ئەنقەرەدە ئۇيغۇرلار خەلقئارا يەرمەنكىگە قاتناشتى

abdullah-tursun.jpg
يەرمەنكىگە قاتناشقان ئابدۇللا تۇرسۇن ئەپەندى خېرىدارلار بىلەن. RFA

14 – فېۋرال كۈنى كېلىدىغان ئاشىق – مەشۇقلار بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن تۈركىيىنىڭ ئەنقەرە شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن خەلقئارالىق سوغاتلىق بۇيۇملار يەرمەنكىسىگە ئۇيغۇر شىركەتلىرىمۇ قاتناشتى.

4-فېۋرالدىن 14-فېۋرالغىچە داۋاملىشىدىغان بۇ يەرمەنكىگە ھىندىستان، رۇسىيە، خىتاي ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا تۈركىي جۇمھۇرىيەتلىرىدىن بولۇپ 200 گە يېقىن شىركەت قاتناشقان. ئۇيغۇرلارمۇ يەرمەنكىدە 5 يەرمەنكە بۆلۈمى ئاچقان ۋە ئۇيغۇرلارغا خاس بولغان سوغاتلىق بويۇملارنى يەرمەنكىگە قويغاندىن سىرت، ئۇيغۇرلارنى تونۇتىدىغان كىتاب ژورناللارنىمۇ كۆرگەزمىگە قويغان.

بۇ مۇناسىۋەت بىلەن تۈركلىيىدىكى ئىختىيارى مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم يەرمەنكە رايونىغا بېرىپ، يەرمەنكىگە قاتناشقان ئۇيغۇرلاردىن ئابدۇللا تۇرسۇننى زىيارەت قىلدى. زىيارىتىمىز جەريانىدا، ئابدۇللا تۇرسۇن ئەپەندى تۈركلەرنىڭ ئۇيغۇر ماللىرىغا قىززىقىدىغانلىقىنى، ئۆزىنىڭ بۇ خىلدىكى يەرمەنكىلەرگە ئاكتىپ قاتنىشىپ، ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ۋە نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتىنى تۈرك قېرىنداشلارغا تونۇشتۇرىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى. زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان يەنە بىر ئۇيغۇر، تۈركلەرنىڭ ئۇيغۇر ماللىرىغا قىززىققانلىقىنىڭ يەنە بىر سەۋەبى ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

بۇ ھەقتە تەپسىلى مەلۇماتلارنى، تۈركىيىدىكى ئىختىيارى مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىمدىن ئاڭلاڭ.