقانلارنىڭ يەر مەسىلىسى ئېغىر ھالەتتىكى ئىجتىمائىي مەسىلىگە ئايلاندى. ھۆكۈمەت بۇ ھەقتە گەرچە نۇرغۇن ھۆججەتلەرنى چۈشۈرگەن بولسىمۇ، مەسىلىنى ھەل قىلىشتا، ھەقىقىي چارە -تەدبىرلەرنى قوللانمىدى " دەپ تەكىتلەپ، ئۆز يېرىدىن ئايرىلىپ قېلىۋاتقان دېھقانلار سانىنىڭ ھۆكۈمەتنىڭ ئېلان قىلغىنىدىنمۇ كۆپ ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

"مەنچە ھەقىقىي سان ھۆكۈمەت تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان بۇ ساندىن خېلىلا ئېشىپ كەتكەن بولۇپ، ھازىرنىڭ ئۆزىدە ئۆز يېرىدىن ئايرىلىپ قالغان دېھقانلار سانى 70 مىليونغا يەتكەن. دېھقانلار مەسىلىسىنىڭ ئۇزۇندىن بۇيان بىر تەرەپ قىلىنماسلىقىدىكى سەۋەب يەنىلا مەركىزى ھۆكۈمەتتە. چۈنكى مەركىزى ھۆكۈمەت يەرلىك ھۆكۈمەت ئورۇنلىرىنىڭ يەر باشقۇرۇش قانۇنىغا خىلاپلىق قىلىپ، دېھقانلارنىڭ يېرىنى بۇلاڭ -تالاڭ قىلىپ، ئۇلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىنى خالىغانچە دەپسەندە قىلىۋاتقانلىقىغا يەنىلا يول قويۇپ كەلمەكتە. بۇ يىل 3 ‏- ئايدا ۋېن جياباۋ دېھقانلار مەسىلىسى ھەققىدە مەخسۇس سۆز قىلىپ 'تېرىلغۇ يەرلەرنى قوغداش تۈزۈمىنى ياخشى ئىجرا قىلىش كېرەك، دېھقانلارنىڭ يېرىنى ئىشلىتىشكە توغرا كەلسە، ئۇلارغا يېتەرلىك تۆلەم ھەققى بېرىش كېرەك' دەپ كۆرسەتكەن، مەركىزى ھۆكۈمەتمۇ بۇ ھەقتە نۇرغۇن ھۆججەتلەرنى چۈشۈردى، لېكىن تاھازىرغا قەدەر ھېچقانداق ئەمەلىي ھەرىكەت ئېلىپ بېرىلغىنى يوق. مەملىكەتنىڭ ھەر قايسى ئۆلكىلىرىدىكى يېزىلاردا دېھقانلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقى يەنىلا خالىغانچە دەپسەندە قىلىنماقتا. قانۇنغا خىلاپلىق قىلىپ دېھقانلارنى خالىغانچە بوزەك قىلىۋاتقان يەرلىك ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى يەنىلا ئۆز بىلگىنىنى قىلىپ جازالانمىدى. بۇ خىل ھالەتنى كۆرگەن ھەر قانداق ئادەم، مەركىزى ھۆكۈمەت زادى نېمە قىلىۋاتىدۇ، ئۇلار نېمە ئۈچۈن دېھقانلارغا زىيان ئېلىپ كېلىۋاتقان بۇ ئەمەلدارلارنى جازالىمايدۇ' دەپ نەپرەتلىنىدۇ".

مۇناسىۋەتلىك مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، ئۆز تېرىلغۇ يىرىدىن ئايرىلىپ قېلىۋاتقان لياۋنىڭ، سىچۇئەن ۋە جياڭسۇ قاتارلىق خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى دېھقانلار يەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ تېرىلغۇ يەرلەرنى مەجبۇرىي تارتىۋېلىش قاتارلىق بولمىغۇر قىلمىشلىرىغا قارشىلىق بىلدۈرۈپ توختىماي مەركىزى ھۆكۈمەت ئورۇنلىرىغىچە بېرىپ داۋا قىلىپ كەلگەن. ئۇلار ھەتتا خۇ جىنتاۋ ۋە ۋېن جيا باۋ قاتارلىق دۆلەت رەھبەرلىرىگە خەت يېزىش ئارقىلىق، يەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ قانۇنسىز قىلمىشلىرىنى پاش قىلغان. دۆلەت رەھبەرلىرىدىن دېھقانلارنىڭ ھوقۇقىنى قوغداش ھەققىدە ياردەم سورىغان.

ئەمەلىي چارە قوللىنىلمىسا چوڭ ۋەقە يۈز بېرىدۇ

رادىئومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ليۇ جېڭيۆ ئەپەندى سۆزىدە يەنە " ئەگەر مەركىزى ھۆكۈمەت دېھقانلار مەسىلىسىنى تېزدىن بىر تەرەپ قىلىشتا، جىددىي چارە -تەدبىر قوللانماي، ئەتىدىن كەچ كىرگىچە قۇرۇق شۇئار توۋلاپ، قۇرۇق ھۆججەت چۈشۈرۈش بىلەنلا بولىدىكەن، ئۇنداقتا ۋەزىيەت تېخىمۇ ناچارلىشىپ، چوڭ ۋەقە يۈز بېرىدۇ " دەپ بىلدۈردى.

"شۇڭا بۇ مەسىلە ئەگەر مەركىزى ھۆكۈمەت تەرىپىدىن تېزدىن بىر تەرەپ قىلىنمايدىكەن، دېھقانلار تېخىمۇ زور زىيانغا ئۇچرايدۇ. قۇرۇق شۇئار توۋلاپ، قۇرۇق ھۆججەت چۈشۈرۈش بىلەنلا مەسىلىنى ھەل قىلغىلى بولمايدۇ. ھازىر ئۆز ھوقۇقىنى قوغدايمەن دېگەن دېھقانلار نازارەت قىلىنىپ، زىيانكەشلىككە ئۇچراپ ھەتتا قولغا ئېلىنىپ قاماققا تاشلانماقتا. بۇ خىل ئەھۋاللارنى مەركىزى ھۆكۈمەت كۆرۈپ تۇرۇپ بىر تەرەپ قىلمايۋاتقانلىقى كىشىنى بەكمۇ ئۈمىدسىزلەندۈرىدۇ".

گەرچە خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى دېھقانلار يەرلىك ھۆكۈمەت تەرىپىدىن بۇلاڭ- تالاڭ قىلىنىپ، ئۆز يېرىدىن ئايرىلىپ قىلىۋاتقان بولسىمۇ، ئۇيغۇر ئېلىگە ئېقىپ كىرگەن خىتاي دېھقانلىرى قىسقا ۋاقىت ئىچىدە نەچچە يۈز مو يەرگە ئىگە بولۇپ، ئۇيغۇر دېھقانلىرىدىن نەچچە ھەسسە ياخشى تۇرمۇش كەچۈرمەكتە. لېكىن ئۇيغۇر دېھقانلىرى بولسا تۈگىمەس ھاشار ئەمگىكىدىن باش كۆتۈرەلمەي، ئۆز تېرىلغۇ يېرىدىن ۋاز كېچىشكە مەجبۇر بولماقتا. (مېھرىبان)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.