كلىمات ئۆزگىرىشى خەلقئارالىق سۆھبىتىدە ھەر قايسى دۆلەت رەھبەرلىرى ئىرادە بىلدۈردى

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا ئەزا يۈزگە يېقىن دۆلەتنىڭ رەھبەرلىرى 22 - سېنتەبىر كۈنى نيۇيوروكتا چاقىرىلغان دۇنيا كلىمات ئۆزگىرىشى يۇقىرى دەرىجىلىكلەر ئۇچرىشىشىغا قاتنىشىپ، كلىمات ئۆزگىرىشى ئېلىپ كېلىۋاتقان تەھدىتلىك مەسىلىلەر ھەم ئۇنىڭغا قارشى ھەمكارلىق ۋە تەدبىرلەر ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ باردى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﮔﯜﻟﭽﯧﻬﺮﻩ
2009.09.22
UN-Kilimat-Yighinida-Koriye-prezidenti-305.jpg ﺳﯜﺭﻩﺗﺘﻪ، 22 - ﺳﯧﻨﺘﻪﺑﯩﺮ، ﻛﻮﺭﯨﻴﻪ ﭘﺮﯦﺰﯨﺪﯦﻨﺘﻰ ﻟﯩﻲ ﻣﻴﯘﯓ، ﺋﺎﯞﺳﺘﺮﺍﻟﯩﻴﻪ ﺑﺎﺵ ﻣﯩﻨﯩﺴﺘﯩﺮﻯ ﻛﻪﯞﯨﻦ ﺭﻭﺩﺩ ﯞﻩ ﺭﯗﺳﯩﻴﻪ ﺑﺎﺵ ﯞﻩﻛﯩﻠﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺳﻪﻫﻨﯩﺪﻩ.
AFP Photo

بۇ خەلقئارالىق بۈيۈك يىغىلىشتا ئامېرىكا بىلەن خىتاينىڭ پوزىتسىيىسى نۇقتىلىق ئورۇندا تۇرىدۇ.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر يۇقىرى دەرىجىلىكلىرىنىڭ دۇنيا كلىمات ئۆزگىرىشى مەسىلىسى بويىچە سۆھبەت يىغىنى 22 - سېنتەبىر، سەيشەنبە كۈنى ب د ت نىڭ نيۇيوروكقا جايلاشقان باش شىتابىدا ئېچىلىشقا باشلىدى. بۇ يىغىن يەر شارى كلىمات مەسىلىلىرى بويىچە ئېچىلغان ئەڭ چوڭ خەلقئارالىق يىغىن ھېسابلىنىدۇ. بۈگۈن بۇ يىغىنغا 192 ئەزا دۆلەتلەر ۋەكىل ئەۋەتكەن، يۈزگە يېقىن دۆلەتنىڭ رەھبەرلىرى بۇ يىغىنغا بىۋاستە قاتناشقان.

بۇ يىغىن ئاساسلىقى بۇ يىل 12 ئايدا دانىيىنىڭ كوپېنھاگېن شەھرىدە ئۆتكۈزۈلىدىغان ب د ت كلىمات ئۆزگىرىشى يىغىنىغا قاتنىشىش ئالدىدىكى سۆھبەت يىغىنى بولۇپ، بۇ يىغىنغا قاتناشقان يۈزدىن ئارتۇق دۆلەت رەھبەرلىرى ۋە ھەر قايسى ۋەكىللەر دۇنيا كلىمات ئۆزگىرىشى مەسىلىلىرى ھەمدە يەر شارى خاراكتېرلىق ئىسسىپ كېتىش ھادىسىسى مەسىلىلىرى ئۈستىدە ئۆزلىرىنىڭ مەيدانىنى ئىپادە قىلىدۇ ھەمدە مۇۋاپىق سۆھبەتلەر ئېلىپ بارىدۇ.

يىغىننىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا سۆز قىلغان ب د ت باش كاتىپى بان كىممون ھەر قايسى يىغىن ۋەكىللىرى ھەم دۆلەت رەھبەرلىرىنى تىركىشىش ۋەزىيىتىگە يۈزلەنگەن كلمات ئۆزگىرىشى سۆھبىتىنى سىياسىي ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ ھالىتىگە ئېلىپ كىرىشكە، بۇنىڭ بىلەن كوپېنھاگېندا ئېلىپ بېرىلىدىغان كېلىشىمنلەرنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇشىغا بىرىنچى قەدەمنى ئورتاق بېسىشقا چاقىرغان. ئۇ " بىرىنچى قەدەمنى باسقاندىلا باشقا دۆلەتلەرمۇ قەدەم ئېلىشقا جۈرئەتكە كېلىدۇ " دېگەن.

يىغىننىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدە ئامېرىكا، خىتاي، ياپونىيە، رىۋاندا، شۋېتسىيە، كوستارىكا، فىرانسىيە قاتارلىق دۆلەت رەھبەرلىرى نوتۇق سۆزلىگەن.

ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئىرادىسى قەتئىي بولۇپ، 1990 - يىللاردىكى كېرەكسىز گاز قويۇپ بېرىش مىقدارى ئاساسىدا 2020 - يىلىغىچە قويۇپ بېرىش مىقدارىنى 20% كېمەيتىش شۇنداقلا تەرەققىي قىلغان ئەللەر قاتارىدا 30%كىچە كېڭەيتىشكە ماقۇللىقىنى ئىپادىلىگەن.

ئامېرىكا 2020 - يىلىغا قەدەر 1990 - يىلىدىكى كېرەكسىز گاز ئويۇپ بېرىش مىقدارى ئاساسىدا كېرەكسىز گاز مىقدارىنى 17% كېمەيتىش پىلانىنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئامېرىكا پرېزىدېنتى باراك ئوباما يىغىندا پوزىتسىيىسىنى ئىپادىلەپ " بىز بۇ بىر ئەۋلاد ئىنسانلار يەر شارى خاراكتېرلىق ھاۋا ئىسسىپ كېتىش ھادىسىسىنى جىددىي ھەل قىلالمىساق تارىخ بىزنى سوتلايدۇ، بۇ مەسىلە ھەل قىلىنمىغاندا كېيىنكى ئەۋلادلار توسۇپ قالغۇسىز تۇيۇقسىز ئاپەتلەرگە ئۇچرايدۇ "دەپ ئاگاھلاندۇرغان.
 
تەرەققىي قىلىۋاتقان ئەللەر ئىچىدە خىتاي، ھىندىستان، برازىلىيە قاتارلىق دۆلەت رەھبەرلىرىمۇ كېرەكسىز گاز قويۇپ بېرىش مىقدارىنى 1990 - يىلدىكىنى ئاساس قىلغاندا يەنە 25% تىن 40% كىچە كېمەيتىشنى ۋەدە بەرگەن. ياپونىيە بولسا ئۆزى بىلەن بىرگە ئۈچىنچى دۇنيا ئەللىرىنى 1990 - يىلىدىكى ئاساس بويىچە 45% كىچە كېمەيتىشكە چاقىرغان.

بۇ يىغىندا دۇنيادا ئەڭ زور كېرەكسىز گاز قويۇپ بېرىۋاتقان دۆلەتلەر بولغان خىتاي بىلەن ئامېرىكىنىڭ پوزىتسىيىسى نۇقتىلىق دىققەت تارتىۋاتقان بولۇپ، يىغىننىڭ بىرىنچى كۈنى، يىغىنغا قاتناشقان خىتاي رەھبىرى خۇجىنتاۋ ئۆز نۇتقىدا خىتايدا ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىغا ئەگىشىپ ئېشىپ بېرىۋاتقان كاربون تۆت ئوكسىدىنىڭ ھاۋاغا قويۇپ بېرىلىش مىقدارىنى كېمەيتىدىغانلىقى ھەققىدە ۋەدە بەرگەن ۋە بۇنىڭ بىلەن دۇنيا كلىمات ئۆزگىرىشىگە ئېلىپ كېلىۋاتقان تەسىرلىرىنى ئازايتىشقا بولغان ئىرادىسىنى ئىپادە قىلغان.

خۇ جىنتاۋ مۇنداق دېگەن : ‏"2020 - يىلىغا قەدەر جۇڭگو خەلق ئىگىلىكىدە ھەر بىر يۈئەن خەلق پۇلى كەلتۈرۈپ چىقارغان پارنىك ئېففېكتى گازىنىڭ قويۇپ بېرىلىش مىقدارىنى ئەڭ تۆۋەن چەكتە كونترول قىلىمىز."

كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، خىتاي گەرچە ئەزەلدىن كېرەكسىز گاز ھەمدە پارنىك ئېففېكتى گازىنى كونترول قىلىش ھەققىدە ۋەدىلەر بېرىپ كېلىۋاتقان بولسىمۇ، بۇ ۋەدىلىرى خىتاينىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى بىلەن بولغان زىددىيەتنىڭ تاناسىپىنى ساقلاپ كەلمەكتە، خىتاينىڭ كلىمات ئۆزگىرىشىدە بەرگەن ھەر قانداق ۋەدىسى ۋە ھەرىكىتىدە يەنىلا ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپ،ئىقتىسادىي تەرەققىياتىغا ھېچقانداق تەسىر ئېلىپ كەلمەسلىكنى ئاساس قىلماقتا.

ئانالىزچىلارنىڭ قارىشىچە، ئەمەلىيەتتە خىتاي كېرەكسىز گاز قويۇپ بېرىشنى چەكلەشتە جىددىي تەدبىر ئالمىغاندا، بۇ غايەت زور مۇھىت بۇلغاش دۆلىتى، دۇنيا مۇھىتىغا ئېغىر تەسىر كۆرسىتىش بىلەن تەڭ ئۆز ئىقتىسادى، ۋە تەبىئىي مۇھىتىغىمۇ زور ئاپەت ياغىدۇ."

ب د ت شۇنداقلا ياۋروپا ئىتتىپاقى شۇنداقلا نۇرغۇن ئەللەر، بۇ يىل ئاخىرىدىكى كوپېنھاگېندا كلمات ئۆزگىرىشىگە دائىر دۆلەتلەر ئارىسىدا ئېلىپ بېرىلىدىغان سۈلھى ھەم كېلىشىملەرنىڭ زىددىيەتلىك مەيدانغا ئايلىنىشىدىن ئەندىشە قىلماقتا.
 
دۇنيا كلىمات ئۆزگىرىشى سۆھبەت يىغىنىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدىن كېيىن مەزكۇر خەلقئارالىق بۈيۈك يىغىن جەريانىدا 8 نۆۋەت يۇمىلاق ئۈستەل سۆھبەتلىرى ئېلىپ بېرىلىدىغان بولۇپ، ئىككى ئايدىن كېيىن كوپېنھاگېن يىغىنىنىڭ مۇۋەپپەقىيىتى ئۈچۈن ئاساس يارىتىشقا دائىر مەسىلىلەر مۇزاكىرە قىلىنىدىكەن.
 
پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.