ئۇيغۇرلارنىڭ قول ھۈنەرۋەنچىلىك بۇيۇملىرى تۈركىيىدە يەرمەنكىدە قويۇلدى
2004.12.09
تۈركىيىنىڭ ئەنقەرە شەھىرىدىكى "ئاتا تۈرك مەدەنىيەت مەركىزى" دە ئېچىلغان خەلقئارالىق سوغاتلىق بويۇملار يەرمەنكىسىگە 35 دۆلەت ۋە رايوندىن كەلگەن ئۆمەكلەر قاتنىشىۋاتقان بولۇپ، تۈركىيىدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى قاتناشتى.

ئۇلار يەرمەنكىدە ئۇيغۇرلارنىڭ دوپپىلىرى، نەققاشلىرى، ئەتلەسلىرى ۋە گىلەملىرىنى كۆرگەزمە قىلىش بىلەن بىللە، تۈركىيىدە نەشر قىلىنغان، ئۇيغۇرلارغا ئائىت كىتاب - ژورناللارنىمۇ كۆرگەزمە قىلىندى.
تۈركى جۇمھۇرىيەتلەر يەرمەنكە ئاچقان رايوندا شەرقىي تۈركىستان دەپ لوزۇنكا ئېسىلغان بولۇپ، بۇ زىيارەتچىلەرنىڭ ئالاھىدە دىققىتىنى تارتتى. ئۇيغۇر يەرمەنكە رايونىدا يېتەكچى بولىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئابدۇللا ئاقيول ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، بۇ يەرمەنكە ھەققىدە سۆزلىدى.
يەرمەنكىگە كەلگەن تۈرك دوستلار ۋە ئۆزبېكىستان بەدىئىي ئاكادېمىيىسىنىڭ يەرمەنكىگە كەلگەن ۋەكىلى مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىمنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ ئۇيغۇرلار ۋە يەرمەنكە ھەققىدە سۆزلىدى.
بۇنىڭ تەپسىلاتىنى ئەنقەرەدىكى ئىختىيارى مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىمدىن ئاڭلاڭ.