ئۆز يېرىدە كۈن كۆرەلمىگەن خىتاي دېھقانلىرى ئۇيغۇر ئېلىدە بېيىماقتا
2006.07.28
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى دېھقانلار ئۆز يەر -زىمىنىنى تاشلاپ، شەھەرلەرگە كىرىپ مەدىكارلىق قىلىدىغان ئەھۋال ئېغىرلىشىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۆز تېرىلغۇ يېرىدىن ئايرىلىپ قالغۇچىلار سانىمۇ بارغانسېرى كۆپەيگەن. لېكىن ئادەمنى ھەيران قالدۇرىدىغىنى، ئۆز زېمىنىدا يەرسىز قالغان بۇ خىتاي دېھقانلىرى ئۇيغۇر ئېلىگە ئېقىپ كىرىپ، قىسقىغىنە ۋاقىت ئىچىدە تۈرلۈك يوللار ئارقىلىق، تەسەۋۋۇر قىلغۇسىز ھالەتتە بېيىپ كەتكەن.
يېقىندا رادىئومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبى رايونىدىكى بىر ئۇيغۇر دېھقان مەزكۇر جايدىكى ئۇيغۇر ۋە خىتاي دېھقانلىرىنىڭ تۇرمۇش سەۋىيىسىنىڭ ئاسمان - يەر پەرقلىنىدىغانلىقىنى سۆزلەپ بەردى. ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، مەزكۇر جايغا خىتاي ئۆلكىلىرىدىن ئېقىپ كېلىۋاتقان دېھقانلار سانى بارغانسېرى كۆپىشىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۇلارنىڭ تۇرمۇش سەۋىيىسىمۇ ناھايىتى تېز سۈرئەتتە ئۆرلەپ كەتكەن. شۇنداقلا ھەرقانداق بىر خىتاي دېھقىنىنىڭ نەچچە يۈز مۇ ھەتتا مىڭ مولاپ يېرى بولۇپ، ئۇلار ھېچقاچان ئۇيغۇر دېھقانلىرىغا ئوخشاش ھاشار ئەمگىكىگە چىقىپ باقمىغان، ئەكسىچە، ھاشاردىن باش كۆتۈرەلمەي، ئۆز تېرىلغۇ يېرىدىن ۋاز كەچكەن ئۇيغۇر دېھقانلىرى باي خىتاي دېھقانلىرىنىڭ ئېتىزىدا كۈنلۈك ئىشلەيدىكەن.
بۇ ھەقتىكى تەپسىلى مەلۇماتلارنى، مۇخبىرىمىز مېھرىباندىن ئاڭلاڭ.
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- ئۆز تېرىلغۇ يىرىدىن ئايرىلىپ قېلىۋاتقان دېھقانلار بارغانسېرى كۆپەيمەكتە
- ئاقسۇ شەھەر يېڭى بازاردىكى ئۇيغۇرلار مەجبۇرى كۆچۈرۈلمەكتە
- ئۇيغۇر ئېلىنىڭ تەرەققىياتى كىملەرگە مەنپەئەت ئېلىپ كېلىۋاتىدۇ؟(2)
- ئۇيغۇر ئېلىنىڭ تەرەققىياتى كىملەرگە مەنپەئەت ئېلىپ كېلىۋاتىدۇ؟(1)
- غۇلجىدىكى مەجبۇرىي ئۆي كۆچۈرۈشكە قارشىلىق قىلىپ يارىلانغان ئابدۇكېرىم خەتەر باسقۇچىدىن ئۆتتى