خىتاي ھۆكۈمىتى يېزا كادىرلىرىنىڭ قانۇنسىز قىلمىشلىرى ئۈستىدىن تەكشۈرۈش ئېلىپ بارماقچى

0:00 / 0:00

خىتاي خەلق تور بېتىدە، 22 - ئىيۇن بېرىلگەن خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى يېقىن ئارىدا، پۈتۈن مەملىكەت بويىچە يېزا كادىرلىرىنىڭ قانۇنسىز قىلمىشلىرى ئۈستىدىن ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش ئېلىپ بارماقچى ئىكەن.

چوڭ يەپ، چوڭ ئىچىش ئېغىر

مۇشۇ مەقسەتتە چارشەنبە كۈنى بېيجىڭدا خىتاي مەركىزىي ھۆكۈمىتى " يېزا كادىرلىرىنى ئوچۇق ئاشكارا تەكشۈرۈش مەخسۇس گۇرۇپپىسى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى" ئاچقان. يىغىندا، يېزا ئىگىلىكى، يېزا ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ، نۆۋەتتە يېزا كادىرلىرىنىڭ، ھوقۇقىدىن پايدىلىنىپ ھۆكۈمەتنىڭ يېزىلارغا ئاجراتقان مەخسۇس مەبلىغىدىن شەخسى پايدىلىنىپ، قالايمىقان خەجلەپ، چوڭ - يەپ چوڭ ئىچىپ، ئۆز ئالدىغا تۇپراق ئىگىلەپ، خەلقنىڭ نارازىلىقىنى قوزغايدىغان قانۇنسىز قىلمىشلىرىنىڭ تېخىمۇ گەۋدىلىنىۋاتقانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان. شۇ سەۋەبتىن خىتاي ھۆكۈمىتى مۇشۇ ئاينىڭ ئاخىرىدىن باشلاپ ئاساسلىق 8 ئۆلكىدە تەكشۈرۈشنى باشلايدىكەن.

خىتاينىڭ ئىستاتىستىكىلىق مەلۇماتىغا قارىغاندا، نۆۋەتتە خىتايدا 680 مىڭ يېزىلىق مەمۇرىيەت ئورگىنى بولۇپ، خىتاينىڭ ئەڭ ئاساسىي قاتلىمى ھېسابلانغان يېزىلىق مەمۇرىيەت ئورگانلىرىدا، يېزىلىق پارتكوم سېكرىتارىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان يېزا كادىرلىرىنىڭ سانى5 مىليونغا يېتىدۇ.

ئۇلار ئۆز باشقۇرۇش دائىرىسىدە بىۋاستە ھوقۇق يۈرگۈزۈش كۈچىگە ئىگە بولغاچقا، بۇ زور كۆلەمدىكى يېزا كادىرلار قوشۇنىنى سەل چاغلىغىلى بولمايدىكەن. خىتاي ھۆكۈمىتى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، يېزىلارنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىغا بەكرەك كۆڭۈل بۆلۈپ نۇرغۇن مەبلەغ ئاجراتقان بولسىمۇ، تەكشۈرۈشلەردىن بۇ مەبلەغنىڭ ئاز بىر قىسمى تېگىشلىك ئورۇنلارغا ئىشلىتىلگەن بولسىمۇ، كۆپ قىسمى ھەر قايسى يېزىلاردىكى ھوقۇقدارلار تەرىپىدىن يۈتىۋىتىلگەن.

بىر ئەمەلىي مىسال

خىتاي خەلق تور بېتىدىكى خەۋەردە، يېزا كادىرلىرىنىڭ قانۇنسىز قىلمىشلىرىغا ئائىت يېقىندا ئېنىقلانغان بىر دېلونى مىسال ئالغان بولۇپ، خېنەن ئۆلكىسىنىڭ كەيفىڭ شەھرىگە قاراشلىق زوڭجۇئاڭ يېزىسىدا تۆت مىليون يۇئەن يەر سېتىش مەبلىغىدىن 700مىڭ يۇئەن ئاممىنىڭ قولىغا بېرىلگەن بولسا، قالغان كۆپ قىسمىنى يېزىلىق كادىرلار يۇتقان، ئارىلىقتا يەنە 350 مىڭ يۇئەن ئۇلارنىڭ يەپ - ئىچىشىگە سەرپ قىلىنغان. بۇ دېلوغا مۇناسىۋەتلىك يېزا كادىرلىرى ھازىر قولغا ئېلىنىپ قانۇنىي جازاغا ئۇچرىغان.

ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئەھۋال

ئۇيغۇر ئېلىدىن رادىئومىزغا تېلېفون قىلغان ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭ ئىنكاسلىرىغا قارىغاندا ئۇيغۇر ئېلىنىڭ يېزا كادىرلىرىدىمۇ پارىخورلۇق، خىيانەتچىلىككە ئوخشاش قىلمىشلار ئىنتايىن ئېغىر بولۇپ، بولۇپمۇ بەزى كادىرلارنىڭ پەقەت ئۆزىنىڭ ھوقۇقىنىڭ يەنىمۇ ئۆسىشىنى مەقسەت قىلىپ، خەلقنى ئېزىپ يۇقۇرىغا دېھقانلارنىڭ ھەقىقىي قىيىنچىلىقلىرىنى مەلۇم قىلماسلىق، ھوققىنىدىن پايدىلىنىپ زومىگەرلىك قىلىش، پارىخورلۇق قىلىش ھەتتا قالايمىقان باج يىغىشقا ئوخشاش قىلمىشلىرى دېھقانلارنىڭ نارازىلىقىنى ئاشۇرماقتا ئىكەن.

بەزى دېھقانلارنىڭ پىكرىگە قارىغاندا، نۆۋەتتە خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدە پەقەت سىياسىي مۇقىملىقنى ساقلاشنى ئەڭ مۇھىم ئورۇنغا قويغاچقا، يېزا كادىرلىرى مۇشۇ خىل ۋەزىپىسىنى ياخشى ئورۇندىسىلا ھۆكۈمەت ئۇلارنىڭ باشقا جەھەتتىكى قانۇنسىز يولسىز قىلمىشلىرىغا سەل قاراپ كەلمەكتە ئىكەن.

بىر ئۇيغۇر دېھقاننىڭ دېيىشىچە، ئۇيغۇر ئېلىدە يېزا كادىرلىرىدىن باشلاپ يۇقىرى ئورگانلارغىچە ھوقوقدارلارنىڭ ھەممىسىدە مۇشۇنداق قانۇنسىز يولسىز قىلمىشلار مەۋجۇت بولغاچقا، ئۇلارنىڭ بولمىغۇر قىلمىشلىرىدىن سەسكەنگەن دېھقانلار نارازىلىقىنى قەيەرگە بېرىپ ئېيتىشنى بىلمەيدىكەن.

بىز ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىغا تېلېفون قىلىپ، نۆۋەتتە يېزا كادىرلىرىدا قايسى خىلدىكى ھوقۇقىدىن پايدىلىنىدىغان قىلمىشلارنىڭ نۇقتىلىق مەسىلە ئىكەنلىكىنى سورىدۇق. بىر خىتاي خادىم سوئالىمىزغا جاۋاب بېرىپ، مۇناسىۋەتلىك دائىرىلەر دائىم يېزىلاردىكى كادىرلار ئۈستىدىنمۇ تەكشۈرۈش ئېلىپ بارىدۇ، مېنىڭچە ئاساسلىقى يېزا كادىرلارنىڭ يەر ئاچقاندا ئۆز ئالدىغا قالايمىقان يەر ئىگىلەش مەسىلىلىرى بىر قەدەر ئېغىر دېدى. ئۇ يەنە قوشۇمچە قىلىپ، بۇ مەسىلىلەر ئاساسلىقى مىللىي كادىرلاردا ئېغىر، چۈنكى ئاساسىي قاتلامدا ئۇلار جىقراق، دېدى.

قەشقەرنىڭ مەلۇم يېزىسىدىن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان بىر ياش، نۆۋەتتە ئۇيغۇر ئېلىدە ھەقىقىي ھوقوق يۈرگۈزەلەيدىغان مەمۇرىي كادىرلارنىڭ كۆپۈنچىسىنىڭ خىتاي كادىرلار ئىكەنلىكى، ھەتتا قەشقەردىكى ئۇيغۇر يېزىلىرىدىمۇ يېزا كادىرلىرىنىڭ كۆپۈنچىسىنىڭ خىتايلار ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.(گۈلچېھرە)