ئۇيغۇر يېزا كادىرلىرى ھوقۇقىدىن پايدىلىنىپ نېمىلەرنى قىلالايدۇ؟


2005.06.24

خىتاي ھۆكۈمىتى مۇشۇ ئاينىڭ ئاخىرىدىن باشلاپ پۈتۈن خىتاي مىقياسىدا يېزا كادىرلىرىنىڭ قانۇنسىز قىلمىشلىرى ئۈستىدىن ئاشكارا تەكشۈرۈش ئېلىپ بارماقچى. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ پوزىتسىيىسىگە قارىغاندا ،بۇ قېتىم خەلقتىن پىكىر ئىگىلەش ھەمدە تەكشۈرۈپ ئىسپاتلاش ئارقىلىق قولغا چۈشكەن يېزا كادىرلىرىنى قاتتتىق بىر تەرەپ قىلماقچى ئىكەن. نۆۋەتتە خىتاينىڭ يېزىلىق مەمۇرىي ئورگانلىرىدىكى يېزا كادىرلىرى بەش مىليونغا يېتىدۇ،

ئۇيغۇر ئېلىدىن ئىگىلىشىمىزگە قارىغاندا، بىر قانچە يىللاردىن بۇيان، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدىكى يېزا - ناھىيە كادىرلىرىنى، خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى يېزا - ناھىيە كادىرلىرى بىلەن ئورنىنى ئالماشتۇرۇپ چېنىقتۇرۇشنى يولغا قويغان بولۇپ ، بۇنىڭ بىلەن ئەسلىدىنلا ئۇيغۇر يېزا - ناھىيە مەمۇرىيەت ئورنىدا سانى بىر قەدەر كۆپ بولغان خىتاي كادىرلار تېخىمۇ كۆپەيگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.