ئۇيغۇرلار ئەنقەرەدىكى يەرمەنكىگە قاتناشتى
2005.03.08

ئۇيغۇر ۋەكىللىرى يەرمەنكىسىدىن بىر كۆرۈنۈش
تۈركىيىنىڭ ئەنقەرە شەھىرىدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ھەمكارلىق جەمئىيىتى 8-مارت ئاياللار بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن ئەنقەرەدە ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان خەلقئارالىق سودا يەرمەنكىسىگە قاتنىشىپ، مەتبۇئات باياننامىسى تارقاتتى.
ئەنقەرەدىكى ئاتا تۈرك مەدەنىيەت مەركىزىدە ئېچىلغان خەلقئارالىق سودا يەرمەنكىسىگە، خىتاي قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ شىركەتلىرى قاتناشقان بولۇپ، بېرىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ھەمكارلىق جەمئىيىتى بۇ يەرمەنكىگە ئۇيغۇر ئاياللىرىغا ئائىت كېيىم-كېچە، زىبۇ – زىننەتلەر ۋە ئۇيغۇرچە كىتاب-ژورناللارنى قويدى.
بۇ ھەقتىكى تەپسىلىي مەلۇماتلارنى تۈركىيىدىكى ئىختىيارى مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىمدىن ئاڭلاڭ.
©
2005 Radio Free Asia