ئۇيغۇرلار خەلقئارا يەرمەنكىدە
2006.07.25
قەيسىرىدىكى دۇنيا تىجارەت مەركىزىدە خەلقارا توقۇمىچىلىق مەھسۇلاتلىرى يەرمەنكىسى ئۆتكۈزۈلمەكتە. بۇ يەرمەنكىگە رۇسىيە، تايلاند، فىلىپپىن، كامبودجا ۋە خىتاي قاتارلىق كوپ ساندا دۆلەتلەردىن كەلگەن شىركەتلەر قاتناشماقتا. بۇ يەرمەنكىنى پۇرسەت بىلگەن شەرقىي تۇركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى بۇ يەرمەنكىدە شەرقىي تۇركىستان بۆلمىسى ئېچىپ ئۇيغۇرلارنى تونۇتۇۋاتقان بولۇپ، 7 - ئاينىڭ 21 - كۇنىدىن 30 - كۇنىگىچە داۋام قىلىدىغان بۇ يەرمەنكىنى ھەر كۈن ئونمىڭلارچە كىشى زىيارەت قىلىۋاتقان ئىكەن.
شەرقىي تۇركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى باشلىقى سېيىت تۇمتۈرك ئەپەندىنىڭ دىيىشىچە، بۇ بۆلۈمدە ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى تونۇتۇلغان رەسىم ۋە ھۈججەتلەر، ئۇيغۇرلار ھەققىدە تۈركىيىدە نەشىر قىلىنغان كىتاپ، جورنال ۋە گېزىتلەر، ئۇيغۇرلارنىڭ كىيىم كېچەكلىرى، سازلىرى ۋە بۈگۈن ئۇلار ئۇچراۋاتقان ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىلىرى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن رەسىملىك ماتېرىياللارمۇ قويۇلغان بولۇپ كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى ئالاھىدە قوزغىغان.
بۇ ھەقتىكى تەپسىلى مەلۇماتلارنى، تۈركىيىدىكى ئىختىيارى مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىمدىن ئاڭلاڭ.
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- دۇنياۋى فوتوگراف كۆرگەزمىسىدە شەرقىي تۈركىستان تېمىسى
- ئۇيغۇرلار ميۇنخېندا ئۆتكۈزۈلگەن مىللەتلەر مەدەنىيىتى كۆرگەزمىسىگە قاتناشتى
- بېشكېكتە ئۇيغۇر رەسسام تەلئەت مىررەخىموفنىڭ رەسىم كۆرگەزمىسى ئۆتكۈزۈلدى
- سىپېرۇس لەفكە ياۋروپا ئۇنىۋېرسىتېتىدا شەرقىي تۇركىستان تېمىسىدا كۆرگەزمە ئېچىلغان
- ئامېرىكىدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇر رەسسام گۈلباھار خانىمنىڭ رەسىم كۆرگەزمىسى ئالماتىدا ئېچىلدى