خىتاي ھۆكۈمىتى يېزىلارنى تەرەققى قىلدۇرۇش ھەققىدە يېڭى پىلان تۈزدى


2006.03.09

خىتايدا ئېچىلىۋاتقان 10 ‏- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى جەريانىدا، يەنى چارشەنبە كۈنى خىتاينىڭ ھەرقايسى ئۆلكىلىرىدىكى يېزىلارنى تەرەققى قىلدۇرۇش مەسىلىسى ھەققىدە مەخسۇس ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىلدى ھەمدە بۇ ھەقتە بىر يۈرۈش يېزا تەرەققىياتىغا مۇناسىۋەتلىك يېڭى سىياسەتلەر ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

مەزكۇر يىغىنغا قاتناشقان مۇخبىرلار يېزىلاردا مەۋجۇت بولۇپ تۇرىۋاتقان، دېھقانلارنىڭ ئۆز يېرىدىن ئايرىلىپ قىلىش مەسىلىسى ھەققىدە تەكرار سوئاللارنى ئوتتۇرىغا قويغاندا، يېزا ئىگىلىك مىنىستېرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى يى چىنجې يەر مەسىلىسىنىڭ دېھقانلار ئۈچۈن ھەقىقەتەن ناھايىتى ئېغىر بىر مەسىلىگە ئايلانغانلىقىغا ھەمدە يىلىغا ئاز دېگەندە 1 مىليون دېھقاننىڭ ئۆز يېرىدىن ئايرىلىپ قېلىۋاتقانلىقىغا ئىقرار بولغان. خىتاي دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى دۇ يىن " دېھقانلارنىڭ يېرىنى ئەرزان باھادا سېتىۋېلىشنىڭ ئۆزى دېھقانلارنىڭ مەنپەئەتىگە زىيانكەشلىك قىلغانلىق. ھازىر بۇ خىل ئەھۋال ھەقىقەتەن ئېغىر. شۇڭا بۇ ھەقتە چوقۇم ئىسلاھات ئېلىپ بېرىشىمىز كېرەك " دەپ بىلدۈردى.

خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ قېتىمقى خەلق قۇرۇلتىيىدا، مەملىكەت بويىچە دېھقانچىلىق بېجىنى پۈتۈنلەي بىكار قىلىدىغانلىقىنى، 2007 - يىلىغا قەدەر يېزىلار مەجبۇرى مائارىپىدا، ئومۇميۈزلۈك ھالدا ئوقۇش پۇلى ۋە كىتاب پۇلى قاتارلىقلارنى بىكار قىلىدىغانلىقىنى ھەمدە 2008 - يىلىغا بارغاندا، يېزىلاردا ھەمكارلىشىپ داۋالاش تۈزۈمىنى ئومۇميۈزلۈك ئىجرا قىلىدىغانلىقىنى جاكارلىغان.

بېيجىڭدا ئېچىلىۋاتقان مەملىكەتلىك 10 ‏- نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىغا قاتناشقان ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ كومپارتىيە باش سېكرېتارى ۋاڭ لېچۈەن بۇندىن كېيىنكى 11 ‏- بەش يىللىق پىلان مەزگىلىدە، ئۇيغۇر ئېلىدە يېزىلارنى تەرەققى قىلدۇرۇش خىزمىتىنى ئەڭ ئاساسىي ئورۇنغا قويىدىغانلىقىنى ھەمدە ھۆكۈمەتنىڭ يېڭى سىياسىتىگە ئەگىشىپ، پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، بارلىق كۈچ بىلەن ئۇيغۇر يېزىلىرىنى تەرەققى قىلدۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

بۇ مۇناسىۋەت بىلەن، ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ باش كاتىپى ئالىم سېيىتوف ئەپەندى ۋە ئامېرىكىدا تۇرۇشلۇق ئۇيغۇر زىيالىيسى سىدىق ھاجى روزى ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزلىرىنىڭ بۇ ھەقتىكى قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.