ئۇيغۇر ۋەكىللىرى رامىزان ئېيىدا خەلقئارا يەرمەنكىدە
2006.09.25

رامازان ئېيى مۇناسىۋىتى بىلەن ئەنقەرەنىڭ كەچىئورەن رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن خەلقئارا يەرمەنكە ئۆتكۈزۈلدى. بۇ يەرمەنكىگە مىسىر، ئازەربايجان، كىرىم تاتارلىرى، خىتاي ۋە تايلاندقا ئوخاشاش دۆلەتلەردىن باشقا تۈركىيىنىڭ 81 ۋىلايىتىدىنمۇ شىركەتلەر قاتناشماقتا.
ئۇيغۇرلاردىن شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى ئەنقەرە شۆبىسى بۇ يەرمەنكىدە بۆلمە ئېچىپ ئۇيغۇرلارنىڭ مىللى كىيىم كېچەكلىرىنى، چالغۇ ئەسۋابلىرىنى، قول ھۈنەرۋەنچىلىك بويۇملىرىنى تونۇتماقتا. 30 كۈن داۋام قىلىدىغان بۇ يەرمەنكىدە ھەر كۈن ئاخشام بىر دۆلەت ياكى بىر ۋىلايەت ئۆزلىرىنىڭ مىللى سەنئىتىنى تونۇتىدىغان بولۇپ، 10-ئاينىڭ 14-كۇنى ئۇيغۇر كېچىلىكىگە ئايرىلغان. بۇ خەلقئارا يەرمەنكە ھەققىدە مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن.
بۇ يەرمەنكىنى ئورۇنلاشتۇرغان كەچىئورەن رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ئىبراھىم تەرزىئوگلى بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، يەرمەنكىنى ئۆتكۈزۈشتىكى مەقسىتى ئۈستىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى:
بۇنى ئۆتكۈزۈشتىكى مەقسىتىمىز رايونىمىز بىر مىليونلۇك نوپۇسقا ئىگە بىر رايوندۇر. رامازان بويىچە خەلقىمىزنىڭ سودا - سېتىق قىلىش، ئىپتاردىن كېيىن كۆڭۈل ئېچىش ۋە ھەرقايسى دۆلەت ۋە ۋىلايەتلەرنىڭ ئۆزىگە ھاس مەدەنىيىتىنى تونۇتۇش مەقسىتى بىلەن ئۆتكۈزىۋاتىمىز. بۇ ھەم تىجارەت ھەم مەدەنىيەت پائالىيىتىدۇر.
ئىبراھىم تەرزىئوغلى ئەپەندى بۇ يەرمەنكىدە شەرقىي تۈركىستان بۆلمىسىنى ئېشىشنىڭ ئەھمىيىتى ئۈستىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى:
مەن ھازىر ئۇيغۇر تارىخچى ھاجى ياقۇپ ئاناتنىڭ ماقالىلىرىنى ئوقۇۋاتىمەن، شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى تۈركىيىنىڭ تاشقى سىياسەتتىكى ئەڭ ئاجىز نوقتىسى. بىز تۈرك مىللىيەتچىلىرى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن ھەر دائىم شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ يېنىدا بولۇپ كەلدۇق. رايون باشلىقىمىز بىر باغچىغا ئەيسا يۈسۈپ ئالپتەكىنىڭ ئىسمىنى بەرگەندە خىتاي ئەلچىخانىسى مەسۇللىرى بىز بىلەن كۆرۈشۈشنى تەلەپ قىلغان ئىدى. بىز بۇ تەلىپىنى رەت قىلغان ئىدۇق. بىز مەھمۇت قەشقىرى، يۈسۈپ ھاس ھاجىپلارنىڭ ئەۋلادى بولغان ئۇيغۇر تۈركلىرىنىڭ تاتىۋاتقان زۇلىمىغا قاراپ تۇرالمايمىز. كۆڭلىمىز دۆلىتىمىزنىڭمۇ ئىگە چىقىشىنى ئارزۇ قىلاتتى. ئەمما بەكلا پاسسىپ قەلىۋاستىدۇ. شۇڭا بىز بۇ خىل يەرمەنكىلەردىمۇ بولسا ئۇيغۇر تۈركلىرىگە يەر بېرىپ، ئۇلارنىڭ دەردىنى تۈرك جامائەتچىلىكىگە ئاڭلىتىشىغا شەرت شارائىت يارىتىپ بېرىمىز. رامازان بويىچە بۇ يەرنى ئونمىڭلارچە كىشى زىيارەت قىلىدۇ. شۇڭا بۇ داۋانى ئاڭلىتىش ئۈچۈن بۇيەر تولىمۇ مۇۋاپىق.
ئۇيغۇر بۆلۈمىنى ئاچقان شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى ئانكارا شۆبە باشلىقى خايرۇللاھ ئەفەندىگىل ئەپەندىمۇ بۇز ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىدى.
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- تۈركىيىنىڭ كاستامونۇ ۋىلايىتىدە ئۇيغۇر مەسىلىسى كۈنتەرتىپكە كەلدى
- تۈركىيىدە شەرقىي تۇركىستان دەۋاسىغا توھپە قوشقانلارنى مۇكاپاتلاش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى
- ئىستانبۇل كۆرگەزمە ۋە قۇرۇلتاي مەركىزىدە تۈرك دۇنياسى كونسېرت كېچىلىكى ئۆتكۈزۈلدى
- تاغغا يامىشىش تەنتەربىيەچىلىرى شەرقىي تۇركىستاننىڭ كۆك بايرىقىنى ئەرجىيەس تېغىغا تىكتى
- تۈركىيىدە ئۆتكۈزۈلگەن ئەرجىيەس زەفەر قۇرۇلتىيىدا ئۇيغۇرلار تونۇشتۇرۇلدى