خىتاي يەتتە نەپەر پىدائىينى ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلدى

خىتاينىڭ تەڭرىتاغ خەۋەر تورى بۈگۈن، ئۆتكەن يىلنىڭ ئاخىرلىرىدا قەشقەردە يۈز بەرگەن 3 چوڭ قوراللىق ۋەقەنىڭ ئىجراچىلىرى بولغان نۇرمەمەت ئوبۇلقاسىم قاتارلىق 7 مەھكۇمغا ئۆلۈم جازاسى بېرىلگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.
مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2011.03.23
qeshqer-hujum-16-olum-305 2008‏-ﻳﯩﻠﻰ 4 - ﺋﺎﯞﻏﯘﺳﺖ ﺳﻪﻫﻪﺭﺩﯨﻜﻰ 2 ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻧﯩﯔ ﺧﯩﺘﺎﻱ ﻗﻮﺭﺍﻟﻠﯩﻖ ﺳﺎﻗﭽﯩﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﻫﯘﺟﯘﻣﯩﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ، ﺧﯩﺘﺎﻱ ﺳﺎﻗﭽﯩﻠﯩﺮﻯ ﭘﯜﺗﯜﻥ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭ ﻛﻮﭼﯩﻠﯩﺮﯨﺪﺍ ﺭﺍﺯﯞﯦﺪﻛﯩﻨﻰ ﻛﯜﭼﻪﻳﺘﻜﻪﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺳﯜﺭﻩﺗﺘﻪ، ﭼﺎﺭﻟﯩﻐﯘﭼﻰ ﺧﯩﺘﺎﻱ ﺳﺎﻗﭽﯩﻠﯩﺮﻯ ﭼﻪﺗﺌﻪﻟﻠﯩﻜﻠﻪﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺳﯚﺯﻟﻪﺷﻤﻪﻛﺘﻪ.
AFP Photo

ئەينى چاغدا رادىئومىز تەرىپىدىن ئارال ۋە يېڭىئېرىق ۋەقەسى دەپ خەۋەر قىلىنغان مەزكۇر ۋەقەلەر ئاساسلىقى خىتاينىڭ كۆچمەن سىياسىتىگە قارشىلىق بىلدۈرۈشنى مەقسەت قىلغان بولۇپ، ۋەقەدە 8 نەپەر خىتاي پۇقراسى ۋە بىر نەپەر ئامانلىق خادىمى ئۆلتۈرۈلگەن ئىدى.

ئارال ۋەقەسى خىتاينىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە 11-نويابىر تېررورلۇق ۋەقەسى دەپ تىلغا ئېلىنغان. خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە، بۇلتۇر ئاۋغۇست، ئۆكتەبىر ۋە نويابىر ئايلىرىدا قەشقەرنىڭ يېڭىشەھەر ناھىيىسىنىڭ ئارال ۋە يېڭىئېرىق يېزىسىدا ۋە مارالبېشىنىڭ ناھىيە بازىرىدا يۈز بەرگەن قوراللىق ۋەقەلەر نۇرمەمەت ئوبۇلقاسىم قاتارلىق 12 نەپەر پىدائىينىڭ پىلانلىق ۋە تەشكىللىك ھەرىكەت قىلىشى نەتىجىسىدە كېلىپ چىققان. پىدائىيلارنىڭ تەييارلىق ئىشلىرى 2008-يىلى 6 ‏-ئايدا باشلانغان. ئۇلار ئىككى يىلدىن ئارتۇق ۋاقىت ئىچىدە كۆپ قېتىم ئۇچرىشىش، باش قوشۇشۇش ۋە تەييارلىق قىلىش ئارقىلىق 2010-يىلى 8-ئايدا تۇنجى ھۇجۇمىنى باشلىغان. قىسقىغىنە 4 ئاي ئىچىدە ئارقا-ئارقىدىن 3 چوڭ ھۇجۇم ئېلىپ بېرىپ، خىتاي ھۆكۈمىتى ۋە كۆچمەنلىرى ئارىسىدا ئېغىر ۋەھىمە پەيدا قىلغان.

ئۇلارنىڭ ھۇجۇم نىشانلىرى ۋە ئامما ئارىسىدا تارقالغان ۋەقە ھەققىدىكى ئۇچۇرلاردىن قارىغاندا، ئۇلار خىتاينىڭ كۆچمەن سىياسىتىگە قارشىلىق كۆرسىتىشىنى ۋە ئۇيغۇر ئېلىگە ئېقىپ كېلىۋاتقان خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ سانىنى ئازايتىشنى ئاساسلىق مەقسەت قىلغان. ئۇلار ئۈزلۈكسىز ھەرىكەت ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن ھۇجۇم پائالىيەتلىرى داۋامىدا ئىقتىساد توپلاشنىمۇ مۇھىم ئورۇنغا قويغان. پىدائىيلار بۇلتۇر 8-ئاينىڭ 7-كۈنى مارالبېشىنىڭ ناھىيە بازىرىدىكى پىيادىلەر كوچىسىدا بىر زىبۇزىننەت دۇكىنىغا بېسىپ كىرىش داۋامىدا مۇ فامىلىلىك بىر خىتاي ئامانلىق خادىمىنى ئۆلتۈرگەن.

تەڭرىتاغنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، پىدائىيلار 10-ئاينىڭ 12-كۈنى بىر ئاپتوموبىل بىلەن يېڭىشەھەر ناھىيىسىنىڭ يېڭىئېرىق يېزىسىغا بېرىپ، يېزىدىكى خىتاي ئوتتۇرا مەكتىپىنىڭ مۇدىرىنىڭ قورۇسىغا كېچىدە تامدىن ئاتلاپ چۈشۈپ، ئۆيىگە باستۇرۇپ كىرگەن ۋە مۇدىرنى ئايالى بىرلىكتە باغلاپ قويۇپ مال-مۈلكىنى قولغا چۈشۈرگەن ئارقىدىن خىتاي مۇدىر بىلەن ئايالىنى ئۆلتۈرۈۋەتكەن. ئەمما خەۋەردە ئۇلارنىڭ ئۆلتۈرۈش جەريانىدا قانداق ۋاسىتە قوللانغانلىقى بىلدۈرۈلمىگەن.

يەنە خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە، پىدائىيلار بۇلتۇر 11-ئاينىڭ 11-كۈنى كېچىدە يېڭى شەھەر ناھىيىسىنىڭ ئارال يېزىسىدىكى ياڭ فامىلىلىك ئىككى ئاكا- ئۇكا خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ ئۆيىگە ھۇجۇم قىلغان. ئۇلار ئىككى ئىككى گۇرۇپپىغا بۆلۈنۈپ ئىككى ئۆيگە تەڭلا ۋاقىتتا ھۇجۇم قىلغان. ھۇجۇمدا كېرەكلىك مال-مۈلۈكلەرنى قولغا چۈشۈرگەندىن كېيىن ئىككى ئائىلىدىكى 6 كىشىنى ئۆلتۈرۈۋەتكەن. ئەمما خەۋەردە ئۆلگۈچىلەرنىڭ يېشى ۋە جىنسى بايان قىلىنمىغان.

بۇ 12 نەپەر پىدائىي نۇرمەمەت ئوبۇلقاسىم، ئىمىن داۋۇت، ئەمەت توختى، جۈمە ئابدۇۋايىت، ئەبەيدۇللا ئېزىز، نۇرېلىجان تۇرسۇن، نۇرمەمەت ھوشۇر، قۇربان نۇر، ئابدۇقادىر ساتتار، ئەركىن قادىر، ئەمەت قۇربان، ئابدۇللا ئېلى قاتارلىقلاردۇر. خىتاينىڭ قەشقەر ئوتتۇرا سوت مەھكىمىسى بۇلاردىن نۇرمەمەت ئوبۇلقاسىم قاتارلىق 7 كىشىنى ئۆلۈم جازاسىغا، قۇربان نۇر قاتارلىق 3 كىشىنى كېچىكتۈرمە ئۆلۈم جازاسىغا، ئەمەت قۇرباننى مۇددەتسىز قاماق ۋە ئابدۇللا ئېلىنى 20 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلغان. ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى سوت، خىتاي دۆلەتلىك ئالىي سوتى دېلونى تەكشۈرۈپ ئوتتۇرا سوتنىڭ يۇقىرىقى ھۆكۈمىنى تەستىقلىغان.

ھۆرمەتلىك رادىئو ئاڭلىغۇچىلار، قەشقەردىكى يەرلىك ئاھالىلەردىن ئىگىلىگەن بەزى ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، پىدائىيلار ئەسلىدە 2008-يىلىدىكى بېيجىڭ ئولىمپىكىگە قارشى ھەرىكەت قىلىش ئۈچۈن تەشكىللەنگەن. ئەمما ئەينى چاغدا ھەددىدىن زىيادە قاتتىق بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى ئېلىنغاچقا ئۇلار ھەرىكەت قىلىشقا ئامالسىز قالغان. يەنە تولۇقسىز مەلۇماتلاردا بايان قىلىنىشىچە، پىدائىيلار 2008-يىلىدىكى 4-ئاۋغۇست سەمەن يولى ۋەقەسىدىن ئىلھاملىنىپ تەشكىللەنگەن. ئۇلار ئابدۇراخمان ئازاد ۋە قۇربانجان ھېمىتقا ئوخشاش خىتاينىڭ ئەسكەرلىرىگە ھۇجۇم قىلىشنى پىلانلىغان بولسىمۇ ئەمما قورال-ياراق ۋە ئوق-دورا مەسىلىسىدە ئامالسىز قالغانلىقتىن ھۇجۇم نىشانىنى ئۆزگەرتكەن. يەنە كوچا پاراڭلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۇلارنىڭ ئىككى يىلدىن ئارتۇق تەييارلىق باسقۇچى ئاساسەن ئوق-دورا ياكى پارتلاتقۇچ تەييارلاشقا سەرپ قىلىنغان، ئەمما بۇ جەھەتتە نەتىجىگە ئېرىشەلمىگەچكە، ئاخىرى پىچاق ۋە توقماق قاتارلىق يەرلىك قوراللار بىلەن ھەرىكەتكە ئۆتكەن. خىتاينىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە پىدائىيلارنىڭ ھەرىكەت داۋامىدا قوللانغان قورالى ھەققىدە مەلۇمات بېرىلمىگەن.

يۇقىرىقى ئۇچۇردىن قارىغاندا، پىدائىيلارنىڭ تەييارلىق باسقۇچى ۋە ھۇجۇم پىلانلىرى ھەققىدە ئامما ئارىسىدا تارقالغان ئۇچۇرلارنىڭ توغرىلىقى ئىسپاتلانماقتا.

يۇقىرىدىكى ئۇلىنىشتىن مۇخبىرىمىزنىڭ ساقچى خىتاي خادىمى بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىنى ئاڭلىغايسىلەر.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.